تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

تۇپراقسىز ئۆستۈرۈشتىكى بىرنەچچە خىل ئەندىزە

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سارىنا

قەھرىتان قىش مەزگىلىدە، گەرچە قاتتىق سوغۇق بولسىمۇ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى باغۋەنچىلىك زىرائەتلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ پارنىكلىرى يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، تۈرلۈك كۆكتاتلار بۈككىدە ئۆسكەنىدى. بۇ يەردىكى كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسى تۇپراقسىز ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى بويىچە ئۆستۈرۈلگەنىدى.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى باغۋەنچىلىك زىرائەتلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ پەن تەتقىقات كوللېكتىپى تۇپراقسىز ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مۇھىتى ناچار بولۇش قاتارلىق پايدىسىز شارائىتنى يېڭىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك كۆكتات مايسىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.

تۇپراقسىز ئۆستۈرۈش − سۇ، ئوت - چۆپ كۈلى ياكى ئورمان چىرىندى توپىسى قاتارلىق ۋاسىتىچى ماددىلارنى تۈپ يىلتىز سىستېمىسىنىڭ ئاساس ماددىسى قىلىپ، ئۆسۈملۈك يىلتىز سىستېمىسىنى ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشتۇرىدىغان ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بوشلۇقىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىپ، زىرائەتلەردىن تۇپراققا تايانماي ھوسۇل ئېلىش ئىمكانىيىتىنى ياراتتى.

تۇپراقسىز ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ، كۆپ ئۇچرايدىغان ئۆستۈرۈش ئەندىزىسىدىن تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىلى بار:

سۇدا ئۆستۈرۈش، بۇنىڭدا ئۆسۈملۈك يىلتىز سىستېمىسىنىڭ ئۆسۈش مۇھىتىدا يىلتىز سىستېمىسىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان ئاساس ماددا بولمايدۇ، يىلتىز سىستېمىسى ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقىدا ئۆسىدۇ؛ ئاساس ماددىدا ئۆستۈرۈش، بۇنىڭدا تەبىئىي تۇپراق ئىشلىتىلمەيدۇ، بەلكى ئوت - چۆپ كۈلى، كوكۇس پالمىسى پاخىلى قاتارلىق دانچە ئاساس ماددىغا ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقى قوشۇپ ئۆستۈرۈلىدۇ؛ تۇمانلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆستۈرۈش، بۇ يېڭىچە بىر خىل ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇنىڭدا تۇمانلىتىپ پۈركۈيدىغان قۇرۇلما ئارقىلىق ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقى ئۇششاق تۇمان تامچىسى شەكلىدە تۇمانلاشتۇرۇلۇپ، ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىز سىستېمىسىغا بىۋاسىتە پۈركۈلۈپ، ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈشىنى كېرەكلىك سۇ ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تۇپراقسىز ئۆستۈرۈشكە بولىدىغان زىرائەتلەرنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن، شوخلا، خاڭگا، رەڭلىك لازا، چەيزە، سەي كاۋىسى ھەمدە كۆپ خىل يوپۇرماقلىق كۆكتات تۈرىدىكى زىرائەتلەر.

تۇپراقسىز ئۆستۈرۈش ھوسۇل يۇقىرى بولۇش، ئوغۇت تېجەش، سۇ تېجەش، پەرۋىش قىلىش ئاسان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، شۇنداقلا زىرائەت ئۆستۈرۈش رايون چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق.

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى باغۋەنچىلىك زىرائەتلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ خاۋ مۇنداق دېدى: «تۇپراقسىز ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئەمەلىي قوللىنىلىشى شىنجاڭدا كۆكتات ئۆستۈرۈشتىكى نۇرغۇن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، قۇرغاقچىلىق، شور قاتارلىق پايدىسىز شارائىتلارنىڭ چەكلىمىسىنى ئەپچىللىك بىلەن تۈگىتىپ، كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلىمىگە ئۇچراتماي، كۆكتات ھوسۇلى ۋە سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، كۆكتاتلارنىڭ بازار رىقابەت كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى».

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.