□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن
2 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، جۈمە، كەچكى شەپەق نۇرى دېرىزىدىن ئۆتۈپ جىڭ ناھىيەسى گۇەنلەن خاۋتىڭ ئولتۇراق رايونىدىكى ۋاڭ يەنجاۋنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ تۇراتتى، خوتۇنىنىڭ ئۆيگە كېلەي دەپ قالغانلىقىنى پەرەز قىلىپ، ئۇ قازاننىڭ تۇۋىقىنى ئېچىپ بىر سىقىم ئالقاتنى پىشاي دەپ قالغان داپەنجىگە سالدى.
شۇ كۈنى كەچتە، بىر ئائىلە كىشىلىرى خۇشال ـ خۇرام ھالدا بىللە كەچلىك تاماق يېدى، ۋاڭ يەنجاۋ خوتۇنىغا ئۆز قولى بىلەن ئالقات قوشۇلغان داپەنجى ئېتىپ بېرىش ۋەدىسىنى نەقلەشتۈردى. توي قىلغان يەتتە يىلدىن بۇيان، خۇلاتاڭ ئىچىپ قاتلىما يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئۇ شۇ جاينىڭ يېمەك ـ ئىچمەك ئادىتىگە ئاللىبۇرۇن سىڭىشىپ كەتكەن بولۇپ، پولۇ، لەڭمەن ۋە داپەنجى ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىكى كۈندىلىك تامىقىغا ئايلاندى.
16 يىل ئىلگىرى، خېنەن تەپتىش كەسپىي شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەن ۋاڭ يەنجاۋ غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيسىغا ئايلاندى، ئۇ يۈك ـ تاقلىرىنى يۈدۈپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك تۇپرىقىدىن ئايرىلىپ، قەتئىيلىك بىلەن غەربىي قىسىمدىكى چېگرا رايونغا بېرىش سەپىرىگە ئاتلاندى. ئۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتىنىڭ شىمالىي شىنجاڭدىكى گۈزەل كەچكى شەپەق، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ناخشا ـ ئۇسسۇللىرى، ئېبنۇر كۆلىدىكى قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان توغراقلار، يەنە ھەممە يەردە ئۇچراپ تۇرىدىغان قاردەك ئاپئاق پاختىلار ۋە شاخلاردىكى قىپقىزىل ئالقاتلار بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.
جىڭ ناھىيەسىگە يېڭى كەلگەندە، ۋاڭ يەنجاۋ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە ئەدلىيە ئىدارىسىدە خىزمەت قىلدى. ئۇ كەنتكە بېرىپ زىيارەت قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كېچىسى ئىشىكنى تاقىمايدىغانلىقىنى بايقىدى، كەنت ئاھالىلىرى ھەمىشە ئەڭ ياخشى يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ چىقىپ ئۇنى قىزغىن كۈتۈۋالاتتى، ئۇ ۋە خىزمەتداشلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن «بالام» دەپ چاقىراتتى، بۇنىڭ بىلەن ئۇ تەسۋىرلىگۈسىز ھاياجانغا تولاتتى. بىر يىللىق مۇلازىمەت مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئۇ شىنجاڭدا يىلتىز تارتىشقا ئىرادە باغلىدى.
«شىنجاڭلىقلارنىڭ كەڭ قورساقلىقى ۋە سەمىمىيلىكى مېنى تەسىرلەندۈردى، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى مەن بۇ جايدىكى قايناق تۇرمۇشنى ياقتۇرۇپ قالدىم.» ۋاڭ يەنجاۋ مۇنداق دېدى: يېزا ـ بازار، مەيدانلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، دائىم بازار كۈنىگە ئۇدۇل كېلىپ قالىمەن، خۇشاللىققا تولغان ياڭراق ئاۋازلار ئىچىدە، كاۋاپلاردىن چىققان زىرە پۇرىقى دىمىقىمغا ئۇرۇلىدۇ، رەڭگارەڭ مىللىي كىيىم ـ كېچەكلەرنى كىيگەن، زىبۇ ـ زىننەتلەرنى تاقىغان كۆپ ماھارەتلىك ياشلارنىڭ ھەر خىل چالغۇلارنى چېلىۋاتقانلىقىنى ئۇچرىتىمەن... خالىغان بىر ئېتىزغا كىرىپ، ئالقات ئۈزگەندە ياكى دېھقانلارنىڭ ھويلىسىدىكى ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا ئولتۇرۇپ مېۋىلەرنى تېتىغاندا، قۇياش نۇرى دەرەخ ئارىسىدىن ئۆتۈپ كاڭغا چۈشكەندە خىيالىي تۇيغۇغا چۆمۈپ، بۇ قۇياش نۇرىنىڭ تەپتىمۇ ياكى كىشىلەر قەلبىدىكى ئوتتەك قىزغىنلىقمۇ دېگەنلەرنى ئېنىق ئايرىيالماي قالىمەن.
