تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

300 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكەندىن كېيىن، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ يۈكسەلدۈرگىلى بولىدۇ؟

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

«نېجا 2» ناملىق كىنودا، كوئېنلۇن تېغى خۇددى گىرىمسەن گۈزەل مەنزىرىدەك، چەكسىز سىرلىقلىق ۋە تەسەۋۋۇرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ تۇرىدۇ. رېئاللىقتىكى شىنجاڭ كوئېنلۇن تېغى مەنزىرە رايونىدا، ئاسمان بىلەن يەر ئارىسىدا سوزۇلۇپ ياتقان كوئېنلۇن تېغى ھەيۋەتلىك، زور قىياپىتى، كۈمۈش لىباسقا ئورالغان پاكلىقى بىلەن مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. «نېجا 2»نىڭ قويۇلۇپ قىزغىن ئالقىشلىنىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ كوئېنلۇن تېغى مەنزىرە رايونى تېز سۈرئەتتە قىزىق نۇقتىلىق داكا جايغا ئايلاندى، مەنزىرە رايونى كىنودىكىگە «ئوخشاش مەنزىرىدىكى داكا جاي» بىر قاتار ساياھەت ھېس قىلىش تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئالقىشلىنىش دەرىجىسىنى ئاشۇردى.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بۇلتۇرقى 300 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىشتەك كۈچلۈك ۋەزىيەتنى داۋاملاشتۇرۇپ، داۋاملىق زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ تېز ئالغا ئىلگىرىلىدى. باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، جەمئىي كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 7 مىليون 942 مىڭ 500 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.04 ئاشتى؛ ساياھەتچىلەر ئىستېمالى 8 مىليارد 75 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.35 ئاشتى. يېڭى يىلدىن باھار بايرىمىغىچە، يەنە يۈەنشياۋ بايرىمىغىچە، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى ئىزچىل قىيىنچىلىقلارنى ئوڭۇشلۇق يېڭىپ، ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قېزىپ، پۈتۈن يىلدا 320 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشتى.

شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، دەيدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئومۇمىي سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ مەملىكەت بويىچە ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى خاس ئۆرنەك ۋە دۇنيادىكى مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھى بەرپا قىلماقتا.

تۈجۈپىلەپ ئىنچىكە ئىشلەش

ئومۇميۈزلۈك سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش

شىنجاڭ كوئېنلۇن تېغى مەنزىرە رايونى كوئېنلۇن تاغ تىزمىسىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدە بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 596 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەنزىرە رايونى جەمئىي 650 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كوئېنلۇن تېغى ئېكولوگىيە سەيلە - ساياھىتى، كوئېنلۇن مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش، ئوتلاقتىكى ئىستىراھەت - ئارام ئېلىش، قىزىل مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان ئېكولوگىيە مەدەنىيىتى ساياھەت مەنزىلگاھىنى بەرپا قىلدى. 2024 - يىلى، بۇ مەنزىرە رايونى دۆلەتنىڭ 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ مەنزىرە سۈپىتىنى باھالىشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى. بۇ يىل، بۇ مەنزىرە رايونى ئىچكى ئۇل ئەسلىھە ۋە مۇلازىمەتنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرلىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىدۇ.

بۇ يىل، مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرى مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ شىنجاڭدىكى «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قاتارىغا كىرگەنلىكىدەك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كەسىپلەر توپى تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، پىلانلاپ ئالدىن يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىش، زەنجىرنى يېتىلدۈرۈش»نى چۆرىدەپ، «كەسىپلەر توپى» «ساياھەت كۈچلۈك رايونى» ئىدىيەسىگە تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ لايىھەلەيدۇ ۋە پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بايلىقنى بىرىكتۈرۈش، سەپلىمىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ كۆلەملىشىش، كەسىپلىشىش، ماركىلىشىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

كۈسەن بۆلەك رايونىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، شىنجاڭ بويىچە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇش ئۆرنىكى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىنىدۇ.

ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى، قار - مۇز ساياھىتى، خاس ساياھەتنىڭ مەملىكەت بويىچە «بىرىنچى سەپ»كە كىرگەنلىكى ئاساسىدا، شىنجاڭ بۇ يىل قار - مۇز ساياھىتى، ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى، خاس ساياھەت، چېگرا ھالقىغان ساياھەت، تەتقىقات - ئۆگىنىش ساياھىتى، ساياھەت يېمەك - ئىچمەك كەسپى قاتارلىقلارنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بىر تۈركۈم مەدەنىيەت - ساياھەت داڭلىق ماركىلىرىنى پائال يېتىشتۈرىدۇ. نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق مەنزىرە رايونى، نۇقتىلىق لىنىيە، نۇقتىلىق مەدەنىيەت - ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خاس كەسىپ ھالىتى، باش تېمىلىق لىنىيە ۋە كۆپ خىللاشقان مەدەنىيەت - ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى بەرپا قىلىپ، داڭلىق ماركا پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

ساياھەت مۇلازىمىتى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچ. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز داۋاملىق تۈردە ساياھەت مۇلازىمىتى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مېھمانساراي قۇرۇلۇشى، ساياھەت ھاجەتخانىسى، كۆرسىتىش بەلگە تاختىسى، ساياھەت يېتەكچىسى مۇلازىمىتى، «بىر مەقسەتتە ساياھەتچىلىكنى قوغداش» قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ساياھەتچىلەرگە خاتىرجەم، كۆڭۈللۈك، ئازادە بازار مۇھىتى يارىتىپ بېرىدۇ.

