2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، چېڭدۇ رۇڭچېڭ پۇتبول كۇلۇبى باشقۇرغۇچى تورىدا يېڭىلا جۇڭگو ئالتۇن ئۆسمۈر مۇكاپاتى (U17) غا ئېرىشكەن 16 ياشلىق ماھىر ھەبىبۇللا نۇراجىنىڭ كۇلۇب بىرىنچى سەپ كوماندىسى تىزىملىكىگە كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى، ھەبىبۇللا 41 - نومۇرلۇق پۇتبول كىيىمى كىيىپ، كوماندا تەركىبىدە باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان 2025 - يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، 2 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدە، ھەبىبۇللانىڭ ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، يىراقتىن قالتىس بىر توپ ۋە ئىختىيارىي توپ كىرگۈزۈپ، چېڭدۇ رۇڭچېڭ كوماندىسىنىڭ 0 گە قارشى 7 نەتىجە بىلەن گۇاڭشى پىڭگو كوماندىسىنى چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن يېڭىشىگە كۈچ چىقاردى.

U17 ئاسىيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىدە، ھەبىبۇللا نۇراجى(ئوڭدا) سەپدىشى، قەشقەر شەھەرلىك 8 - باشلانغۇچ مەكتەپتىن كەلگەن ئېھسان ئىلھام بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. (مەردان راخمان تەمنىلىگەن)
«ھەبىبۇللانىڭ جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە بالدۇرراق قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇ كىچىكىدىنلا <دەرىجە ئاتلاپ مۇسابىقىگە چۈشىدىغان ئوقۇغۇچى> ئىدى، ئۇ چوقۇم جۇڭگو پۇتبولچىلىقىغا زور خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ» دېدى ھەبىبۇللانىڭ دەسلەپكى تىرېنېرلىرىنىڭ بىرى، قەشقەر شەھەرلىك 8 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى مەردان راخمان.
2008 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ھەبىبۇللا قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئاتا-ئانىسى يىل بويى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تىجارەت قىلغاچقا، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تاغىسى ھەبىبۇللا بىلەن قوشكېزەك ئىنىسى سەيپۇللانى كىچىكىدىن تارتىپ بېقىپ چوڭ قىلغانىدى. تۆت يېشىدىن باشلاپ، ئاكا-ئىنى ئىككىيلەن تاغىسىنىڭ تۈرتكىسىدە پۇتبول مەشىقىنى باشلاپ، ناھايىتى تېزلا تەڭتۇشلىرى ئارىسىدا كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىدى.
«بىز ئۇلارنىڭ تاغىسى بىلەن تونۇش، بۇ ئاكا-ئىنى ئىككىيلەننى تۆت- بەش ياش ۋاقتىدىلا كۆرگەن. تەڭ ياشتىكى بالىلارنىڭ ئىچىدە، ئۇلارنىڭ ئاساسىي ماھارىتى ناھايىتى پۇختا، ھەرىكىتى ناھايىتى چاققان ئىدى.» مەردان پەخىرلىنىپ تۇرۇپ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاكا-ئىنى ئىككىيلەن 2015 - يىلى قەشقەر شەھەرلىك 8 - باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىردى، تۇنجى قېتىملىق مەكتەپ پۇتبول مۇسابىقىسىدە، مەن يالقۇن تىرېنېر بىلەن ئاكا-ئىنى ئىككىيلەننى تەڭلا ياقتۇرۇپ قېلىپ، ھەر ئىككىلىسىنى مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىغا تاللىدۇق. مەكتەپتىكى بەش كىشىلىك، يەتتە كىشىلىك پۇتبول مۇسابىقىسىدە، ھەبىبۇللا دائىم ئارقا-ئارقىدىن تۆت-بەش ئادەمنى ئالداپ ئۆتۈپ توپ كىرگۈزەتتى، ھېچكىم ئۇنى مۇداپىئە قىلالمايتتى.
