تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

بىڭتۇەن مۇۋاپىق ياشتىكى قىزلارغا HPV ۋاكسىنىسى ئەملەيدۇ

2-ئاينىڭ 21-كۈنى

مۇخبىرنىڭ 2025-يىللىق بىڭتۇەن تولۇقسىز 1-، 2-يىللىق قىز ئوقۇغۇچىلارغا

ئادەم ئەمچەك توپچىسى ئۆسمە ۋىرۇسى(HPV) ۋاكسىنىسى

ئەملەش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە

بۇ يىل

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى

مۇۋاپىق ياشتىكى قىزلارغا HPV ۋاكسىنىسى ئەملەش مۇلازىمىتىنى

پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ

بىڭتۇەنگە قاراشلىق مەكتەپلەردىكى

2024-يىلى 9-ئايدا تولۇقسىز 1-، 2-يىللىققا چىققان

16 مىڭ ئوقۇغۇچىغا HPV ۋاكسىنىسى ئەملەيدىكەن

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاتا-ئانىلار (ۋەسىيلەر) دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن 2 ۋالېنتلىق HPV ۋاكسىنىسىنى تاللىسىمۇ، باشقا HPV ۋاكسىنىسىنى ئۆز ئالدىغا تاللىسىمۇ بولىدىكەن. دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن 2 ۋالېنتلىق HPV ۋاكسىنىسىنى تاللىغاندا، ئالدىنقى ئىككى دورا خىراجىتىگە مالىيەدىن ياردەم پۇلى بېرىلىدىكەن، ۋاكسىنا ئەملەش مۇلازىمەت ھەققى ھەر بىر دورىنىڭ 20 يۈەن بولۇپ، ۋاكسىنا ئەملەنگۈچى (ۋەسىيسى) ئۈستىگە ئالىدىكەن.

   ئىمپورت قىلىنغان 2 ۋالېنتلىق، 4 ۋالېنتلىق، 9 ۋالېنتلىق HPV قاتارلىق باشقا ۋاكسىنىلارنى تاللىغان ھەر بىر ئادەمگە 2025-يىلى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن 2 ۋالېنتلىق HPV ۋاكسىنىسىنىڭ پۈتۈشۈش باھاسى بويىچە ھەر بىر دورىغا 80 يۈەن، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئىككى دورىغا جەمئىي 160 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدىكەن. ياردەم پۇلى بېرىلگەندىن كېيىن، ۋاكسىنا ھەققىنىڭ پەرقلىق قىسمى ۋە ھەر بىر دورىنىڭ 20 يۈەندىن بولغان ۋاكسىنا ئەملەش مۇلازىمەت ھەققىنى ۋاكسىنا ئەملەنگۈچى (ۋەسىيسى) ئۈستىگە ئالىدۇ.

ھەرقايسى شى، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى

مەكتەپلەرنى تەلتۆكۈس تىزىملاش خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىپ

«ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش، ئۆز ئالدىغا تاللاش، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ۋاكسىنا ئەملەش» پىرىنسىپى بويىچە

مەكتەپ تۇرۇشلۇق جايدىكى ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش ئورۇنلىرىدا

HPV ۋاكسىنىسى ئەملەشنى يولغا قويۇشقا تەشكىللىدى

 

2025-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن بۇرۇن تۇنجى ۋاكسىنا ئەملەش تاماملىنىدۇ

11-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە

ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتى پۈتۈنلەي تاماملىنىدۇ

مەكتەپلەر ۋاكسىنا ئەملەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ

بارلىق ۋاكسىنا ئەملىشىگە ۋاقتىدا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.