ساھە ھالقىپ يۇغۇرۇش

تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىش

«<تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسىگە ئەگىشىپ ساياھەت قىلىش> − 2025 - يىللىق تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى ساياھەت پەسلىدە، كەڭ مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئاقسۇغا كېلىپ سەيلە - ساياھەت قىلىپ، تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىشى، ئاقسۇنىڭ مەنزىرىلىرىنى ھېس قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.» 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش خەلقئارا راللى مۇسابىقىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاياغلىشىشى بىلەنلا، ئاقسۇ ۋىلايىتى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىرىنى سەمىمىي تەكلىپ قىلدى. بۇ يىللىق تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسىدە ئاپتوموبىللارنىڭ يولغا چىقىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان جاي ئاقسۇدا 60 نەچچە مەيدان ئالاقىدار پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدۇ.

2024 - يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش خەلقئارا راللى مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، لىنىيە بويىدىكى ھەرقايسى جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن رەڭدار مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - ساياھەت پائالىيەتلىرىنى كۆرۈپ تۈگەتكىلى بولمىدى، بۇلار 11 مەيدان ناخشا كېچىلىكى، 20 نەچچە مەيدان تۈرلۈك مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتى، 30 نەچچە مەيدان مەنزىرە رايونى باش تېما پائالىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ساياھەت كىرىمى 1 مىليارد 769 مىليون يۈەنگە يەتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەدەنىيەت - ساياھەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەر بىلەن بولغان يۇغۇرما تەرەققىياتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، «مەدەنىيەت - ساياھەت + قاتناش» «مەدەنىيەت - ساياھەت + تەنتەربىيە» «مەدەنىيەت - ساياھەت + يېزا ئىگىلىكى» «مەدەنىيەت - ساياھەت + سانائەت» قاتارلىق يۇغۇرما ئەندىزىلەر ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كېلىپ، يۇغۇرما تەرەققىياتنىڭ سەھىپىسى بارغانسېرى قالتىس پۈتۈلدى. شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى تەرەققىيات بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ساياھەت مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ساياھەتچىلەرگە يېپيېڭى ساياھەت تەسىراتى ئېلىپ كەلدى.

بۇ يىل، شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا سىجىل كۈچەپ، «19 - ماي جۇڭگو ساياھەت كۈنى»، مايتاغ - كۇچا تاشيولىدا قاتناش باشلاش قاتارلىق نۇرغۇن مەدەنىيەت - ساياھەت يۇغۇرما پائالىيەتلىرىنى قالتىس ئۆتكۈزىدۇ. بۇ پائالىيەتلەر ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت تەسىراتىنى بېيىتىپلا قالماي، يەنە شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدۇ.

مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىدا، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئەت، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، خەلق ئۆرپ - ئادىتى قاتارلىق بايلىقلارنى چوڭقۇر قېزىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئېلېمېنتلىرى، بەلگىلىرىنى مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشىغا ئەپچىللىك بىلەن سىڭدۈرۈپ، ساياھەت لىنىيەسىنى لايىھەلەش، كۆرگەزمىگە قويۇش - كۆرگەزمە قىلىش، چۈشەندۈرۈش - ھېس قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارغا سىڭدۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى سەيلە - ساياھەت جەريانىدا، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى ۋە تەۋەلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

مۇزىكا بايرىمى، ناخشا كېچىلىكى، ئويۇن قويۇش پەسلى، سەنئەت سالونى، يېڭى تىپتىكى ئويۇن قويۇش سورۇنى، كېچىلىك ئىقتىساد، سەھنە ئەسىرى ئارقىلىق كۆڭۈل ئېچىش، ساياھەت ئويۇنى قويۇش، كارتون، چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىش، ئويۇن ئويناش ئارقىلىق كۆڭۈل ئېچىش، ئېلېكتىرونلۇق رىقابەت مەدەنىيەت - ساياھىتى قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى كۆرۈنۈشلەر ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى، «قەشقەردە ئۇچرىشىش» قاتارلىق ساياھەت ئويۇنى قويۇش نادىر تۈرلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. بۇ يېڭى كەسىپ ھالەتلىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭنى چوڭقۇر چۈشىنىش، شىنجاڭغا چوڭقۇر سىڭىشىشتىكى ئۆزگىچە يول بىلەن تەمىنلەپ، مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمالىغا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى موتورغا ئايلاندى.

