□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي
شىنجاڭنىڭ بىپايان تۇپرىقىدا، شەھەر، يېزا ـ كەنتلەر يۇلتۇزلاردەك تارقىلىپ، گىرەلىشىپ كەتكەن.
بۇ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىككە ئورتاق بولغان شىنجاڭ. ئاپتونوم رايون بىلەن بىڭتۇەن ۋەتىنىمىزنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان چېگراسىنى ئورتاق قوغداپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش جاۋاب قەغىزىنى ئورتاق پۈتۈپ، 25 مىليوندىن ئارتۇق تىيانشان ئوغۇل ـ قىزلىرىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ئورتاق ياراتتى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ گۈزەل مەنزىلىگە ئورتاق ئاتلاندى، باسقان ھەربىر قەدەمنىڭ ھەممىسى بىر مەقسەتتە قول تۇتۇشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
تەرەققىيات چىڭ داۋلى، يۇغۇرۇلۇش جەزمەن جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك سوئال. يېڭى مۇساپىدە، شىنجاڭ مىسلىسىز ئىرادە ۋە سالماق بىلەن بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ئالغا سىلجىتماقتا.
ئورتاق بۇرچ
بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشى شىنجاڭ خىزمىتىدىكى چوڭ ئىش.
پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئىككى قېتىم مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئاچتى، شىنجاڭغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات خىزمىتىنى باشتىن ـ ئاخىر كۆڭلىگە پۈكتى.
«بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئەسلىھەلەرنى ئورتاق قۇرۇش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، چوڭقۇر گىرەلىشىش، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك».
«بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردە يۇغۇرۇلۇش سالمىقىنى زورايتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك».
...
سەمىمىي تاپشۇرۇقنىڭ ئارقىسىغا باش شۇجىنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان سەمىمىي ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن، ئۇ بولسىمۇ ئاپتونوم رايون بىلەن بىڭتۇەن بۇرچنى ئورتاق زىممىگە ئېلىپ، ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەپ، شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىش.
بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ھەم شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇقەررەر يولى، تېخىمۇ مۇھىمى، ئاددىي، ئوچۇق بولغان تەبىئىي لوگىكا: مەيلى ئاپتونوم رايون ياكى بىڭتۇەن بولسۇن، ھەممىسى شىنجاڭ. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تۇپراقتا تەڭ ياشاپ، بىر دەريانىڭ سۈيىنى تەڭ ئىچىدۇ، گەرچە مەمۇرىي رايون ئايرىمىسى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە پەرق بولسىمۇ، لېكىن ئېنېرگىيە بايلىقى، يول قاتنىشى، تۈرلۈك مۇھىم ئامىللىرى بىر ـ بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، تۈرلۈك خىزمەتلىرىمۇ ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىشى تېگى ـ تەكتىدىن ئېيتقاندا ھەممىسى شىنجاڭنىڭ ئىشى. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر مىللەت ئامما ئورتاق ياشايدۇ، ئورتاق ئۆگىنىدۇ، ئورتاق ئىشلەيدۇ، ئورتاق كۆڭۈل ئاچىدۇ، ئۇلار ئايرىلماس بىر ئائىلە كىشىلىرى.
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ 70 يىللىق قۇرۇلۇش، تەرەققىيات مۇساپىسى ئاپتونوم رايون بىلەن ماس قەدەمدە ھەرىكەتكە كەلگەن، راھىتىمۇ، جاپاسىمۇ بىر ـ بىرىگە باغلانغان، ئورتاق تەرەققىي قىلغان مۇساپە. بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىناق، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان ياخشى ۋەزىيىتى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ كۈرەش قىلىشىدىن كەلگەن. كەلگۈسىدە شىنجاڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىگە يۈرۈش قىلىشتا، يەنىلا بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ قول تۇتۇشۇشى، ئورتاق يارىتىشىغا تايىنىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئۇنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى تەكشۈرىدىغان مۇھىم خىزمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەت قىلىپ، مىسلىسىز سالماق بىلەن تېز ئالغا سىلجىتتى.
بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا ماھىيەتلىك قەدەم تاشلاشتا، ئالدى بىلەن ئىدىيەۋى قاراشتىكى «ھويلا تېمى» ۋە «چىتلاق»نى بۇزۇپ تاشلاش كېرەك.
بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئىككى تەرەپ «بىر تاختا شاھمات» «بىر ئائىلە كىشىلىرى» بولۇش ئىدىيەسىنى مەھكەم تۇرغۇزۇشنى يۇغۇرۇلۇشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىكى يېتەكچى قىلىپ، ھەر خىل سورۇنلاردا قايتا ـ قايتا تەلەپ قىلىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلارنى ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى باشلامچىلىق بىلەن تەتقىق قىلىپ بىڭتۇەننىڭ خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈردى، بىڭتۇەننىڭ شى، شەھەرلىرى ۋە تۇەن ـ مەيدانلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، ئېنېرگىيە بايلىقى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، رايون ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىشى، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىشى، ئەسلىھەلەرنى ئورتاق قۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىي قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى قاتلىمى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىنىشىنى باشلامچىلىق بىلەن ئالغا سىلجىتتى، ئۈلگە كۆرسىتىپ تۈرتكە بولدى. بۇلتۇردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ پەن ـ تېخنىكا، سىياسىي ـ قانۇن، مائارىپ، تەشۋىقات قاتارلىق كۆپ ساھەدىكى مۇھىم خىزمەت يىغىنلىرىدا، تۇنجى قېتىم بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ھەمكارلىشىپ ئېچىش شەكلى قوللىنىلىپ، ۋەزىپىلەر بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، خىزمەتلەر بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىلدى. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئىككى تەرەپ تۈزۈلمە ـ مېخانىزم ئورنىتىش، بايلىق ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قاتارلىق كۆپ قاتلامدا ئەمەلىي تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدا ماھىيەتلىك بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.
باھار بايرىمىدىن كېيىن ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي، ئاپتونوم رايون ئالايىتەن چۆچەك شەھىرىدە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك كەڭ يۇغۇرۇلغاندىلا، ئاندىن زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇشنى يەنىمۇ تەكىتلەپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى قايتا ئورۇنلاشتۇردى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىش
چۆچەك شەھىرىدە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشى توغرىسىدا مۇھىم يىغىن ئېچىشتا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ چوڭقۇر مەقسىتى بار. بۇنىڭدا ئەكس ئەتكىنى دەل شىنجاڭدا بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئىدىيە ۋە ئەمەلىيەتتىن ئىبارەت ئىككى قاتلامدىكى روشەن ئۆزگىرىشتۇر.
2023 ـ يىلى تەستىقلىنىپ تەسىس قىلىنغان بەيياڭ شەھىرى جۇڭگودىكى ئەڭ ياش شەھەر. بۇ بىڭتۇەن شەھىرىنى قانداق قۇرۇشتا ئوخشاش بولمىغان لايىھە بار ئىدى. بىر خىلى، ئىلگىرىكى بىڭتۇەن شەھەرلىرىنىڭ ئورنىنى تاللاش شەكلىگە ئاساسەن، چۆچەك شەھىرىدىن ئايرىپ قۇرۇپ، ئىككى شەھەر ئارىسىدا ئارىلىق قالدۇرۇش، پاسىلنى ئېنىق ئايرىش؛ يەنە بىر خىلى بولسا، چۆچەك شەھىرىگە يېقىن قىلىپ، ئىككى شەھەرنى يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇپ، ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىلىنىپ، جۇغراپىيەلىك جەھەتتىكى «نۆل ئارىلىق» ئارقىلىق ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ كەڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ دەلىللەپ، ئەسلىدىكى پىكىر يولىنى ئۆزگەرتىپ، چۆچەك شەھىرى بىلەن بەيياڭ شەھىرىنى قوشنا قىلىپ قۇرۇش، بىر شەھەرنى ئورتاق قۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى. بەيياڭ شەھىرىنىڭ ئورنىنى تاللاشتا خەرىتىدە كىچىك بىر قەدەم تاشلاندى، شىنجاڭنىڭ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشىدا چوڭ بىر قەدەم تاشلاندى.
بۈگۈنكى كۈندە، تېز قۇرۇلۇۋاتقان بەيياڭ شەھىرىدە شۇ جايدىكى كىشىلەرگە تونۇشلۇق بىر شەھەر مەمۇرىيىتى يولى بار بولۇپ، بىڭتۇەن ـ يەرلىك يۇغۇرما چوڭ يولى دەپ ئاتىلىدۇ. بەيياڭ شەھىرى بىلەن چۆچەك شەھىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان بۇ تاشيولنىڭ ئۇزۇنلۇقى پەقەت 1.6 كىلومېتىر كېلىدۇ. «يۇغۇرۇلۇش»نى يول نامى قىلىش ئىككى شەھەرنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىيات ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلدى، شۇنداقلا بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئىشقا گۇۋاھ بولدى. بەيياڭ شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى تيەن شياڭپېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، بەيياڭ شەھىرىنىڭ بىڭتۇەن ـ يەرلىك يۇغۇرۇلما تۈر قۇرۇلۇشلىرى قاتناش، شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەسى، كەسىپ، مائارىپ، داۋالاش، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەرگە چېتىلدى.
بىر يىلدىن بۇيان، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى باشقا رايونلاردا، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر ھەرقايسى ساھەلىرىدە، يۇغۇرما تەرەققىياتنىڭ سالمىقى سىجىل زورايدى، بەزى خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىغا ئۈزلۈكسىز يېڭى چوڭقۇرلۇق بەلگىسى سېلىندى.
2025 ـ يىلى يېڭى يىل ھارپىسىدا، سانجى ئوبلاستىنىڭ ماناس ناھىيەسىگە جايلاشقان شىخەنزە ـ ماناس بىڭتۇەن ـ يەرلىك يۇغۇرۇلما 5GW يورۇقلۇق ۋولت قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش تۈرىنىڭ 1 ـ قارارلىق قۇرۇلۇشى پۈتتى ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئېلېكتىر تورىغا ئۇلىنىپ توك چىقىرىلدى. بۇ، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى بىڭتۇەن ـ يەرلىك يۇغۇرۇلما يورۇقلۇق ۋولت قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش تۈرى بولۇپ، ماناس ناھىيەسى بىلەن بىڭتۇەن شىخەنزە شەھىرىنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە كەسپىنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا ئاكتىپ بىر قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
شىنجاڭنىڭ مول ئېنېرگىيە بايلىقى ئاپتونوم رايون بىلەن بىڭتۇەننىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىدىكى ئورتاق مۇھىم تايانچ. بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بىڭتۇەنگە بايلىق تەقسىملەش سالمىقىنى زورايتتى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئورتاق مەبلەغ سېلىپ نېفىت ـ تەبىئىي گاز چارلاش، ئېچىش شىركىتى قۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك پاي قوشۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز، رەڭلىك مېتال قاتارلىق بايلىقلارنى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئورتاق ئېچىشنى ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇردى. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە 20گە يېقىن كەسىپ باغچىسى قۇرۇپ، كەسىپ جەھەتتە ھەمكارلىشىشنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى.
بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تۈزۈش، مەخسۇس تۈردىكى يىرىك پىلاننى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش، رايون يىرىك پىلانىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى.
بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك قاتناش، سۇچىلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق چوڭ ـ چوڭ تۈرلەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتتى، «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3 ـ، 4 ـ لىنىيەسى ھەم ئېلېكتىر مەنبەسى بازىسى تۈرى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتتى، ئەسلىھەلەرنى ئورتاق قۇرۇشتا يېڭى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈردى.
ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر بىلەن بىڭتۇەننىڭ شى، شەھەر رەھبەرلىرى ئارىلىشىپ ۋەزىپە ئۆتىدى، ئاپتونوم رايوندىكى 30غا يېقىن نازارەت، ئىدارە بىلەن بىڭتۇەن ئارىلىشىپ قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەشنى ئىشقا ئاشۇردى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى كادىرلارنى ئالماشتۇرۇش سالمىقى سىجىل زورايدى، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ۋەزىيىتى تېخىمۇ جانلىق بولدى.
قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش
شىنجاڭنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشى مۇقەررەركى، ئاپتونوم رايون بىلەن بىڭتۇەننىڭ ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشى، شۇنداقلا مۇقەررەركى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ ئورتاق كۈچىيىشىدۇر.
2024 ـ يىلى، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئەلا، ياخشى بولغان ئوتتۇرىچە كۈن سانى نىسبىتى %90كە يەتتى، PM2.5، PM10 ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 2023 ـ يىلىدىكىدىن %14.9، %19.4تۆۋەنلىدى.
رايون ئاتموسفېرا مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلغانلىقى، قول تۇتۇشۇپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەنلىكىنىڭ ئەڭ ياخشى دەلىلى − ئوخشاش بىر كۆك ئاسمان ئاستىدا، رايون ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئورتاق ئالدىنى ئېلىش، ئورتاق تۈزەش چوقۇم جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك سوئال.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر گەۋدىلەشكەن، ئۈچ دەرىجىلىك ھەمتۈرتكە بولىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئىككى تەرەپ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشنى شۇ يىلدىكى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىش (ئون چوڭ خەلق تۇرمۇشى ھەرىكىتى)قا كىرگۈزۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلدى. ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق، 2024 ـ يىلى، «ئۈرۈمچى ـ سانجى ـ شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئەلا، ياخشى بولغان كۈن سانى تۇنجى قېتىم 300 كۈندىن ئېشىپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتى خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى نەتىجە يارىتىلدى.
