شىنجاڭ خوتەننىڭ شەھەر رايونىدىن شەرققە 100 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا ئانار دانىسى كەنتى دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىچىك كەنت بار بولۇپ، ئانار كۆپ چىقىدىغانلىقى بىلەن نامى يىراق-يېقىنغا تارقالغان. 2017-يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، ئانار دانىسى كەنتىدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى مەمەترېھىم مەمتىمىن باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈش شەرىپىگە ئېرىشتى.
«خوتەن ۋىلايىتىدىكى يېزىلاردا تېرىلغۇ يەر ئاز، سىز تۇرۇشلۇق كەنتتە ھەربىر ئائىلىنىڭ قانچىلىك يېرى بار؟»
«ھازىر ئۇ يەرلەرگە ئاشلىق تېرىدىڭلارمۇ ياكى مېۋىلىك دەرەخ تىكتىڭلارمۇ؟»
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەپسىلىي سورىشى ۋە ھەر مىللەت ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈشى نەق مەيداندىكى ھەربىر كىشىنىڭ قەلبىنى ئىللىتقانىدى. باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشايلى» «ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال-خۇرام ئىشلىشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان تۈرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك بېجىرىپ، ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىش كېرەك».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئانار دانىسى كەنتى سورتنى ئەلالاشتۇرۇش، ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ياخشىلاش ئارقىلىق، ئانار ھوسۇلىنى بىر ھەسسە ئاشۇردى. تۆمۈريول تۇتاشتۇرۇلدى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولمۇ تۇتاشتۇرۇلدى، كەنتنىڭ ئانارلىرى تېخىمۇ يىراق جايلارغا سېتىلدى. دېھقانلارنىڭ ھەميېنى تومپايدى، يېزا ئىقتىسادى جانلاندى، يۇرتداشلار خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆيىگە كۆچۈپ كىردى، بالىلارنىڭ يېپيېڭى كىتاپ ئوقۇش ئۆيى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى، ۋاسكېتبول مەيدانى بار بولدى، باش شۇجى ئەينى يىلى كۆڭۈل بۆلگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.

«ئانار ئۇرۇقى» تېرىلدى، «ئىتتىپاقلىق گۈللىرى» پورەكلەپ ئېچىلدى.
پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ۋە مىللەتلەر رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئومۇملۇقىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويدى. ھەر يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر مىللەت ۋەكىللەرنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى رىشتى ھەققىدە ئورتاق توختالدى، تەرەققىيات زور پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى؛ ھەر قېتىم مىللەتلەر رايونىغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ئۇ شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ قائىدە-يوسۇنى بويىچە ھەر مىللەت ئاممىغا سەمىمىي بەخت تىلىدى، مىللەتلەر رايونىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تومۇر تۇتۇپ دىياگنوز قويدى.
بۈگۈنكى كۈندە، ھەرقايسى مىللەتلەر رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى