
تىيانشان تورى − شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ شىنيەن فوتوسى، خەۋىرى
2-ئاينىڭ 14-كۈنى، جىڭ ناھىيەسىنىڭ ماندان يېزىسى بىر تۈركۈم ئالاھىدە مېھمان − «بىر يۈەن پىلانى» مېھىر-شەپقەت ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيىتىنىڭ تەشەببۇسچىسى ئەيساجان نىزامىدىن ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپىنى كۈتۈۋالدى. ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ مەقسىتى ئۇزاق مۇددەت ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەن داشۆ ئوقۇغۇچىسى گۈلدانە ئاماننى يوقلاپ، ئۇنىڭدىن ھال سوراش، ئۇنىڭغا غەمخورلۇق ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئىدى.

2-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئەيساجان نىزامىدىن كوللېكتىپ ئەزالىرى بىلەن بىللە بورتالا شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپكە كېلىپ، ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېرىشكەن بالىلارنى يوقلىدى ھەم ئۇلار بىلەن بىللە ئويۇن ئوينىدى.
بۇ يىل 42 ياشقا كىرگەن ئەيساجان دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى بورتالا توك تەمىنلەش شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى. 2006-يىلىدىن باشلاپ، ئۇ «بىر يۈەن پىلانى» مېھىر-شەپقەت ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيىتىنى تەشەببۇس قىلدى ھەم قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇردى. 19 يىلدا، ئۇلار جەمئىي 1 مىليون 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىئانە توپلاپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، 3900دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىغا ئىقتىسادىي ياردەم قىلدى. ئەيساجاننى خۇرسەن قىلغىنى شۇكى، ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېرىشكەن كۆپلىگەن كىشى ئىئانە قىلغۇچى سالاھىيىتى بىلەن «بىر يۈەن پىلانى» مېھىر ـ شەپقەت ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيىتىدىكى مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزگۈچىگە ئايلانغانلىقى بولدى.

2-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئەيساجان نىزامىدىن كوللېكتىپ ئەزالىرى بىلەن بىللە جىڭ ناھىيەسىنىڭ ماڭدان يېزىسىغا كېلىپ، ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېرىشكەن داشۆ ئوقۇغۇچىسى ئايبىن ئاسقات (سولدا)نى يوقلىدى، ئۇنىڭ مەكتەپتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس دېگەن نامغا ئېرىشكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى تەبرىكلىدى.

2-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئەيساجان نىزامىدىن ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپىنىڭ ئەزالىرى باشقا جايدا ئوقۇۋاتقان، ياردەمگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن سىنلىق سۆزلەشتى.
ئەيساجاننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىقتىن ئىبارەت بۇ يولغا مېڭىشىغا ئانىسى خەيرىنسا مەمەت سەۋەب بولغان. ئەيساجاننىڭ ئەسلىمىسىدە، ئانىسى ھەمىشە باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلەتتى، ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا دائىم ياردەم بېرەتتى. ئانىنىڭ ياخشى ئىشلىرى گۆدەك ئەيساجاننىڭ قەلبىگە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئۇرۇقىنى چاچقانىدى.
2005-يىلى 7-ئايدا، ئەيساجان داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى بورتالا توك تەمىنلەش شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى بولدى. تۇنجى ئايلىق مائاشنى ئالغاندىن كېيىن، ئۇ ئائىلىسى نامرات ئىككى ئوقۇغۇچىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى. لېكىن ناھايىتى تېزلا، ئۇ پەقەت بىر ئادەمنىڭ كۈچىگە تايىنىپلا تېخىمۇ كۆپ ياردەمگە موھتاج ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنىڭ قىيىنغا توختايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، 2006-يىلى، ئۇ «بىر يۈەن پىلانى» مېھىر-شەپقەت ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، ھەربىر كىشى ھەر كۈنى بىر يۈەن ئىئانە قىلىپ، ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلار ۋە باشقا قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا ياردەم بېرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى بورتالا توك تەمىنلەش شىركىتىدىكى 800دىن ئارتۇق خىزمەتچىنىڭ ھەممىسى «بىر يۈەن پىلانى» مېھىر-شەپقەت ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق كوللېكتىپىغا قاتناشتى. بۇ پىلان نەچچە مىڭ ئائىلىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن كىشىنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشلىرىغا ئېتىبار بېرىش ۋە قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتتى.

2-ئاينىڭ 14-كۈنى، «بىر يۈەن پىلانى» مېھىر-شەپقەت ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق كوللېكتىپىنىڭ ئەزالىرى جىڭ ناھىيەسىنىڭ ماندان يېزىسىدا قىشلىق لاگېر پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى ھەم بالىلارغا سومكا، ئوقۇش قورالى قاتارلىق ئۆگىنىش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى.

2-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئەيساجان نىزامىدىننىڭ قىزى تۇمارىس ئەيساجان (ئوڭدىن ئىككىنچى) كوللېكتىپ ئەزالىرى بىلەن بىللە ماددىي ئەشيالارنى رەتلىدى. دادىسىنىڭ تەسىرىدە، تۇمارىسمۇ بۈگۈنكى كۈندە بىر پىدائىي بولدى.

2-ئاينىڭ 16-كۈنى، «بىر يۈەن پىلانى» مېھىر-شەپقەت ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق كوللېكتىپىنىڭ ئەزالىرى بورتالا شەھىرى ئەيكاڭ ساغلاملىق بويىچە كۈتۈنۈش مەركىزىگە كېلىپ ياشانغانلارنى يوقلىدى.

ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېرىشكەن داشۆ ئوقۇغۇچىسى گۈلدانە ئامان (سولدا) تەتىلدە يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن، «بىر يۈەن پىلانى» مېھىر-شەپقەت ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق كوللېكتىپى پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، شۇ جايدىكى ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېرىشكەن ئائىلىلەرگە كۆز ئاسراش چىرىغى يەتكۈزۈپ بەردى (2-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان).
بۇ يىللاردا، ئەيساجان ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى باشتىن ـ ئاخىر ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىقنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇردى. ئۇلار ئائىلىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلىدى ھەمدە ئەمەلىي ياردەم بەردى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، «بىر يۈەن پىلانى» مېھىر-شەپقەت ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق كوللېكتىپى تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، ئەڭ دەسلەپكى دۆلەت ئېلېكتىر تورى بورتالا توك تەمىنلەش شىركىتىدىكى خادىملاردىن بۈگۈنكى كۈندە تەرەققىي قىلىپ ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەن پىدائىيلار كوللېكتىپى بولدى، بۇلار ئوقۇتقۇچى، دوختۇر، ئېنژېنېر، ئوقۇغۇچى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي بىلىمى ۋە ماھارىتىگە تايىنىپ، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆز كۈچىنى تەقدىم قىلدى.
2024-يىلى، ئەيساجان ئۇزاق مۇددەت ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشلىرى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىگە كۈچ چىقارغانلىقى ئۈچۈن، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك شەخس بولۇپ باھالاندى. بۇ، ئۇنىڭغا بولغان مۇئەييەنلەشتۈرۈش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى «بىر يۈەن پىلانى» مېھىر-شەپقەت ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق كوللېكتىپىغا بېرىلگەن غايەت زور ئىلھام.