خەلق تۇرمۇشى خەلق قەلبىگە تۇتىشىدۇ. مەيلى ئاپتونوم رايون ياكى بىڭتۇەن بولسۇن، خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇش بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئىككى تەرەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردىكى بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئورتاق يۇغۇرۇلۇش، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا خەلق تۇرمۇشى جاۋاب قەغىزىنى تېخىمۇ پۇختىلىدى، ئىللىقلىققا تولدۇردى.
ھازىر، بىڭتۇەن تۇمشۇق ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش بىلەن ئالدىراش بولماقتا. شۇ جاي «بىڭتۇەن ـ يەرلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇچۇر سۇپىسى» قۇرۇپ، يەرلىكتىكى كەسپىي مەكتەپلەر بىلەن زىچ ئۇدۇللىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈردى. تۇمشۇق ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل دىلنۇر رۇستەم مۇنداق دېدى: «بىز كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا پائال ماسلىشىپ، مارالبېشى، يەكەن، پوسكام قاتارلىق جايلاردىن 700دىن ئارتۇق ئىشچى ـ خىزمەتچى قوبۇل قىلدۇق».
بۇلتۇر، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن بىڭتۇەن شۇاڭخې شەھىرى ئىككى تەرەپنىڭ تېببىي تەكشۈرۈش نەتىجىسى بويىچە ئالتە جەھەتتىكى 40 تۈر، تېببىي تەسۋىرىي سۈرەت ئارقىلىق تەكشۈرۈش بويىچە 297 تارماق تۈر، تېببىي ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ماتېرىيالى بويىچە ئالتە جەھەتتىكى 40 تارماق تۈرنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ داۋالاش بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ۋە تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ئاغرىقلارغا كۆپ قولايلىق يارىتىپ بەردى.
بۈگۈنكى كۈندە تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا، ھەرقايسى جايلار بىڭتۇەن مائارىپ بايلىقىنىڭ يەرلىككە سىڭىشىشىگە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولماقتا، بىڭتۇەندىكى ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپلەر، يەسلىلەردە ئوقۇۋاتقان يەرلىكتىكى ئوقۇغۇچىلار 110 مىڭدىن ئاشتى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ تولۇق كۇرس مائارىپى بىلەن تولۇق قاپلىنىشىغا ئەگىشىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك مائارىپىنىڭ ماس تەرەققىي قىلىشى، رايون تەرەققىياتىغا ئورتاق مۇلازىمەت قىلىشىدا يېڭى قەدەم تاشلاندى.
پۈتۈن شىنجاڭدا يەنە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى ھەمكارلىقىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇنۇپ، كارخانىلارنى تەسىس قىلىش، تىزىملاش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق كارخانا ۋە ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك كۆپ بېجىرىلىدىغان 210دىن ئارتۇق ئىش تۈرىنى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىرلىشىپ بېجىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش مىللەتلەر رايونىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى. شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇپ، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، ئوخشاش بىر نىشانغا قاراپ قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشى يەنە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تېمىسىدا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن.
يۇغۇرۇلۇش ئىدىيەسىنىڭ قەلبلەردىن ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا ئەگىشىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ تۈرلۈك مەدەنىيەت مەيدان ـ سارايلىرى ئۆزئارا ئېچىۋېتىلىپ، تۈرلۈك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلۈپ، قول تۇتۇشۇپ مەدەنىيەت ـ ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر مىللەت ئامما مەدەنىيەت جەھەتتە گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىپ، تۇرمۇش جەھەتتە ئىتتىپاقلىشىپ يۇغۇرۇلۇپ، ھېسسىيات جەھەتتە ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى تېخىمۇ بېيىتتى، تېخىمۇ ئىللىقلىققا تولدۇردى.
شىنجاڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئورتاق شان ـ شەرىپى ۋە ئارزۇسى. بىز شۇنىڭغا تېخىمۇ قەتئىي ئىشىنىمىزكى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر مەقسەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقارسىلا، يۇغۇرما تەرەققىيات ئىشلىرىدا چوقۇم ئۈزلۈكسىز يېڭى مەنزىل ئاچالايمىز.