□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يەن شياۋتيەن
2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، كوئېنلۇن تېغى ئېتىكىدىكى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ كوئېنلۇن جيايۈەن مەكتىپىدە ئوقۇش باشلاندى. 8 - يىللىق (2) سىنىپنىڭ ئەخلاق ۋە قانۇنچىللىق دەرسىدە، شى شياۋياڭ مەسئۇلىيەت ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق توغرىسىدا توختالغاندا، ئارقا رەتتىكى بىر ئوقۇغۇچى تۇيۇقسىز قولىنى كۆتۈرۈپ: «مۇئەللىم، سىز نېمىشقا غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيسى بولدىڭىز؟» دەپ سورىدى.
«ياشلىقىمدا ئۆمۈر بويى ئۇنتۇلغۇسىز بىر ئىش قىلغۇم بار» دەپ جاۋاب بەردى شى شياۋياڭ.
سەنشى جىنچېڭلىق قىز شى شياۋياڭ داشۆدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ھەربىي سەپكە قاتناشقانىدى، ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئالدىدا، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر ئويلاپ باقمىغان يەنە بىر قارارنى چىقاردى − داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي قىسىم پىلانىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتتى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ چارلۇڭ بازىرى بىلەن ئۈزۈلمەس رىشتە باغلىدى.
2022 - يىلىنىڭ بېشىدا ئاقتۇغا بارغىنىدا، ئاپتوموبىل دېرىزىسى سىرتى كەڭ كەتكەن سېرىق دالا بولۇپ، يەرلەرمۇ سېرىق، تاغلارمۇ سېرىق ئىدى. بۇ، شى شياۋياڭنىڭ شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كېلىشى بولۇپ، باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئۈچ يىللىق پىدائىيلار مۇلازىمىتىدىن ئۇ ھەم دەككە - دۈككە بولدى، ھەم ئۈمىد كۈتتى.
دەسلەپتە، شى شياۋياڭ كوئېنلۇن جيايۈەن مەھەللىسىدە پارتىيە قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولدى. بۇ مەھەللە نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى بولۇپ، ئاھالىلەر چارۋىچىلىقتىن دېھقانچىلىققا ئۆتۈشتەك ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلىدىكى يېپيېڭى ئۆزگىرىشكە يۈزلىنىشى كېرەك ئىدى.
«دەسلەپتە، نۇرغۇن كىشى تېرىقچىلىقنى ئەسلا بىلمەيتتى» دېدى شى شياۋياڭ ئەسلەپ.
مەھەللە خىزمەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلدى، تېرىقچىلىق ماھىرلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆپچىلىككە قانداق مايسا تاللاش، ئۇرۇق سېلىش، ھاشارات يوقىتىشنى قولمۇقول ئۆگەتتى، پارنىك ئۈستىگە چىقىپ پارنىك يېپىنچىسى يېپىپ، كېچىدىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا كۆكتاتلارنىڭ توڭلاپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى... كىچىكىدىن شەھەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان شى شياۋياڭنىڭ بۇنداق ئەمگەكنى تۇنجى قېتىم قىلىشى بولسىمۇ، لېكىن ئەستايىدىل ئىشلىگەچكە، كەنت ئاھالىلىرى ئۇنى ئىشنى چاققان قىلىدىكەن، دەپ ماختاشتى.
مەھەللىدىكى ئاھالىلەر كۆچۈشتىن بۇرۇنقى تۇرمۇشىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: ئىچىدىغان سۇنى باشقا جايدىن ئەكىلەتتۇق، سىرتلارغا چىققاندا پىيادە ماڭاتتۇق، ناھىيە بازىرىغا بېرىشقا بەش - ئالتە سائەت ۋاقىت كېتەتتى، يامغۇر ياغسا، ئۆيلەر لاتقا - شېغىللىق ئېقىندا ئۆرۈلۈپ كېتىش ئېھتىمالى بار ئىدى... بۇلارنى ئاڭلاپ شى شياۋياڭ ئۇزاققىچە جىمجىت تۇرۇپ كېتىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئالىي مەكتەپلەردىكى سانسىزلىغان ئىرادىلىك ياشلارنىڭ چېگرا رايونغا بېرىش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈشنى تاللىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تۇيۇقسىز چۈشىنىپ يەتتىم».
2024 - يىلى، شى شياۋياڭ ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ كۇنلۈن جيايۈەن مەكتىپىگە كېلىپ مائارىپقا ياردەم بەردى. ئوقۇغۇچىلارنى دەرسلىكتىكى مەزمۇنلارنى تېخىمۇ ئاسان چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئۇ «ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا چەك قويۇش»نى «ھېيتلىق پۇلنى قانداق خەجلەش»كە ئۆزگەرتتى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى»نى «پارتدىشىمنىڭ ماڭا سامسا ئېتىشنى ئۆگىتىش ھېكايىسى»گە كونكرېتلاشتۇردى. بارا - بارا، ئۇنىڭ دەرسى بارغانسېرى ئالقىشقا ئېرىشىپ، بالىلارنىڭ سىرداش ھەدىسىگە ئايلاندى.
بۇ يىل يازدا، شى شياۋياڭنىڭ مۇلازىمەت مۇددىتى ئاخىرلىشىدۇ. ئۇ بۇ چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە، بالىلاردا ئۇنىڭ تەسىرىدە بەزى ئاكتىپ ئۆزگىرىشلەر بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
شى شياۋياڭ مۇنداق دېدى: مەن شىنجاڭغا كەلگىنىمگە ھەرگىز ئۆكۈنمەيمەن. گۈزەل ياشلىققا يۈز كېلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ياش ئەۋلادلاردا بولۇشقا تېگىشلىك قىياپەت. مەن ئۆز تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى، چېگرا رايوننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر ئۈلۈش كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.