□ شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
باش باھار كىرىشى بىلەن، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى، «شاھمات كۆزى»نىڭ مۇھىملىقى ئۆز - ئۆزىدىن مەلۇم بولدى. يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، «شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، جەنۇبىي شىنجاڭ شاھمات كۆزى» بولۇش يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈلۈپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىك، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىك تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىندى ۋە پىلانلاندى، بۇ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت شاھمات كۆزىگە «بىر ئۇرۇق بېسىلسا»، شىنجاڭدىن ئىبارەت «پۈتۈن تاختا شاھمات جانلىنىدۇ». «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى دۆلەت قاتلىمىدىن يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ، ئالاھىدە سىياسەتنى يولغا قويۇپ، كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش»تىن «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش»قىچە، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى پىلانلىغاندا، باشتىن - ئاخىر جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا قويدى، سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىپ، ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆزى تۈرتكە بولدى، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، ھەم تېما بەلگىلەپ، ھەم مەسىلىنى ھەل قىلىپ، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتە بىزگە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ بىر يۈرۈش مېتودولوگىيەسىنى ئۆگىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
ئالاھىدە تەدبىر قوللانغاندا ئالاھىدە نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. 10 مىليارد يۈەنلىك جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغى تەسىس قىلىپ، زور بىر تۈركۈم 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك، 10 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك چوڭ - چوڭ تۈرلەرنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تولۇق كۇرس مائارىپى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىغا تۈرتكە بولدى... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەۋزەل بايلىقنى ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى تېزلىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئالىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا بىڭتۇەننىڭ يەرلىك شەھەر - بازار سىستېمىسىغا ئومۇميۈزلۈك سىڭىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بىر قاتار زور تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى.
جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرغانلىقىدىن بولدى. يېڭى مۇساپىدە، بىز «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى تۇتۇش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى خىزمەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ بىرلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئارقىلىق تەرەققىياتقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تەرەققىيات ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىككە تېخىمۇ پايدىلىق تۈپ ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.
خەۋپسىزلىك تەرەققىياتنىڭ ئاساسى، مۇقىملىق قۇدرەت تېپىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. شىنجاڭدا بۆلگۈنچىلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى بىر مەيدان ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ، بىر قېتىملىق جەڭ بىلەنلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. باشتىن - ئاخىر مۇقىملىقنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلام جەمئىيىتىنى ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر، پۇختا ئىشلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇش ئاساسىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ۋەزىيەتنى تولۇق تەتقىق قىلىپ، خەۋپ - خەتەرنى توغرا تەھلىل قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش ۋە ئۇنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئۇزاققىچە جەڭ قىلىشنىڭ ئىدىيەۋى تەييارلىقى ۋە خىزمەت تەييارلىقىنى تۇرغۇزۇشتا، ھەم ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتا دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ھەم ئىشنى پۇختا قىلىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى بىر - بىرلەپ ھەل قىلىپ، ماھىيەتتىن تۈزەش خىزمىتىنى ئىنچىكە، چوڭقۇر ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئاچقۇچ. مەۋقەنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىپ، «بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان» بۆسۈش ئېغىزىنى توغرا تېپىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىدىكى «ئاساسىي قۇرۇلما»نى تېز بەرپا قىلىپ، ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا زامانىۋى مەدەنىيلىكنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر بىرىكىشى، يۇغۇرما تەرەققىي قىلىشىنى تېزلىتىش كېرەك. ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى بايلىق ۋە كۈچنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خىزمىتى ئومۇملۇققا مۇناسىۋەتلىك، بىز ھەقىقىي تۈردە ئىدىيەۋى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «ساقلاپ تۇرۇشقا بولماسلىق»تەك تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، «سۆرەلمىلىك قىلىشقا بولماسلىق»تەك كىرىزىس تۇيغۇسى، «تېز ھەرىكەتكە كېلىش»تەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، تاش - تۆمۈردە ئىز قالدۇرىدىغان غەيرەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، بوشاشماي كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشلارنى پىلانلاشتا تىرىشچان بولۇش، ئىش قىلىشتا ئىنچىكە بولۇش، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا ئەمەلىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالايلى.