− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
«پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت - تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھازىرقى پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. ئومۇمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەننى قەتئىي ئىجرا قىلىش، تولۇق ئىجرا قىلىش كېرەك». پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بولۇپمۇ بەش جەھەتتىكى نۇقتىلىق سىياسەت - تەدبىرنى تەكىتلەپ، يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك سىگنال تارقاتتى.
بىر مەزگىلدىن بۇيان، ساقلانما سىياسەت ۋە كۆپەيمە سىياسەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، پۇقراۋى كارخانىلاردا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشەنچ، كۆزلىمە قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ياخشىلىنىش بولۇپ، پۇختا قەدەمدە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. «ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى قانۇن بويىچە باراۋەر ئىشلىتىش، بازار رىقابىتىگە ئادىل قاتنىشىشتىكى تۈرلۈك توسالغۇلارنى قەتئىي تۈگىتىش» «پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پۇلىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش» «ھەقىقىي تۈردە پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش» «قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش» «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېقىن، پاك ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش»، بۇ بەش جەھەتتىكى نۇقتىلىق سىياسەت - تەدبىردە، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىنكاسى بىرقەدەر مەركەزلەشكەن رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كۆزلىنىپ، مەسىلە يۆنىلىشى بىلەن ئۈنۈم يۆنىلىشىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش ئىچكى تەلىپى نامايان قىلىنغان بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك رېئال قاراتمىلىققا ۋە يېتەكچىلىككە ئىگە.
بازار ئىجازىتى تىجارەت سۇبيېكىتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئادىل رىقابەت بازار ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى. باش شۇجى شى جىنپىڭ: «ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى قانۇن بويىچە باراۋەر ئىشلىتىش، بازار رىقابىتىگە ئادىل قاتنىشىشتىكى تۈرلۈك توسالغۇلارنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى، بۇ، پۇقراۋى كارخانىلارغا تېخىمۇ ئادىل تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكتۇر.
2023 - يىلى چىقىرىلغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى»دە، بازار ئىجازىتى توسۇقىنى سىجىل تۈگىتىش، ئادىل رىقابەتلىشىش سىياسەت - تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق سىياسەت - تەدبىرلەر ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنىڭدا مۇقىم، ئادىل، ئاشكارا، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان تەرەققىيات مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. 2024 - يىللىق مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا «پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى چىقىرىش» «كارخانىلارغا ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش» «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشى كۆرسەتمىسى تۈزۈپ چىقىش» قاتارلىقلار بۇ يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىككە قاراتقان فاڭجېن - سىياسەتلىرى باشتىن - ئاخىر ئىزچىللىققا ئىگە، شۇنداقلا ئىنتايىن ئېنىق.
«بىر تىزىملىك»نىڭ ئۆزگىرىشى ئىنتايىن تىپىك بولدى. بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، تۆت قېتىم جانلىق ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، 151 تۈر 117 تۈرگە قىسقاردى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، داۋالىنىش قاتارلىق كۆپ ساھەدە زور بىر تۈركۈم ئىجازەت چەكلىمىسى بوشاشتۇرۇلۇپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتىلىرى تېخىمۇ كۆپ ھاياتىي كۈچ ۋە تېخىمۇ چوڭ بوشلۇق ئارقىلىق ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، بايلىق يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى. ھازىر، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار يېڭى نۇسخىدىكى بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى ئۆزگەرتىپ ۋە چىقىرىپ، «چەكلەنمىگەن بولسىلا كىرگۈزۈش» تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھەلەردىكى رىقابەت خاراكتېرلىك ساھەلەر، دۆلەتنىڭ مۇھىم پەن تەتقىقات ئۇل ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارنى پۇقراۋى كارخانىلارغا ئادىل ئېچىۋېتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ «ئىككى مۇھىم» قۇرۇلۇشى ۋە «ئىككىنى يېڭىلاش» خىزمىتىگە پائال قاتنىشىشىنى قوللاۋاتىدۇ. بۇ سىياسەت - تەلەپلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەم مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلغاندا، ھەم يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەپ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلغاندا، چوقۇم پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ.
يەنە بىر نۇقتىدىن ئېيتقاندا، يېقىن، پاك ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ بەرپا قىلىش − ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «يېقىن بولۇش بىلەن پاك بولۇش بىرلەشتۈرۈلگەن يېڭىچە ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىشتا، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ھەم پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىشى، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشى، ھەم پاكلىق تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلىشى كېرەك». پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «قارار»ىدا «يېقىن، پاك ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش» ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، تۈزۈلمە - مېخانىزم قۇرۇلۇشى جەھەتتە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يېقىن، پاك ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، تونۇش جايىدا بولماسلىق، خىزمەتنى بىر تەرەپلىمىلەشتۈرۈۋېتىش، ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش مەسىلىسىنى جەزمەن ھەل قىلىش كېرەك. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، «يېقىن» بولۇش بىلەن «پاك» بولۇشنىڭ مۇناسىۋىتى ماھىيەتتە ئىش قىلىش بىلەن دۇرۇس بولۇشنىڭ مۇناسىۋىتى بولۇپ، بۇ ئىككىسى دىيالېكتىك بىرلىككە ئىگە، توقۇنۇشتۇرماي بىللە ئېلىپ بېرىشقا تامامەن بولىدۇ. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش، پاك - دۇرۇس بولۇپ ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت داۋلىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئاڭلىق ھالدا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش بىلەن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، يېقىن، پاك ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشتا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، يېقىن ئەمما چېكى بولۇش، پاك ئەمما نەتىجىلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. پۇقراۋى كارخانىچىلارمۇ كادىرلار بىلەن چىن كۆڭلىدىن سەمىمىي ئالاقىلىشىپ، راست گەپ قىلىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئېيتىپ، سەمىمىي تەكلىپ بېرىپ، ئۆزىنى پاك تۇتۇپ، توغرا يولدا مېڭىپ، قانۇن - ئىنتىزامغا رىئايە قىلغان ھالدا كارخانا باشقۇرۇپ، تىجارەت بىلەن ئوچۇق - ئاشكارا شۇغۇللىنىشى كېرەك، كادىرلارنى ئازدۇرۇشقا، چىرىتىشكە قەتئىي بولمايدۇ.
پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىزچىل فاڭجېنى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، ئايدىڭلاشتۇرغان ھامان چىڭ تۇتۇپ ئىشلىشى، بىپەرۋالىق قىلماسلىقى، سۆرەلمىلىك قىلماسلىقى كېرەك. تۈرلۈك سىياسەتلەرنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرگەندە، چوقۇم پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك قۇۋۋەتنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى)