تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلار مۇھىم ۋەزىپىنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ئىش قىلىشقا، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ماھىر بولايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«تولۇپ تاشقان ئىگىلىك تىكلەش ۋە ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش قايناق ھېسسىياتى بىلەن، غايىۋى مەنزىلنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈپ، دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، بېيىغاندا مەنبەنى ئويلاش، بېيىغاندا ئىلگىرىلەشنى ئويلاش كېرەك.» پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇملۇقىنى كۆزلەپ، كەڭ پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلارغا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق تەكىتلىدى: «ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى قەلبكە پۈكۈپ، بىر مەقسەتتە تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، تىجارەتكە ماھىر بولۇپ، ئالدىن بېيىغانلار ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك».

كارخانا تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى بولۇپ، كارخانا تەرەققىياتىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ 1 - ئورۇندا تۇرىدۇ. پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى جەڭگىۋار قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا، كەڭ پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ دادىل ئىش قىلىپ، ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىشى، ئىش قىلىشقا، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ماھىر بولۇشىغا تايىنىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «تولۇپ تاشقان ئىگىلىك تىكلەش ۋە ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش قايناق ھېسسىياتى» «قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىش» «جۇڭگوچە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى تەلىپى بويىچە كارخانىنى ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» «تىجارەتتە سەمىمىي بولۇش، قانۇنغا رىئايە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش» «جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىش»تىن ئىبارەت بۇ بەش نۇقتىلىق تەلەپكە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بولغان چوڭقۇر ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشتىكى تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، كەڭ پۇقراۋى كارخانىچىلارنى دەۋر مۇھىم ۋەزىپىسىنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، قەتئىي تۈردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى ۋە رىغبەتلەندۈردى.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى دەۋردىكى چىڭ داۋلى، شۇنداقلا پۇقراۋى ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇقەررەر يول. ھازىر، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى «يېڭى» بولۇشقا قاراپ ئىلگىرىلىدى، «يۇقىرى پەللە»گە قاراپ ئۆرلىدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك ئورتاق تونۇشى ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس ھازىرلىدى. پۇقراۋى كارخانىلار بۇ يۈزلىنىشكە ئۇيغۇنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا ئورنىنى توغرا تېپىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا ماڭسا، چوقۇم يېڭى ئىقتىسادىي ئەندىزىدە رىقابەت كۈچىنى ساقلىيالايدۇ.

بىر تەرەپتىن، پۇقراۋى ئىگىلىك يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئاساسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خۇاۋېي، بىيادى، نىڭدې شىدەي قاتارلىق كارخانىلار پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممەت زەنجىرىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتىن جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلار رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈشكىچە، يەنە «10 مىڭ كارخانا 10 مىڭ كەنتنى گۈللەندۈرۈش»، «100 شەھەر، 1000 مەكتەپ، 10 مىڭ كارخانا» ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقىچە... دۆلىتىمىزنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكى مۇقىم ئېشىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە كەم بولسا بولمايدىغان رولىنى جارى قىلدۇردى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، كەڭ پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، تىرىشىپ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپلەپ تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

يەنە بىر تەرەپتىن، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. دەسلەپتىكى ماتېرىيال پىششىقلاشتىن ئۆزىنىڭ ماركىسىنى يارىتىش، يەنە خەلقئارا ئېقىمغا يېتەكچىلىك قىلىشقىچە، فۇجيەن، جېجياڭ قاتارلىق جايلاردىكى كىيىم - كېچەك، ئاياغ، باش كىيىم ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر قىسىم پۇقراۋى كارخانىلار ئۈزلۈكسىز زورايدى، كۈچەيدى، بۇنىڭ مۇھىم سەۋەبى شۇكى، ئۇلار نەچچە ئون يىلدىن بۇيان پۈتۈن دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىزچىل مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدى. ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ئاساسىي كەسىپنى چىڭ ساقلاش، ئوقەتچىلىكنى كۈچەيتىش دەل پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى. ھازىر، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىش دولقۇنى تېز ئۇلغايماقتا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا پەن - تېخنىكىنىڭ زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىشىغا تايىنىش كېرەك. كەڭ پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئاڭلىق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچەپ، كارخانىلارنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن كارخانىنى كۈچەيتىشى، ئەلالاشتۇرۇشى، زورايتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كارخانىنى ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كارخانا ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىقلار توغرىسىدا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، ناھايىتى كۈچلۈك رېئال قاراتمىلىققا ۋە يېتەكچىلىككە ئىگە. تۈزۈم كارخانا باشقۇرۇشنىڭ ئۇل تېشى، 100 يىللىق تارىخقا ئىگە دۇكان بەرپا قىلىپ، ئۇنى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، جەزمەن ئىلغار باشقۇرۇش تۈزۈمى بولۇشى كېرەك. بولۇپمۇ رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشى چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، پەقەت باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرغاندىلا، تەڭشىگەندىلا، ئاندىن تاشقى مۇھىتتىكى خىرىسقا تاقابىل تۇرغىلى، ئىچكى تەرەققىياتتىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلىغىلى، تەرەققىيات پۇرسىتىنى تېخىمۇ ياخشى تۇتقىلى بولىدۇ. كارخانا باشقۇرۇش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، پايچىكلارنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىچكى قىسىمدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەمگەك، ئىختىساسلىقلار، بىلىم، تېخنىكا، كاپىتال، سانلىق مەلۇمات قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى ئىشلىتىش، باشقۇرۇش، قوغداش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ساپا جەھەتتە بىرىنچى قاتاردا تۇرغاندىلا، ئاندىن بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان كارخانا قۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، كارخانا ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش، قاراتمىلىق ھالدا بارلىققا كەلتۈرۈش ۋە چېنىقتۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كارخانىنى سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىش، مەشئەلنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش چوڭ دولقۇنىدا باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، كەڭ پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلار شانلىق تارىخ ياراتتى. ھازىر، پۇقراۋى ئىگىلىكنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بۇرچى شەرەپلىك، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ، دەۋر كەڭ پۇقراۋى كارخانىچىلارنى يېڭى ئىگىلىك تىكلەش تارىخىنى پۈتۈپ چىقىشقا چاقىرماقتا. كەڭ پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلار چوقۇم تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دەۋر پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تىرىشىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان كۆتۈرەڭگۈ روھنى ساقلاپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.