ئۆتكەن 16 يىلدا، ۋاڭ يەنجاۋ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ خىزمەت ئورنىنى يەتتە قېتىم ئالماشتۇردى، نۆۋەتتە، ئۇ جىڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى. بۇنىڭ ئىچىدە، بۇ ناھىيەنىڭ خۇڭشىڭ كوچا باشقارمىسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن كۈنلىرى ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز بولدى، ئۇ دۇڭچېڭ مەھەللىسى ئۈچۈن «خۇڭشىڭ كەشتە يىڭنىسى» پىدائىيلار مۇلازىمەت تۈرىنى يولغا قويدى، چاۋياڭ مەھەللىسىدىكى 168 ئاھالىنىڭ تەبىئىي گازنى ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدى، دۇڭجياۋ مەھەللىسىنىڭ تارىختىن قېپقالغان سەككىز تۈرلۈك ئەرزىيەت دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلدى، دۇڭجياۋ مەھەللىسى ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ يوللارنى رېمونت قىلدى، ئىتتىپاق مەھەللىسىگە يول چىرىغى ئورنىتىپ بەردى، سەيخۇڭ مەھەللىسىدە تۈرلۈك ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى، 100 پىدائىينى «ھەقسىز چاچ كېسىش» «ھەقسىز كېسەل كۆرۈش» «ھەقسىز رېمونت قىلىش» «ھەقسىز ياردەم بېرىش» «ئىئانە توپلاش» قاتارلىق پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىدى، ئاھالىلەرگە 1000دىن ئارتۇق ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى.
2021 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، بىر جۈپ ئەر ـ خوتۇن ۋاڭ يەنجاۋنى كۆرۈپلا يىغلاپ كەتتى. ئەسلىدە ئۇلار بېقىۋالغان بالىسىنىڭ رەسمىيىتى كەمچىل بولغاچقا، نوپۇسقا ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى ئىزچىل بېجىرەلمىگەنىدى، ئوقۇش باشلاشقا ئاز قالغاچقا، ئىككىيلەن ئىنتايىن جىددىيلىشىپ كەتكەنىدى.
ماتېرىيال ئىزدەپ، گۇۋاھچى ئىزدەپ، ئون نەچچە كۈن تىرىشىش ئارقىلىق، ۋاڭ يەنجاۋ ۋە خىزمەتداشلىرى ئوقۇش باشلاشتىن ئىلگىرى بۇ بالىنى نوپۇسقا ئېلىش رەسمىيىتىنى ئوڭۇشلۇق بېجىرىپ بەردى، ئەر ـ خوتۇن ئىككىيلەن ناھايىتى تەسىرلىنىپ، ئۇلارغا لەۋھە تەقدىم قىلدى.
دۇڭچېڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ياڭ فېڭچىن مۇنداق دېدى: مەن ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرىمەن، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن بىر خەلق ئىچى ئۇسسۇل ئەترىتى تەشكىللەپ قۇرماقچى بولدۇم، ۋاڭ يەنجاۋ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، مېنىڭ «شىياڭخۇڭ» ئەدەبىيات ـ سەنئەت پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇشىمغا ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە ئالتە مەھەللىنى سەپەرۋەر قىلىپ ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا «لىڭلىخۇڭ» «لىڭلىئەن» «لىڭلىنۇەن» قاتارلىق ئون پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇردى.
«ئاھالىلەرنىڭ ئىلتىماس ـ تەلىپى بولسىلا، ۋاڭ يەنجاۋ ھەرقانچە كىچىك ئىش بولسىمۇ سەۋرچانلىق بىلەن ھەل قىلىپ بېرىدۇ، مەيلى كىمنىڭ قانداق ئويى بولسۇن، ئۇ ئاڭلاشنى خالايدۇ، ھەقىقەتەن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ياخشى شۇجى» دېدى دۇڭچېڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى لى دۇڭفەن.
2022 ـ يىلى، خۇڭشىڭ كوچا باشقارمىسى دۇڭچېڭ مەھەللىسى مەملىكەت بويىچە لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پىدائىيلار مۇلازىمىتىدىكى «تۆت 100» ئىلغار تىپ بولۇپ تاللاندى.
خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، ۋاڭ يەنجاۋ گېزىت ـ ژۇرناللارغا ماقالە ئەۋەتىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ مۇنداق يازدى: مەن شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ قالتىس جاينى ياقتۇرۇپ قالدىم، بۇ جايدىكىلەرنىڭ كۆڭلى ـ كۆكسى دېڭىزدىنمۇ كەڭ ئىكەن، مەن بورتالا دەرياسىنىڭ تاڭ قۇياشى ۋە كەچكى شەپىقىنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن، شۇنداقلا مۇتتار قۇملۇقىدىكى قەھرىتان سوغۇق ۋە قۇم ـ بوراندىنمۇ قورقمايمەن...
بەزىدە ۋاڭ يەنجاۋ ئەينى يىلى شىنجاڭغا كەلگەن چاغدىكى − «نېمە ئۈچۈن شىنجاڭدا قالىمەن؟» دېگەن ئەسلىي مەقسىتىنى ئېسىگە ئالىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، جاۋاب ئۇنىڭ ئۆز قولى بىلەن بېجىرگەن ئارخىپىغا، مەھەللىدىكى ئاممىنىڭ تەبەسسۇمىغا، پىدائىيلارنىڭ خالىس تۆھپە قوشۇۋاتقان سىيماسىغا، خوتۇنىنىڭ تاماق ئېتىپ ئۇنى ئۆيگە قايتىشقا ئالدىرىتىۋاتقان كوتۇلداشلىرىغا پۈتۈلۈپ كەتكەنىدى...