تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

2025-يىللىق ئۈرۈمچى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قار تېيىلىش مارافون مۇسابىقىسى باشلاندى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر تاڭ يۇڭ فوتوسى، خەۋىرى) 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى، تەنتەربىيە ئىدارىسى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن 2025-يىللىق ئۈرۈمچى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قار تېيىلىش مارافون مۇسابىقىسى بەييۈن قار تېيىلىش مەيدانىدا باشلاندى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ۋاقتى 10 كۈن بولۇپ، مۇسابىقىگە جەمئىي 5000دىن ئارتۇق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى قاتناشتى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى گۇرۇپپىسى 5000 مېتىرغا، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى گۇرۇپپىسى 8000 مېتىرغا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى گۇرۇپپىسى 10 مىڭ مېتىرغا تېيىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈر تەسىس قىلىندى.

   بۇ پائالىيەت دۆلەتنىڭ «300 مىليون كىشىنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇش» چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولۇش، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بەدەن ساپاسى ۋە تەنھەرىكەت ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش، مۇسابىقە ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ياش-ئۆسمۈرنى قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىش، ئىرادە- پەزىلەت ۋە كوللېكتىپ روھنى يېتىلدۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

2-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مۇسابىقىگە قاتناشماقتا.

2-ئاينىڭ 24-كۈنى، 2025-يىللىق ئۈرۈمچى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قار تېيىلىش مارافون مۇسابىقىسى بەييۈن قار تېيىلىش مەيدانىدا باشلاندى.

2-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى «سېھىرلىك گىلەم»گە چىقىپ مۇسابىقە نۇقتىسىغا بارماقتا.

2-ئاينىڭ 24-كۈنى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاسما ۋاگونغا ئولتۇرۇپ مۇسابىكە نۇقتىسىغا بارماقتا.

2-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا.

2-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاسما ۋاگونغا ئولتۇرۇپ مۇسابىقە نۇقتىسىغا بارماقتا.

2-ئاينىڭ 24-كۈنى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مۇسابىقىگە قاتناشماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.