تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا تېخىمۇ زور شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى

□شىن جېڭيەن

ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئومۇمىي خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك مەسىلە بولۇپ، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى، جەمئىيەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە ئىنتايىن مۇھىم. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، «تۆت ئىنقىلاب، بىر ھەمكارلىق» ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى. باش شۇجىنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ھۆكۈمى 2024 - يىلى 6 - ئايدا نەشر قىلىنغان «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتابقا مەركەزلىك كىرگۈزۈلدى. بۇ كىتابتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئىجادىي تۆھپىسى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئېنېرگىيەنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك ۋە ھەرىكەت قوللانمىسى بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭ دۆلەت ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارى»نى چۆرىدەپ، نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش - ئېچىش ۋە زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى تېز ئالغا سىلجىتتى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنى تىرىشىپ پۇختا، ئىشەنچلىك ئېنېرگىيە كاپالىتى تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

1. ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىش

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئېنېرگىيە كاپالىتى ۋە بىخەتەرلىكى دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، قىلچە سەل قاراشقا بولمايدىغان <دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى>.» جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش، خەلق ئاممىسىنى گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش سىياسىي يۈكسەكلىكىدىن، باش شۇجى دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ساھەسى دۇچ كەلگەن يېڭى خىرىسنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى چۈشەندۈردى.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كاپالەت بىلەن تەمىنلەشتىن قارىغاندا، ئېنېرگىيە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ماددىي ئاساسى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئېنېرگىيەنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ قىسلىقى شۇنى بەلگىلىدىكى، كىم ئېنېرگىيەنى ئىگىلىسە، شۇ تەرەققىيات بوشلۇقىنى ئىگىلىيەلەيدۇ، بايلىق يارىتىش مۇھىم مەنبەسىنى ئىگىلىيەلەيدۇ.» زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي كۆلىمى سىجىل زورىيىدۇ، كەلگۈسىدە ئېنېرگىيەگە بولغان ئېھتىياجدىمۇ مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلىدۇ. بىراق تەمىنلەش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ھازىرقى باسقۇچتا دۆلىتىمىزنىڭ نېفىتتا سىرتقا تايىنىش دەرىجىسى %70كە يەتتى، تەبىئىي گازدا سىرتقا تايىنىش دەرىجىسى %40تىن ئېشىپ كەتتى، كۆمۈر بايلىقى نىسبەتەن مول بولسىمۇ، ھەر يىلى يەنىلا زور مىقداردا ئىمپورت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، دۆلەت ئىچىدىكى ئېنېرگىيە تەمىناتىدا قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەت يەنىلا گەۋدىلىك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۇنياۋىلىشىشقا قارشى پىكىر ئېقىمى ئەۋج ئېلىپ، رۇسىيە - ئۇكرائىنا توقۇنۇشى قاتارلىق جۇغراپىيەلىك سىياسىي ۋەقەلەر كۆپ يۈزبېرىپ، خەلقئارا ئېنېرگىيە ئەندىزىسىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى، ئېنېرگىيە تەمىناتىنىڭ ئېنىقسىزلىقى ۋە مۇقىمسىزلىقى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى.

كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشان - ۋەزىپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتىن قارىغاندا، ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمالىدىكى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئۇل قۇرۇلۇش. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئېنېرگىيەنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاچقۇچ.» دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى كەسىپ قۇرۇلمىسى ئېغىر سانائەتكە مايىللاشقان، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى كۆمۈرگە مايىللاشقان، تاشقاتما ئېنېرگىيەسىنىڭ بىر قېتىملىق ئېنېرگىيە ئىستېمالىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى يەنىلا بىرقەدەر يۇقىرى، ئېنېرگىيە پائالىيىتى پەيدا قىلغان كاربون چىقىرىش مىقدارى دۆلەتنىڭ كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %80تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا، ئېنېرگىيە كەسپى ئېنىقكى «قوش كاربون» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئېنېرگىيەنى ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەم ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، پاكىز ئېنېرگىيەنى ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيەنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش مۇساپىسىنى تېزلىتىش، ھەم ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاپ، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك.

خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىن قارىغاندا، ئېنېرگىيە دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇتلەق ئېھتىياج ۋە ئاساسىي كاپالەت. باش شۇجى شى جىنپىڭ: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن مۇھىم» دەپ قايتا - قايتا تەكىتلىدى. شۇڭا، بىز جەزمەن كۆمۈر، توك، نېفىت، تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى كاپالەتلەندۈرۈش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشىدا ئېنېرگىيە ئىشلىتىش تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك. خەلق تۇرمۇشىدا ئېنېرگىيە ئىشلىتىش سەۋىيەسى بىر دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىش دەرىجىسىنى ئۆلچەپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى بىۋاسىتە ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە بولغان تەلىپى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، تۈرلۈك ئېنېرگىيەگە بولغان ئېھتىياجمۇ كۈنسېرى ئاشتى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشنىڭ سىجىللىقى، مۇقىملىقى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقىنى ساقلاش خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئاچقۇچلۇق ئىش.

شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى مول، ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، ئۇ دۆلەت بېكىتكەن «ئۈچ بازا، بىر يول» شۇنداقلا مەملىكەت بويىچە مۇھىم ئېنېرگىيە بازىسى ۋە ئېنېرگىيە بايلىقىنى چارلاش - ئېچىش ئىستراتېگىيەلىك داۋاملاشما رايون بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم مەسئۇلىيەت ۋە شەرەپلىك بۇرچنى زىممىگە ئالغان، جەزمەن يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى زورايتىشنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، سىياسىي ھېسابات، ئومۇمىيەت ھېساباتى، ئۇزاق مەزگىللىك ھېساباتنى كۆپرەك قىلىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى جايلاشتۇرۇشىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك زاپاس ساقلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدىشى ۋە كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

2. ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش

باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىلمىي پىلان تۈزۈپ، «تۆت ئىنقىلاب، بىر ھەمكارلىق»تىن ئىبارەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنى ئېنېرگىيە ئىستېمالى ئىنقىلابى، ئېنېرگىيە تەمىناتى ئىنقىلابى، ئېنېرگىيە تېخنىكىسى ئىنقىلابى، ئېنېرگىيە تۈزۈلمە ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى ھەر تەرەپلىمە كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭ يېڭى پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى، يېڭى نەتىجە يارىتىشى كېرەك» توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈردى ھەم قەتئىي ئىزچىللاشتۇردى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئېنېرگىيە» توپلاپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، «يېڭىلىق يارىتىش»قا كۈچ چىقىرىپ، «يېشىل بولۇش»قا قاراپ ئىلگىرىلەپ، مۇھىم ئېنېرگىيە بايلىقىدىكى «مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، زاپاس ساقلاشنى كۆپەيتىش، ئوبوروتنى راۋانلاشتۇرۇش»قا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئېنېرگىيە بايلىقى تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل قويۇپ بەردى.

− «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى» قەلبكە پۈكۈلۈپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىندى. شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئېنېرگىيە تاماق قاچىسىنى جەزمەن ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇش» توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، نېفىت - تەبىئىي گازنى ئاچقۇچ، كۆمۈرنى ئاساس، يېڭى ئېنېرگىيەنى يۆنىلىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردە دۆلەتنىڭ «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيە بىلەن ئىشەنچلىك تەمىنلەش ۋە ئىستراتېگىيەلىك كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە قوش ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى. 2024 - يىلى، شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت - تەبىئىي گازنىڭ ئېكۋىۋالېنتى 66 مىليون 640 مىڭ توننا بولۇپ، ئۇدا تۆت يىل مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى؛ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 541 مىليون توننىغا يېتىپ، 2023 - يىلىدىكىدىن %17.5 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا تۆت يىل مەملىكەت بويىچە ئاساسلىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ئىچىدە باش ئورۇندا تۇردى، «شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» مىقدارى 140 مىليون توننىغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشتىكى يېڭى ئېشىش قۇتۇپىغا ئايلاندى؛ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ توك چىقىرىش مىقدارى 531 مىليارد 300 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 126 مىليارد 400 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، خۇنەن قاتارلىق 22 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر «شىنجاڭ توكى»نى ئىشلەتتى. ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەلىك زاپاس ساقلاش جەھەتتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. جۇڭغار، تارىم، تۇرپان - قومۇلدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئويمانلىقتا نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش - ئېچىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، فۇمەن، ماخۇ، شۇنبېي، جىمىسار قاتارلىق چوڭ تىپتىكى نېفىتلىك - تەبىئىي گازلىقلارنى ئېچىش ئالغا سىلجىتىلدى. يەر ئاستى زاپاس تەبىئىي گاز ئامبىرىدىن ئۈچى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، تەبىئىي گاز ساقلاش ئىقتىدارى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى. كۆمۈردىن گاز ئېلىش ئىقتىدارى 3 مىليارد 375 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %45ىنى ئىگىلىدى، كۆمۈر قاتلىمى گازى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارى 83 مىليون كۇب مېتىردىن ئاشتى. يەرشارى بويىچە تۇنجى 2 - ئەۋلاد تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ بىۋاسىتە سۇيۇقلاندۇرۇلغان كۆمۈردىن ماي ئېلىش تۈرىدە قومۇلدا ئىش باشلىنىپ، «كۆمۈرلۈكتە نېفىتلىك بەرپا قىلىش» ئارزۇسى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئېنېرگىيە يولى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى جەھەتتە، سۈرئەتنى زور دەرىجىدە تېزلىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. قۇرۇقلۇقتىكى نېفىت - تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش كۈچەيتىلىپ، جۇڭگو - قازاقىستان سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى چېگرا ھالقىغان تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇندى، قومۇل - جېڭجوۋ، شەرقىي جۇڭغار - جەنۇبىي ئەنخۇي ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توكنى سىرتقا يەتكۈزۈش يولىنىڭ ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈپ، «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3 - يولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى، «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» 4 - لىنىيەسى (تۇرپان - جۇڭۋېي)نىڭ شىنجاڭ بۆلىكى قۇرۇلۇشىدا رەسمىي گاز كىرگۈزۈلۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، «شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» بويىچە شىمالىي، ئوتتۇرا، جەنۇبىي يولىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىش پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز - كۆمۈر - توكنى سىرتقا توشۇش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى.

− «قوش كاربون» نىشانى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى. شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئېنېرگىيە ئىستېمالى ئىنقىلابىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيە تېجەر جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش» توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ھەم ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات داۋامىدا يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش داۋامىدا تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى. يېڭى ئېنېرگىيەنى ئېچىپ پايدىلىنىش كۆلىمىدە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. قومۇل، شەرقىي جۇڭغار ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك ئۈچ يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى مەركەزلىك قۇرۇلدى، يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 100 مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىپ، «14 - بەش يىل»نىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكىدىن 2.8 ھەسسە ئاشتى. ئاسىيا بويىچە يەككە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان نىلقا 4 مىليون كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرىنىڭ تۇنجى قارارلىق قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، مەملىكەت بويىچە يەككە سىغىمچانلىقى ئەڭ چوڭ بولغان چاقىلىق 4 مىليون كىلوۋاتلىق قۇملۇق يورۇقلۇق ۋولت يەككە تۈرى مۇۋەپپەقىيەتلىك تورلاشتۇرۇلدى، بىپايان قۇم دېڭىزىدا يېڭى ئېنېرگىيە «بوستانلىق»لىرى ئارقا - ئارقىدىن قەد كۆتۈردى، چۆل - باياۋان تېز سۈرئەتتە يېشىل ئېلېكتىر «دېڭىزى»غا ئايلاندى. كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى. كۆمۈر قېزىش، پىششىقلاش، ئايلاندۇرۇش قاتارلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولۇنۇپ، يېشىل كۆمۈر كاندىن 44ى قۇرۇلۇپ، كۆمۈرنى پاكىز ئايلاندۇرۇشتىكى بىر تۈركۈم تۈرلەر تېز يولغا قويۇلدى. كۆمۈر ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش ۋە جانلىق ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت «ئۈچنى ئۆزگەرتىش بىرلەشمە ھەرىكىتى» پائال ئالغا سىلجىتىلىپ، ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن بۇلغىمىلىق قىلىپ ۋە ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىپ، %90تىن ئارتۇق كۆمۈر ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى تەبىئىي گاز بىلەن توك چىقىرىشقا ئوخشاش بولغان بۇلغىما قويۇپ بېرىش سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈلدى. ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش تېزلىتىلدى. قاراماي شەھىرى، كۇچا ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ دۆلەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشىنى قانات يايدۇرۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇنۇپ، تۆۋەن كاربونلۇق، كاربونسىز، مەنپىي كاربونلۇق ئىلغار تېخنىكىنى قوللىنىش تېزلىتىلىپ، يىلىغا 100 مىڭ توننا CCUS (كاربون Ⅳ ئوكسىدىنى يىغىش، پايدىلىنىش ۋە پېچەتلەپ ساقلاش) ئۈلگە كۆرسىتىش تۇنجى تۈرى قۇرۇپ چىقىلدى. دۆلەت دەرىجىلىك يېشىل زاۋۇتتىن 111ى، يېشىل باغچە رايونىدىن توققۇزى يېتىشتۈرۈلۈپ، ياسىمىچىلىقنىڭ «يېشىللىق تەركىبى» مۇقىم ئاشۇرۇلۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن ئېنېرگىيە ئىستېمالى قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك يېشىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇلدى.

− ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى پەن - تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى. شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «زامانىۋى ئېنېرگىيە ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ ئىشنى ياخشى قىلىش» توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەت چەكلىمىسىگە چىڭ قادىلىپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ پەن - تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئېنېرگىيە پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى. بىر تۈركۈم يۇقىرى ئېنېرگىيە دەرىجىسىدىكى يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرى شىنجاڭدا ماكانلاشتى. خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسىنىڭ شىنجاڭ بازىسى، يورۇقلۇق ۋولت ماتېرىيالى ۋە باتارېيەسى مەملىكەتلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى، ئۆلكە - مىنىستىرلىق ئورتاق قۇرىدىغان كاربون ئاساسىدىكى ئېنېرگىيە بايلىقى خىمىيەسى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى، شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق جابدۇق تەتقىقات ئورنى، دۆلەت شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى، بۇ يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرىنىڭ ماكانلىشىشى ۋە قۇرۇلۇشى ئېنېرگىيە كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. ئېنېرگىيە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرلىرىدە پەن - تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈچەپ قانات يايدۇرۇلدى. نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېشىل كانچىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ پەن - تېخنىكا تۈرلىرى يولغا قويۇلدى. كۆمۈرنى يەر ئاستىدا گازلاشتۇرۇش (UCG) سىنىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا قويۇلۇپ، قېزىش قىيىن بولغان كۆمۈر بايلىقى، كۆمۈر قاتلىمى گازى، كۆمۈر گازىدىن ئىبارەت «ئىككى خىل گازنى تەڭ ئېلىش» تېخنىكىسىغا ھۇجۇم قىلىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى تېخنىكا بوشلۇقى تولدۇرۇلدى. پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىش كۈچەيتىلدى. مەملىكەت بويىچە تۇنجى 10 مىڭ توننا دەرىجىلىك يورۇقلۇق ۋولت يېشىل ھىدروگېن ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى كۇچادا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، تارىم نېفىتلىكىدە 10 مىڭ مېتىرلىق ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قۇدۇق بۇرغىلاش بويىچە ئاسىيا رېكورتى يېڭىلاندى، قۇياش ئېنېرگىيەسى كەسپى تېخنىكىسى مەملىكەت بويىچە ئالدىدا ماڭدى، ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن شامال سۈرئەتلىك شامال گېنېراتورى تېخنىكىسى خەلقئارادا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى. بىر تۈركۈم تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى تېز ئەمەلىيلىشىپ، زامانىۋى ئېنېرگىيە ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، شىنجاڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى يېڭى تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئېگىزلىكى ۋە كەسىپلەرنى ئايلاندۇرۇش توپلاشقان جايغا ئايلانماقتا.

− ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئېنېرگىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنىڭ تېز سۈرئەتلىك يولىنى راۋانلاشتۇرۇش» توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈنۈملۈك رىقابەتلىشىدىغان ئېنېرگىيە بازىرى قۇرۇلمىسى ۋە بازار سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە تەقسىملەش ئۈنۈمىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچ قوشتى. نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش - ئېچىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىكنىڭ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش - ئېچىش ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭ تارىم نېفىت - تەبىئىي گاز بىرلەشمە چارلاش - ئېچىش شىركىتى قۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئېچىش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، ئايلاندۇرۇش جەريانىغا قاتنىشىش دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى. يېڭى ئېنېرگىيە ئېچىشنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. مەملىكەت بويىچە ئالدى بىلەن شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت تۈرىنى ئەنگە ئېلىش ھوقۇق چېكى ۋىلايەت، ئوبلاست دەرىجىلىك ئورۇنلارغىچە چۈشۈرۈلۈپ، تۈرلەرنى ئەنگە ئېلىش تەرتىپى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، بىر تۈركۈم يېڭى ئېنېرگىيە تۈرلىرىنىڭ تېز ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇندى. ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزى قۇرۇلۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك بازىرى، نەق مال بازىرى ۋە قوشۇمچە مۇلازىمەت بازىرى مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، بازارنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بايلىقىنى تەقسىملەش ئىقتىدارى سىجىل ئۆستۈرۈلدى. 2024 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك بازارلاشقان سودىسىدا جەمئىي پۈتۈشكەن توك مىقدارى 802 مىليارد 700 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىدا جەمئىي سېتىلغان توك مىقدارىنىڭ %73.5ىنى ئىگىلىدى، 2024 - يىلى سودىلاشقان يېڭى ئېنېرگىيە توك مىقدارى 2023 - يىلىدىكىدىن %60تىن كۆپرەك ئاشتى.

− مەۋقە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇلۇپ، ئېنېرگىيە جەھەتتىكى خەلقئارا ھەمكارلىق تىرىشىپ كۈچەيتىلدى. شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «خەلقئارا ھەمكارلىقنى ھەر تەرەپلىمە كۈچەيتىش، ئېچىۋېتىلگەن شارائىتتا ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش» توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەكلىپ قىلىش، سىرتقا چىقىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر بولۇشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق ھەمكارلىق مېخانىزملىرىدىن ياخشى پايدىلىنىلدى. دىققەتنى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى قوللايدىغان سەككىز تۈرلۈك ھەرىكىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە زىيارەتكە بېرىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق ئارقىلىق نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر، يېڭى ئېنېرگىيە، توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قاتارلىق كۆپ ساھەدە مول ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى كۈچەيتىلدى. جۇڭگو − ئۆزبېكىستان يەرلىكلەر ھەمكارلىق مۇنبىرى، 3 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − قازاقىستان يەرلىكلەر ھەمكارلىق مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى بىر تۈركۈم كارخانىلارنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقىنى چارلاش - ئېچىشقا قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلدى.

3. ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، تىرىشىپ ئېنېرگىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىدا ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىپ، ئالدىدا مېڭىش

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا ئېنىق قىلىپ: غەربىي قىسىمدىكى رايونلار بىر تۈركۈم دۆلەت مۇھىم ئېنېرگىيە بازىلىرىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. شىنجاڭ دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىش ئورۇن بېكىتمىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، مەۋقەنى ئېنېرگىيە بايلىقى ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت قاتارلىق بايلىق ۋە كەسىپلەرنىڭ پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادى ئومۇمىيىتىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېنېرگىيە كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.

بىرىنچى، پۇرسەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئۈستۈنلۈكىنى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تىرەككە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئېنېرگىيە كەسپىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، كۆپ خىل ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ، شۇنداقلا بىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش داۋامىدا ئۆز تەرەققىياتىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزدىكى مۇھىم پۇرسەت. پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيە ئومۇملۇقىغا، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە قويۇپ ئويلىنىپ ۋە پىلانلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشى، دەۋر پۇرسىتىنى دەل جايىدا ئىگىلىشى كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ بايلىق، سىياسەت، تېخنىكا ۋە بازار قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تولۇق تونۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىشى كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە كەسپى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان ياخشى ۋەزىيەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، پۇرسەتنى ئىگىلەش ئىقتىدارى ۋە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش - ئېچىش ۋە زاپاسنى كۆپەيتىپ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانلارنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ دۆلەتنى تېخىمۇ مۇقىم، تېخىمۇ بىخەتەر، تېخىمۇ يېشىل ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

ئىككىنچى، ئەمەلىي ئىشلەش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، چوڭ تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئەمەلىي نەتىجە، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئېنېرگىيە بايلىقى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى مۇھىم تىرەك، تۈر قۇرۇلۇشى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يادرولۇق تۇتقا. بىز جەزمەن «تۈرنى تۇتقانلىق تەرەققىياتنى تۇتقانلىق» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، ئويلىغان ئىكەن دادىل قىلىش، قىلىمەن دېگەن ئىكەن قىلىش، قىلغان ئىكەن ياخشى قىلىش پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، «پۈتۈن كۈچ بىلەن بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش»تىن ئىبارەت غەيرەت ۋە جاسارەت بىلەن چوڭ - چوڭ ئېنېرگىيە تۈرلىرى قۇرۇلۇشىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا كۈچەپ، شامال ئېلېكتىر، نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە تۈرلەرنى بالدۇرراق زاپاس تەييارلاپ، بىر تۈركۈم ئەلا سۈپەتلىك تۈرلەرنى نۇقتىلىق جەلپ قىلىپ، قۇرۇلۇۋاتقان بىر تۈركۈم تۈرلەرنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ - قۇۋۋەت توپلىشىمىز كېرەك. سىستېمىلىق پىلانلاش ۋە بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىندىكى زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ خام ماتېرىيال، يېقىلغۇدىن قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى بولغان ماتېرىيال ۋە ئاخىرقى مەھسۇلاتقا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت قاتارلىق جەھەتلەردىكى جابدۇق ياسىمىچىلىقىنى پۈتۈن زەنجىرلىك كۆلەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ ئومۇمىي رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

