
2-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-شى 22-تۇەن 13-ليەندىكى كۈزگى بۇغداي ئېتىزلىقىدا بىرنەچچە تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ مەشغۇلاتچىسى يېزا ئىگىلىك ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسىنى سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇرۇپ، قايتا كۆكلەش ئالدىدا تۇرغان كۈزگى بۇغداينىڭ ئېتىز پەرۋىشىگە تەييارلىق قىلماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ شىنىڭ ھەرقايسى تۇەن-مەيدانلىرىدا نۇرغۇن يېڭى دېھقان مەيدانغا كەلدى، ئۇلار يېزا ئىگىلىك ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسىنى سېتىۋېلىپ، ليەندۈيدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىشىغا ئۆسۈملۈك ئاسراش مۇلازىمىتى قىلىپ، تۇەن-مەيدانلارنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. شيې جياڭلىن فوتوسى


