− مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز
□ خەلق گېزىتى باش ماقالىسى
باھار تۈسىگە تولغان گۈزەل مەزگىلدە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى داغدۇغىلىق ئېچىلدى، 34 ساھەدىن كەلگەن 2100دىن ئارتۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى پايتەختكە جەم بولۇپ، دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىدۇ. بىز يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!
2024 - يىلى ناھايىتى ئالاھىدە بىر يىل بولدى، بۇ يىلدا بوران - چاپقۇن گىرەلىشىپ كەتكەن سىناق بار، شۇنداقلا بوران - چاپقۇنغا قارىماي كۈرەش قىلىش بار. تاشقى قىسىمدا بېسىم زورىيىۋاتقان، ئىچكى قىسىمدا قىيىنچىلىق كۆپىيىۋاتقان مۇرەككەپ، كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سالماقلىق بىلەن ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، ھەر تەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى پۇختا قەدەم بىلەن راۋاجلاندى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش پۇختا، كۈچلۈك بولدى، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەر ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلاندى. دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن، كىشىنى روھلاندۇرىدۇ، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنىڭ بارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق خەلق پارتىيە رەھبەرلىكىدە ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، تىرىشىپ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئاكتىپ ئامىللارنى تەرەققىيات ئەمەلىي نەتىجىسىگە ئايلاندۇرسىلا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش پاراخوتى چوقۇم دولقۇن يېرىپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلالايدۇ.
دەۋر بىلەن تەڭ قەدەمدە مېڭىپ، ۋەتەن بىلەن بىرلىكتە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، 75 يىللىق شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلدى. ئۆتكەن بىر يىلدا، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى چىڭ كۆزلەپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىپ مۇھاكىمە قىلىشتىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشتىن ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى بويىچە «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» پائالىيىتىدىن 6000 تۈرلۈكتىن ئارتۇقنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقىچە، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېرى، ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپە قوشتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سىياسىي تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك، ئەسقاتىدىغان تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسى، نەزەرىيە ئاساسى، ئەمەلىيەت ئاساسىغا ئىگە، روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ۋە روشەن سىياسىي ئەۋزەللىككە ئىگە.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە، بوران - چاپقۇنلۇق كۈنلەرمۇ، قۇياش نۇرى پارلاپ تۇرغان گۈزەل كۈنلەرمۇ بولىدۇ، يەنە شىددەتلىك بوران - چاپقۇن، ھەتتا دەھشەتلىك دولقۇنمۇ بولىدۇ. بىز ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.» ھازىر، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇققا قاراپ ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسىنىڭ مۈشكۈللۈكى، ئېغىرلىقى مىسلىسىز بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشكە جىددىي ئېھتىياجلىق. ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سەپ تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ بۇرچى شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتى زىممىسىدە. ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، بىرلىك سەپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ روشەن سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە قويغان تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئالغاندا، چوقۇم جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قەلبلەرنى مۇجەسسەملىگىلى، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىگىلى، ئەقىل - پاراسەتنى مۇجەسسەملىگىلى، كۈچنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.
كەڭ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ توپلاشنىڭ ئاچقۇچى مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. بۇ يىل «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، بىز مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىمىزگە تايىنىش، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك. بۇ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا قارىتا يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىختىساسلىقلار توپلاشقان، ئەقلىي كۈچ توپلانغان بولۇشتەك ئەۋزەللىككە ئىگە، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھەر ساھە ئامما بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە. كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ھېسسىياتى بىلەن ئىشلارنى قەلبكە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئاڭلىق ھالدا قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش، تەدبىر بەلگىلەش، مەسلىھەت بېرىش، كېڭىشىش دېموكراتىيەسى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى كونكرېت ئەمەلىيەتكە ئاتلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلارنى زىچ چۆرىدەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ھەقىقىي تەكلىپ بېرىشىنى، ياخشى تەدبىر كۆرسىتىشىنى، ئەمەلىي تەدبىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
كۆپنىڭ ئىرادىسىنى مۇجەسسەملەپ زور قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بىر مەقسەتتە بولۇپ قاتمۇقات ئۆتكەللەرنى بۆسۈپ ئۆتىمىز. ھازىر، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلماقتا، جۇڭخۇا مىللىتى توسۇۋالغۇسىز قەدەم بىلەن ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ ئاتلانماقتا. دەۋر مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشقا چاقىرماقتا، يۈز مىليونلىغان جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنى قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەشكە چاقىرماقتا. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر مەقسەتتە بولۇپ، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىمىز.
يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا تىلەكداشمىز!
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)