2024 - يىلى، شىنجاڭ ساياھەت ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، چوڭ تىپىك مىسالدىن ئوننى، ئۈلگە كۆرسىتىش مەنزىرە رايونىدىن 15نى، خەلق ئۆرپ - ئادىتى مەدەنىيەت - ساياھەت ئالدىن تاللاش نۇقتىسى تىزىملىكىدىن 20نى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇ يىل، بىر تۈركۈم تىپىك مىسال، ئۈلگە كۆرسىتىش مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى) قاتارلىقلارنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى نامايان قىلىدىغان باش تېما لىنىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ رايون ھالقىپ يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەت ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمالىغا تۈرتكە بولۇش بۇ يىللىق شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھەت خىزمىتىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى. مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرى ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەتلىرىنى ئېلان قىلىپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، «100 شەھەر، 100 رايون» پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالىنى قوللاش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تەمىنات بىلەن ئىستېمالنىڭ قوش يۆنىلىشلىك ھەمتۈرتكە بولۇشى، ماس قەدەمدە ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

بۇ يىل، «ناخشا ساداسىغا جور بولۇپ ساياھەت قىلىش» «ئويۇن قويۇشقا ئەگىشىپ ساياھەت قىلىش» «ئالقىشقا ئېرىشكەن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى قوغلىشىپ ساياھەت قىلىش» «مۇسابىقىگە ئەگىشىپ ساياھەت قىلىش» «مەززىلىك تائاملارنى تېتىغاچ ساياھەت قىلىش» قاتارلىق داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ كىشىلەرنى جەلپ قىلىش، ئوبرازنى نامايان قىلىش، ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلىدۇ.

قالتىس نامايان قىلىش

شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش

باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باغراش ناھىيەسىنىڭ ئۇلان جېكسېن بازىرىدىكى نۇڭۋېييۈەن دېھقانلار ئارامگاھى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى. ساياھەتچىلەر بەس - بەستە كېلىپ، دېھقانلار ئائىلىسىنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى تېتىپ، قىشلىق بېلىق تۇتۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، دېھقانلار ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ھېس قىلدى، بۇنىڭ بىلەن دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ سودىسى جانلاندى. بۇ دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ مەسئۇلى جيا دېلياڭ باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونىغا قوشنا بولۇشتەك جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، 27 مو يەردىن پايدىلىنىپ دېھقانلار ئارامگاھىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «ساياھەتچىلىك تامىقى» يېدى. يىل بېشىدىن ھازىرغىچە، دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ تىجارىتى ئىزچىل جانلاندى.

تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2024 - يىلى پۈتۈن شىنجاڭدا مەدەنىيەت - ساياھەت ھەم ئالاقىدار كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرى 510 مىڭدىن ئاشقان. مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى تەدرىجىي ھالدا يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپكە ھەمدە روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە خەلق تۇرمۇشى كەسپىگە، بەخت كەسپىگە ئايلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تەڭداشسىز مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. بۇ يىل، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى تۈرتكىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى - مەدەنىيەت - ساياھەت، مەدەنىيەت - سودا - ساياھەت، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - ساياھەت قاتارلىق كۆپ كەسىپ ھالىتىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ساياھەتنىڭ بەخت ۋە بايلىق يارىتىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ.

شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى كىشىنى جەلپ قىلىدىغان شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەشكە تىرىشىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن بۇ ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن جۇلالاندۇردى. 2024 - يىللىق مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانى ھەمدە «مېنىڭ ئالتىيىم» «رىۋايەت» «ئالما پۇرىقى» قاتارلىقلار قىزغىن «ئالقىشقا ئېرىشتى»، خەلقئارا ساياھەت سودىگەرلەر يىغىنى، ياۋروپا دۆلەتلىرى ساياھەت سودىگەرلىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ لىنىيە ئەھۋالىنى ئىگىلەش پائالىيىتى، جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا سەنئەت قوش يىل كۆرگەزمىسى، جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى «جۇڭگو − چەت ئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمە ھەپتىلىكى» قاتارلىقلار مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، دۇنياغا ھەقىقىي جۇڭگو شىنجاڭنى ھەقىقىي چۈشىنىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەردى.

بۇ يىل، شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھەت تارقىتىش خىزمىتىنى دەل جايىدا قانات يايدۇرىدۇ. دىققەتنى نۇقتىلىق ساياھەتچىلەر مەنبەسى بازىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ماركېتىڭنى كېڭەيتىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، «بىر جايغا بىر تەدبىر»دىن ئىبارەت دەل جايىدىكى ماركېتىڭنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلىش، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى باشلامچى كارخانىلار، سۇپىلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن تېخىمۇ كۆپ باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق تاراتقۇلار بىلەن بىرلىشىپ ھۆججەتلىك فىلىم، تېلېۋىزىيە تىياتىرى، قىسقا سىن قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە «يولغا چىقايلى، شىنجاڭ!» قاتارلىق يۈرۈشلۈك باش تېما پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مەدەنىيەت - ساياھەت قىسقا سىنى، ساياھەت خاتىرىسى پىلانى، ئېلېكتىرونلۇق يول قوللانمىسى قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىپ، يېڭى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ مەدەنىيەت - ساياھەت مەزمۇنلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ نۇقتىدىن نامايان قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى بۇ رەڭدار تۇپراققا قەدەم قويۇشقا جەلپ قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.