2-ئاينىڭ 25-كۈنى، مۇخبىرنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12-نۆۋەتلىك مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەم 9-نۆۋەتلىك ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى (قىسقارتىلىپ «مەملىكەتلىك مېيىپلەر ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى»دېيىلىدۇ) ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش مۇسابىقىسى ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، مەملىكەتلىك مېيىپلەر ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش مۇسابىقىسى 3-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى قار تېيىلىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن، 2-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن باشلاپ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ھەرقايسى كوماندىلار ئارقا-ئارقىدىن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپ مۇسابىقىدىن بۇرۇن مەشىق قىلىدىكەن.
بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك مېيىپلەر ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش مۇسابىقىسى مەملىكەتلىك مېيىپلەر ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى بولۇپ، مۇسابىقىدە ئايلىنىش، چوڭ ئايلىنىش، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ئايلىنىش، دەرىجىدىن تاشقىرى ئومۇمىي ماھارەت كۆرسىتىش ۋە تېيىلىپ چۈشۈشتىن ئىبارەت بەش تۈر تەسىس قىلىنغان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 10 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن كەلگەن 96 تەنھەرىكەتچى ھەم يېتەكچى، خىزمەتچى خادىم، تېيىلىش باشلامچىلىرى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتقان.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ شىنجاڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، مۇسابىقە مەيدانى ھەم ئەتراپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدا مەملىكەتلىك مېيىپلەر ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باش تېما شوئارى، مۇسابىقە بەلگىسى، قۇت بەلگىسى نامايان قىلىنغاندىن سىرت، يەنە «تىيانشاندا ئېچىلدى قار لەيلىسى، مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئارزۇغا ئىنتىلىش سەپىرى»، «قارلىق دالىدا ئۇچقاندەك تېيىلىپ سالاپىتىنى نامايان قىلىش، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ يېڭى سەھىپە پۈتۈش» قاتارلىق شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە تەشۋىقات شوئارلىرى ھەم قۇت بەلگىسى قوشۇلدى.