ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن
2-ئاينىڭ 25-كۈنى، بەي لىرېن ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ھەسەنجان غوپۇرنىڭ ئۆيىگە كەلدى، ئىككىيلەن بىرلىكتە ھەسەنجاننىڭ چوڭ قىزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈش ئىشىنى مەسلىھەتلەشتى.
بۇ يىل 54 ياشقا كىرگەن بەي لىرېن بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئەرزىيەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى. ھەسەنجان بولسا بورتالا شەھىرىدىكى بىر مەكتەپتە ئارقا سەپ كاپالىتى خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ، ھەر ئىككىلىسىنىڭ بالىسى داشۆدە تېبابەت كەسپىدە ئوقۇيدۇ.
2-ئاينىڭ 25-كۈنى، ھەسەنجان غوپۇر ئەر-خوتۇن بەي لىرېن (ئوڭدىن 1-كىشى) بىلەن پەرزەنت تەربىيەسى توغرىسىدا تەجرىبە ئالماشتۇرماقتا.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن فوتوسى
«بەي ئاكامنىڭ مىجەزى ئېغىر-بېسىق، ئىشلارنى بەك ئەتراپلىق، ئىنچىكە ئويلايدۇ. بۇلتۇر ئۇ قىزىمغا ھال رەڭلىك قوش قەۋەتلىك تورت ۋە گۈل سوۋغا قىلغانىدى، قىزىم بەكلا خۇشال بولغان.» ھەسەنجاننىڭ ئېيتىشىچە، 2018-يىلى 9-ئايدا، ئۇ بەي لىرېن بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقاندىن بۇيان، مەيلى خىزمەتتە ياكى تۇرمۇشتا بولسۇن ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بىر-بىرىگە يار-يۆلەك بولۇپ، بىر-بىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كېلىۋېتىپتۇ.
ھەسەنجاننىڭ خوتۇنى پاتىگۈل مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 2019-يىلى، ئېرىم ئۈرۈمچىگە ئاغرىپ قالغان ئاپىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن كېتىپ، توپتوغرا بىر يىل ئۆيگە قايتالمىدى. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بەي لىرېن ئاكام خوتۇنى بىلەن پات-پات ئۆيىمىزگە كېلىپ ياردەملەشتى، كالا، قوي گۆشى سېتىۋالغاندا ئىككى ئائىلىگە تەڭ سېتىۋالدى، ھەر قېتىم ھېيت-بايراملاردا بىز بىلەن بىللە تاماق يەپ، تەڭ بازار ئايلاندى، قىشلىق، يازلىق تەتىلدە يەنە بالىلارنى ئېلىپ بىرلىكتە تاغقا يامىشىپ، دالا تامىقى يېدۇق.
«شۇ يىلى چوڭ قىزىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى، كىچىك قىزىم دەل بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، كەيپىياتى تۇراقسىز ئىدى. مەن قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي قالغانىدىم، ھېلىمۇ ياخشى بەي ئاكام بىلەن يەڭگەم دائىم ئۆيگە كېلىپ قىزىمغا ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىدى، يەنە ئىككى بالامغا دەرس تەكرار قىلىپ بەردى.» پاتىگۈل مۇنداق دېدى: ئۇلارنىڭ ياردىمىدە چوڭ قىزىمنىڭ نەتىجىسى مۇقىم ئۆرلىدى، كىچىك قىزىمنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىمۇ ئەسلىگە كەلدى.
ھەسەنجاننىڭ ئېيتىشىچە، بەي لىرېن بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئۆگىنىشىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىكەن، ئۇ ئۇنىڭ قىزلىرىغا يېڭى كىيىم ۋە ئۆگىنىش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ بېرىپلا قالماي، يەنە ئۇ ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىغا پىسخولوگىيەگە ئائىت نۇرغۇن كىتاب سوۋغات قىلىپتۇ.
«بەي ئاكام ئىككىلىمىزنىڭ دىيابېت كېسىلى بار، ئىككىمىز ھەر كۈنى ۋىيشىندا بىر-بىرىمىزگە يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى ئەسكەرتىپ تۇرىمىز. يان تېلېفوندا يەنە بىر-بىرىمىزنىڭ ماڭغان قەدەم سانىنى تەكشۈرۈپ، ۋاقتىدا چىنىقىش توغرىسىدا ئۆزئارا ئىلھام بېرىمىز.» ھەسەنجاننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئائىلە ئىشلىرى توغرىسىدا ئەڭ كۆپ پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن، بالا بېقىش تەجرىبىسى ۋە باش قېتىنچىلىقلىرى توغرىسىدا بىر-بىرىگە ھال مۇڭ بولىدىكەن. قارىماققا ئۇششاق-چۈششەك كۆرۈنىدىغان بۇ كىچىك ئىشلار ئىككى ئائىلە كىشىلىرىنىڭ دوستلۇقىنى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتۇرغان.
2-ئاينىڭ 25-كۈنى، ھەسەنجان غوپۇر (سولدا) بەي لىرېن بىلەن گۈل بېقىش تەسىراتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرماقتا.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن فوتوسى
بەي لىرېن مۇنداق دېدى: ھەسەنجان بىلەن خوتۇنى ئىككىيلەننىڭ مىجەزى بەك ئوچۇق، قىزغىن ھەم مېھماندوست. نەچچە قېتىم ئىدارىدە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەن ۋاقتىمدا، پاتىگۈل ماڭا ۋە خىزمەتداشلىرىمغا ئىسسىق پولۇ ۋە كاۋاپ ئەكىلىپ بەردى.
بۇلتۇر 3-ئاينىڭ 25-كۈنى، بەي لىرېننىڭ خوتۇنى يىقىلىپ يارىلىنىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى. ھەسەنجان بىلەن خوتۇنى نۆۋەتلىشىپ دوختۇرخانىغا بېرىپ، بەي لىرېننىڭ خوتۇنىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى، ھەر كۈنى تاماق ئاپىرىپ بەردى، «ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، خوتۇنۇم ئۈچ ئايغىچە كارىۋاتتىن چۈشەلمىدى، پاتىگۈل ھەر خىل قۇۋۋەتلىك تاماقلارنى ئېتىپ بەردى، قەرەللىك ھالدا خوتۇنۇمنى ئۇۋۇلاپ قويدى. مەن بۇ دوستلۇقنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن.» بەي لىرېننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ھەسەنجان بىلەن بىر ئۆمۈر ئاكا-ئۇكا بولۇپ ياخشى ئۆتىدىكەن.
«بەي ئاكام دادام بىلەنمۇ ياخشى ئۆتىدۇ ھەم دائىم يوقلاپ تۇرىدۇ، دادامغا يېڭى كىيىم ۋە ھەر خىل ياخشى يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ بېرىدۇ، دادام ئۇنىڭ بىلەن شاھمات ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، بىر مەزگىل كۆرۈشەلمەي قالسىلا تېلېفون قىلىدۇ، ئىككى ئائىلىدىكىلەر ھازىر بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ قالدۇق، بىر-بىرىمىزدىن ئايرىلالمايمىز» دېدى ھەسەنجان.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى