2-ئاينىڭ 22-كۈنى، 2025-يىللىق مەملىكەتلىك زال ئىچى يېنىك ئاتلېتىكا مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسى (4-بېكەت) ھەم نەنجىڭ دۇنيا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسى زال ئىچى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ سىناق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. ئاياللار ئېگىزگە سەكرەش مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭلىق قىز دىنا نۇرلان 1.87 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن چېمپىيون بولدى. 2-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىئەندە ئۆتكۈزۈلگەن 2025-يىللىق مەملىكەتلىك زال ئىچى يېنىك ئاتلېتىكا مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسى (2-بېكەت) ھەم نەنجىڭ دۇنيا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسى زال ئىچى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ سىناق مۇسابىقىسىدە ئۇ مۇشۇ تۈردە چېمپىيون بولغانىدى.

دىنا نۇرلان مۇسابىقىدە. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئېرگۇڭ تەنتەربىيە مەشىق مەركىزى تەمىنلىگەن سۈرەت
2-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى مۇسابىقىدە، دىنا نۇرلاننىڭ روھىي ھالىتى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، 1.65 مېتىر، 1.75 مېتىر، 1.80 مېتىر، 1.84 مېتىر ۋە 1.87 مېتىرغا سىناپ سەكرىشى بىر قېتىمدىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۇ 1.90 مېتىرغا جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۈچ قېتىم سىناپ سەكرىگەن بولسىمۇ، لېكىن مەغلۇپ بولدى. ئەڭ ئاخىرى ئۇ 1.87 مېتىر نەتىجە بىلەن چىمپىيون بولدى.
بۇ ئالتۇن مېدالنىڭ قولغا كېلىشىنى مۇقەررەر، دېيىشكە بولاتتى. 2-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى مۇسابىقىدە دىنا نۇرلان 1.87 مېتىرغا سەكرەشتەك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەنىدى.

دىنا نۇرلان مەشىق قىلماقتا. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئېرگۇڭ تەنتەربىيە مەشىق مەركىزى تەمىنلىگەن سۈرەت
2024-يىللىق مەملىكەتلىك زال ئىچى يېنىك ئاتلېتىكا مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسى (3-بېكەت)دە، دىنا نۇرلاننىڭ ئىپادىسى ياخشى بولۇپ، 1.84 مېتىرغا سەكرەپ چىمپىيون بولدى. 2024-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۇ مەملىكەتلىك زال سىرتى يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىدە، 1.87 مېتىرغا سەكرەشتەك ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەنىدى.
دىنا نۇرلاننىڭ 1.90 مېتىرغا سەكرەشكە ئىشەنچى بار، ئۇ مەشىق جەريانىدا 1.90 مېتىردىن ھالقىپ سەكرەپ باققان بولۇپ، كېيىنكى قېتىملىق مۇسابىقىدە چوقۇم ئۆزىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
دىنا نۇرلان 1998-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى شىنجاڭنىڭ غۇلجا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 15 يېشىدا بوي ئېگىزلىكى 1.75 مېتىرغا يەتكەن، 16 يېشىدا شىنجاڭ ئېگىزگە سەكرەش كوماندىسىغا كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندە دىنا نۇرلاننىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.84 مېتىرغا يەتتى ھەم كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە چېمپىيون بولدى، ئۇ شىنجاڭ ئاياللار ئېگىزگە سەكرەش تەنھەرىكەتچىلىرى ئىچىدىكى مۇنەۋۋەر تالانت ئىگىسى.