تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

يەنە ھەقسىز بېلەتكە ئېرىشىپ، ئەتىدىكى جۇڭگو چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسى (شىنجاڭ مۇسابىقە رايونى)نىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنى كۆرۈڭ

    «ئانار بۇلۇت» ئابۇنىچىلار تېرمىنالىدا پائالىيەتلىرىمىز ئۈزۈلمەيدۇ، يەنە ھەقسىز بېلەتكە ئېرىشىپ، ئەتە (2- ئاينىڭ 25-كۈنى)دىكى جۇڭگو چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسى (شىنجاڭ مۇسابىقە رايونى)نىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنى كۆرۈڭ.

  «باراي» تاجدارلىقىدىكى 2025- يىللىق جۇڭگو چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسى (شىنجاڭ مۇسابىقە رايونى)نىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى 2- ئاينىڭ 23- كۈنى ئۈرۈمچى چيۇڭدىڭ پۇتبول سارىيىدا باشلاندى! بۈگۈن، «ئانار بۇلۇت» ئابۇنىچىلار تېرمىنالىمىزنىڭ «باراي» تۇرمۇش مۇلازىمەت سۇپىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ ھەقسىز بېلەت تارقىتىۋاتقانلىقىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى. 2- ئاينىڭ 22- كۈنى تۇنجى مەيدان چەك تارتىش پائالىيىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، كەڭ تورداشلارنىڭ پائالىيەتكە قاتنىشىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولدى. پائالىيەت ئىككى كۈندە تورداشلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشىپ، 20 نەپەر تەلەيلىك تورداش ھەقسىز بېلەتكە ئېرىشتى. تېخىمۇ كۆپ پۇتبول مەستانىسىنىڭ نەق مەيدانغا بېرىپ مۇسابىقە كۆرۈشىگە قولايلىق يارىتىش مەقسىتىدە، بۈگۈن 3- قېتىملىق ھەقسىز بېلەتكە ئېرىشىش پائالىيىتىنى يولغا قويدۇق.

  2025- يىللىق جۇڭگو چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسى (شىنجاڭ مۇسابىقە رايونى) ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ بېلىتىدىن بۈگۈن يەنە 10نى تەييارلىدۇق. بېلەتكە ھەقسىز ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، تۆنۈگۈنكىگە ئوخشاشلا ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى «开始抽奖» دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ پائالىيەتكە قاتنىشىسىز (2- ئاينىڭ 25- كۈنىدىكى مۇسابىقىنىڭ بېلىتىنى چەك تارتىشقا قاتنىشىش ۋاقتى 2- ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 10دىن سائەت 24كىچە)، ھەر بىر تورداش ئۈچ قېتىم چەك تارتىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. چەك تارتىش پائالىيىتى 2- ئاينىڭ 25- كۈنىگىچە ھەر كۈنى ئېلىپ بېرىلىدۇ، ھەر قېتىمدا 10 نەپەر تەلەيلىك تورداش ھەقسىز بېلەتكە ئېرىشەلەيدۇ، شۇڭا بۈگۈن بېلەت چىقماي قالغان بولسا، ئەتە يەنە مۇناسىۋەتلىك ئادرېسقا كىرىپ تەلىيىڭىزنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. ھەر بىر تەلەي ئىگىسى ھەر كۈندە ئۈچ قېتىم چەك تارتالايدۇ.

  پائالىيەتكە قاتنىشىپ ھەقسىز بېلەتكە ئېرىشىپ قالسىڭىز، بېلەتنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ. مۇكاپات چىققاندىن كېيىن، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك ئۇچۇرى كۆرۈنگەن كۆرۈنمە يۈزدە، مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش ئۇچۇرىنى (兑奖信息) تولدۇرىدىغان چاغدا، نەق مەيدانغا بېرىپ مۇسابىقىنى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ تېلېفون نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويۇڭ (تېلېفون نومۇر ئۇچۇرىڭىز مەخپىي ساقلىنىدۇ). ھەقسىز بېلەتكە ئېرىشكەنلەر تۆۋەندىكى مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش جەدۋىلى بويىچە ۋاقتىڭىزنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، چيۇڭدىڭ پۇتبول سارىيىغا بارسىڭىز، شۇنداقلا نەقلەشتۈرۈش ئۇچۇرىنى تولدۇرغاندا يازغان تېلېفون نومۇرىنى «باراي» خىزمەتچىلىرى ئارقىلىق نەقلەشتۈرۈپ، بېلىتىڭىزنى ئېلىۋالسىڭىز بولىدۇ.

  ناۋادا ھەقسىز بېلەتكە ئېرىشەلمەي قالسىڭىز، بېلەت سېتىۋېلىش ئارقىلىق نەق مەيدانغا بېرىپ ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان كوماندا ياكى پۇتبولچىغا مەدەت بەرسىڭىز بولىدۇ. بېلەتنى تۆۋەندىكى «باراي بېلەت مۇلازىمىتى» ۋېيشىن كىچىك پىروگراممىسىدىن سېتىۋالالايسىز.

يۇقىرىدىكى كودنى ۋېيشىن ئارقىلىق ساۋما قىلىپ بېلەت سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ

  بۈگۈن ھەقسىز بېلەتكە ئېرىشەلمىگەن تورداشلارغا ئەتە ئوخشاشلا يەنە بىر مەيدان ھەقسىز بېلەتكە ئېرىشىش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرىمىز، 25- چېسلامۇ ئوخشاشلا 10 تەلەيلىك تورداش ھەقسىز بېلەتكە ئېرىشەلەيدۇ، تورداشلارنىڭ پائالىيىتىمىزگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشىنى، ئەتراپىدىكى پۇتبول مەستانىلىرىگە تارقىتىپ قويۇشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.