قەشقەر شەھەرلىك 8 - باشلانغۇچ مەكتەپ 40 يىلغا يېقىن پۇتبول تارىخىغا ئىگە. بۇ يىل 58 ياشقا كىرگەن يالقۇن 1986 - يىلى تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى بولغاندىن كېيىن، مەكتەپنىڭ پۇتبول مەشىقىنى تۇتتى. 2010 - يىلى، بۇ مەكتەپ مەملىكەت بويىچە مەكتەپ پۇتبولى خاس مەكتىپىگە ئايلاندى، پۇتبول پۈتۈن مەكتەپتە كېڭەيتىلدى، ئومۇملاشتۇرۇلدى، ھەربىر يىللىق، ھەربىر سىنىپنىڭ پۇتبول كوماندىسى بار بولدى. ھەبىبۇللا بىلەن تەڭ مەكتەپ كوماندىسىغا تاللانغان 35 بالا ئىچىدە، نۆۋەتتە يەتتىسى شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتى U17 ياشلىقلار كوماندىسىغا، تۆتى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسگە قاتنىشىۋاتقان كۇلۇبلارغا تاللاندى. مەكتەپ بويىچە نۆۋەتتە جەمئىي توققۇز پۇتبولچى U21 ،U17 دۆلەت ياشلار كوماندىسى ۋە U20 بەش كىشىلىك دۆلەت ياشلار كوماندىسىغا تاللاندى.
«رىقابەتكە تولغان مۇھىتتا، ھەبىبۇللا شۇ مەزگىلدە مەكتەپ كوماندىسىدىكى پۇتبولچىلار ئىچىدە ئەڭ قالتىس ماھىرلارنىڭ بىرى ئىدى. بىز دائىم ئۇنى دەرىجە ئاتلىتىپ ئۆزىدىن ئىككى ياش چوڭلار گۇرۇپپىسىغا تاللاپ، شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى مۇسابىقىلەرگە قاتناشتۇراتتۇق.» يالقۇن مۇنداق تونۇشتۇردى: 2017 - يىلى مەكتىپىمىز شىنجاڭغا ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول يازلىق لاگېرىنىڭ غەربىي شىمال مۇسابىقە رايونىدىكى مۇسابىقىگە قاتناشقاندا، 8 ياشلىق ھەبىبۇللا ئوتتۇرىچە يېشى 10 ياش بولغان كوماندىدا 25 توپ كىرگۈزۈپ، كوماندىنى چېمپىيونلۇققا ئېرىشتۈردى؛ مەملىكەتلىك ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، ھەر مەيدان مۇسابىقىدە ئوتتۇرىچە ئىككى توپ كىرگۈزۈشتەك ئىپادىسى بىلەن كوماندىنىڭ 2 - لىككە ئېرىشىشىگە كۈچ قوشتى، ئۇ ئۆزىمۇ «قىممىتى ئەڭ يۇقىرى پۇتبولچى»بولۇپ باھالاندى.

2017 - يىلى، ھەبىبۇللا نۇراجى (ئالدىنقى رەت سولدىن2-چى) بىلەن ئىنىسى سەيپۇللا نۇراجى (ئالدىنقى رەت ئوڭدىن 1-چى) قەشقەر شەھەرلىك 8 - باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول يازلىق لاگېرىنىڭ غەربىي شىمال مۇسابىقە رايونىدىكى مۇسابىقىگە قاتناشقاندا چۈشكەن سۈرەت. (مەردان راخمان تەمىنلىگەن)
2018 - يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق ياش- ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە، ھەبىبۇللا پۇتبول كوماندىسىنى يېتەكلەپ قەشقەر مۇسابىقە رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭ مۇسابىقە رايونى ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇدا چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى، ئاتا-ئانىسى ئاكا-ئىنى ئىككىيلەننىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئۇلارنى كەسپىي پۇتبولچىلىق يولىدا ماڭدۇرۇشنى قارار قىلدى. 2019 - يىلى 4 - ئايدا، ھەبىبۇللا بىلەن سەيپۇللا ئانىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا چېڭدۇغا كەلدى، ئەينى چاغدىكى چېڭدۇ پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ياشلار كوماندىسىنىڭ تېخنىكا باش نازارەتچىسى پاۋىل لېتىل ئۇلارنى ياقتۇرۇپ قالدى، ئارقىدىن ئىككىيلەن چېڭدۇ رۇڭچېڭ پۇتبول كۇلۇبى ياشلار كوماندىسىنىڭ زاپاس كوماندىسىغا كىردى.
كەسپىي جەھەتتىن مەشىقلىنىش ئارقىلىق، ھەبىبۇللا بۈركۈتتەك قانات قېقىپ پەرۋاز قىلدى. 2023 -، 2024 - يىلى ئۇدا جۇڭگو U16، U15 ياشلار كوماندىسىغا تاللاندى؛ 2024 - يىلى 10 - ئايدا، 2025 - يىللىق ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ U17 ئاسىيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىدە، ئۇ يادرولۇق توپچى بولۇش سۈپىتىدە ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ رەسمىي مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشگە كۈچ چىقاردى.