ئۈچىنچى، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ھاياتىي كۈچ ۋە قۇۋۋەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، ساقلاش، سېتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئىسلاھات ئارقىلىق كۈچ قوشۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىپ يېتەكلەشتىن ئايرىلالمايدۇ. بىز جەزمەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، يېڭى پىكىر يولى، يېڭى ئۇسۇل ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئېنېرگىيەنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭى مېخانىزمنى تېز بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. «ئىسلاھات» ئېڭى ۋە «ئەمەلىي ئىشلەش» روھىنى تولۇق قوزغىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئەڭ يېڭى سىياسەتلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئىلغار رايونلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، ئېنېرگىيە تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە سىجىل ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كېرەك. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپەيتكىلى، كېڭەيتكىلى بولىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى يارىتىش كېرەك. «يېڭىلىق يارىتىش» ئىقتىدارى ۋە «يول ئېچىش» روھىنى سىجىل ئۇرغۇتۇپ، خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسى قاتارلىق چوڭ - چوڭ يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ئاكادېمىك - مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلاتلارنى چوڭ كۆلەمدە قوللىنىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، قوللىنىش» جەھەتتە چوڭقۇر ماسلىشىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

تۆتىنچى، خەلقنى كۆزلەش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە ساھەسىنىڭ جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تايانچقا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئېنېرگىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ مۇھىم يولى بولۇپ، شىنجاڭغا نىسبەتەن تېخىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپەيتىشتىن ئىبارەت بۇ يۆنىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، چوڭ - چوڭ ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يانداش كەسىپلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈر قۇرۇلۇشى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا قاتنىشىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىيات ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، پاكىز ئېنېرگىيەنى كۆلەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى يېشىللاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن ئېكولوگىيەسى ياخشى گۈزەل ماكان بەرپا قىلىپ بېرىش كېرەك. ئېنېرگىيە ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل يولغا قويۇپ، تەبىئىي گاز ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بويىچە تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئېلېكتىر تورىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، بىر تۈركۈم «يېزا ئىگىلىكى بىلەن يورۇقلۇق ۋولت بىر - بىرىنى تولۇقلاش» «چارۋىچىلىق بىلەن يورۇقلۇق ۋولت بىر - بىرىنى تولۇقلاش» تۈرلىرىنى قۇرۇپ، تىرىشىپ ئومۇم مەنپەئەتلىنىدىغان، ئەلا سۈپەتلىك، مۇقىم، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ئېنېرگىيە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

«ئۈچ تاغ ئارىسىدا ئىككى ئويمانلىق بولغان» شىنجاڭنىڭ تاغلىرىدا بايلىق بار، ئويمانلىقلىرىدا نېفىت، كۆمۈر بار، ھەممىلا يېرىدە «شامال، يورۇقلۇق» بايلىقى بار. مول ئېنېرگىيە بايلىقى ئاساسى بىزنىڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىشىمىزدىكى پۇختا ئاساس، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزدىكى مۇھىم شەرت. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى «چوڭ ئىش» ۋە «ئېنېرگىيە كاپالىتى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، مەۋقەنى «شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكى»گە قويۇپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىشىمىز؛ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئېنېرگىيە ئىنقىلابىدىكى «ۋاقىت» ۋە «ۋەزىيەت»نى ياخشى ئىگىلەپ، دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىشىمىز، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز؛ ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى «پۇرسەت» ۋە «ئۆزگىرىش»نى ئېنىق تونۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ، ھەم بىر رايونغا شەرەپ كەلتۈرۈشىمىز، تېخىمۇ مۇھىمى ئومۇملۇققا ھۆسن قوشۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش داۋامىدا تېخىمۇ زور شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇشىمىز كېرەك!

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.