«بۇ قېتىمقى مۇسابىقە بىزگە ئۆزىمىزنى نامايان قىلىدىغان پۇرسەت بولدى. كوماندىنىڭ 10 - نومۇرلۇق كىيىمىنى كىيگىنىمگە يارىشا، ئىقتىدارىمنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، كوللېكتىپقا تۆھپە قوشۇپ، كوماندىنى غەلىبىگە يېتەكلەشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى ھەبىبۇللا ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا.
شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇراخۇن ئابدۇراخمان باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ھەبىبۇللانىڭ تېخنىكىسى بارغانسېرى كامالەتكە يېتىپ، توپ ئېلىپ مېڭىش، پاس بېرىش، ۋاراتاغا توپ ئۇرۇش ئاساسىي ماھارىتى پۇختىلاندى، كوللېكتىپ ئېڭى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، تاكتىكا سىستېمىسىغا مۇكەممەل سىڭىشىپ، ھۇجۇمدىكى يادروغا ئايلاندى».

2024 - يىلى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى كەچتە، ھەبىبۇللا نۇراجى U17 ئاسىيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىدە كورېيە كوماندىسىكىلەر بىلەن مۇسابىقىلەشمەكتە. (مەردان راخمان تەمىنلىگەن)
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، جۇڭگو U16 ياشلار كوماندىسىنىڭ ۋاراتارى ئېھسان ئىلھام ئوخشاشلا قەشقەر شەھەرلىك 8 - باشلانغۇچ مەكتەپتىن كەلگەن، ھازىر شەندۇڭ تەيشەن كۇلۇبىدا توپ تېپىۋاتىدۇ. ئۇ ھەبىبۇللا بىلەن ئىلگىرى مەكتەپ كوماندىسىدىكى سەپداشلاردىن ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە دۆلەت ياشلار كوماندىسىدا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىۋاتىدۇ، بۇ ھەبىبۇللانى ناھايىتى ھاياجانلاندۇردى.
نۆۋەتتە، ھەبىبۇللانىڭ ئانىسى چېڭدۇ رۇڭچېڭ كۇلۇبىدا ئارقا سەپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، ئىنىسى سەيپۇللامۇ ياشلار كوماندىسىدا توپ تېپىۋاتىدۇ. ئۇ غەم-ئەندىشىسىز ھالدا جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىكى مۇسابىقىلەرگە ۋە U17 ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تەييارلىق قىلماقتا.

2025 - يىلى 1 - ئايدا ھەبىبۇللا نۇراجى خەيكۇۋ شەھىرىدە جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈۋاتقان مەزگىلدە بۇ يەرگە مەشىققە كەلگەن قەشقەر شەھەرلىك 8 - باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىكىسىلەر بىلەن سۈرەتكە چۈشمەكتە. (مەردان راخمان تەمىنلىگەن)
كەلگۈسى توغرىسىدا توختالغاندا، ھەبىبۇللا ئالدى بىلەن جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە مەزمۇت پۇت تىرەپ تۇرۇپ، كەلگۈسىدە ياۋروپادىكى بەش چوڭ بىرلەشمە مۇسابىقىدە توپ تېپىشنى ئۈمىد قىلدى. «ئۇ كىچىكىدىنلا ئەقىللىق، تىرىشچان، مەدەنىيەت دەرسلىرىدە نومۇرى ئەزەلدىن 90دىن چۈشۈپ باقمىغان، مەشىقتە جاپاغا چىدايتتى، ئەستايىدىل ئىدى، مەن ئۇنىڭ ئارزۇسىغا چوقۇم يېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى مەردان.
تۇراخۇن مۇنداق دېدى:«ھەبىبۇللانىڭ ئالتۇن ئۆسمۈر مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىدىكى ئابىدە. ئۇنىڭ مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى مۇسابىقىلەردىكى ئىپادىسى شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىدىكى ياشلار مەشىقى نەتىجىسىنى سىجىل نامايان قىلىپ، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭ ۋە بەھرام ئابدۇۋەلى قاتارلىق پۇتبولچىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى تېخىمۇ كۆپ ئۆسمۈرنى پۇتبول ئارزۇسىغا ئىنتلىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىدىكى ياشلار مەشىقىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ».