− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
«يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق، چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ». يېقىندا ئېچىلغان پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇملۇقى يۈكسەكلىكىدىن ھازىرقى پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىسنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، كەڭ پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلارغا «قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلاردىن ئىستىقبالنى كۆرۈپ، پارلاق ئەتىنى كۆرۈپ، كەلگۈسىنى كۆرۈپ، تەرەققىيات ئىرادىسىنى ساقلاپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان كۆتۈرەڭگۈ روھنى ساقلاش كېرەك» دەپ سەمىمىي رىغبەتلەندۈردى.
پۇقراۋى ئىگىلىك خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان فاڭجېنى، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇزاق مەزگىللىك تەدبىر. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزدىكى پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىدىكى مۇھىم بىر تەرەپ شۇكى، باشتىن - ئاخىر «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىدىن قانۇن بويىچە باراۋەر پايدىلىنىشىغا، بازار رىقابىتىگە ئادىل قاتنىشىشىغا، قانۇن تەرىپىدىن باراۋەر قوغدىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ياخشى شارائىت بىلەن تەمىنلەپ، كەڭ بوشلۇق يارىتىپ بەرگەنلىكىدە. ھازىر جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى ھەم چەكسىز پارلاق ئىستىقبالى نامايان بولدى، دۆلىتىمىزدە پۇقراۋى ئىگىلىكنى پەقەت زورايتىشقىلا بولىدۇكى، ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، بىزنىڭ ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ساقلاپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا ئىشەنچىمىز بار، ئىقتىدارىمىز بار.
تەرەققىيات ئاساسىدىن قارىغاندا، ھازىر دۆلىتىمىزدە پۇقراۋى ئىگىلىك خېلى كۆلەم شەكىللەندۈرۈپ، ناھايىتى مۇھىم سالماقنى ئىگىلەپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس ھازىرلىدى. كۆلەم، سانىدىن قارىغاندا، مەملىكەت بويىچە تىزىمغا ئالدۇرغان پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ سانى 55 مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ كارخانىلار ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %92تىن ئاشتى. يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىدىن قارىغاندا، پۇقراۋى ئىگىلىك %70تىن ئارتۇق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ھەسسە قوشۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم ئاساسىي گەۋدىگە ئايلاندى. دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن AI چوڭ مودېل كۈچ قوشۇش كەسىپ زەنجىرىدىن ئادەم سىياقلىق ماشىنا ئادەمنىڭ پۈتۈن يەرشارىنى ھەيران قالدۇرۇشىغىچە، ھەممىسى پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ كۆلەم ئەمەلىي كۈچى، يېڭىلىق يارىتىش سەۋىيەسى، بازار رىقابەت كۈچىنىڭ زور دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى ئىسپاتلىدى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى جەڭگىۋار قوشۇن بولۇش سۈپىتىدە، پۇقراۋى كارخانىلار مۇقەررەر ھالدا يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈچ توپلاپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.
تەرەققىيات سەھنىسىدىن قارىغاندا، دۆلىتىمىزدە پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى يېڭى پۇرسەت، تېخىمۇ زور تەرەققىيات بوشلۇقىنى كۈتۈۋالماقتا. 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسىقا ئىگە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، «ئىككىنى يېڭىلاش» سىياسىتىنى يولغا قويۇش دائىرىسىنىڭ كۈچەپ كېڭەيتىلىشىگە ئەگىشىپ، «يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىستېمال» «ئۈنۈملۈك سېلىنما» يەنىمۇ قوزغىتىلىپ، ماشىنا - ئۈسكۈنە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، پارچە سېتىش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئۈزلۈكسىز يۈكسىلىدۇ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆسىدۇ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە غايەت زور تەرەققىيات يوشۇرۇن ئىقتىدارى مۇجەسسەملەنگەن. ئىختىساسلىقلار قوشۇنى ۋە ئەمگەك كۈچى بايلىقىنىڭ سانى غايەت زور، ساپاسى ياخشى، كەسىپ سىستېمىسى ۋە ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى يۈرۈشلەشكەن ۋە مۇكەممەللەشكەن بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ياخشى پايدىلىنىپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتقاندا، پۇقراۋى ئىگىلىك تېخىمۇ كەڭ مەنزىلگە قەدەم قويالايدۇ.
تەرەققىيات كاپالىتىدىن قارىغاندا، 2023 - يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى» پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۈرۈش، پۇقراۋى ئىگىلىكنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىش، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. بۇلتۇردىن بۇيان، پۇقراۋى كارخانىلارنى دۆلەتنىڭ چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا قاتناشتۇرۇشقا دائىر ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللايدىغان سىياسەت، تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن كارخانىلارغا ئالاقىدار مەمۇرىي تەكشۈرۈشنى قېلىپلاشتۇرۇشقىچە، يەنە پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى چىقىرىش مۇساپىسىنى تېز ئالغا سىلجىتىشقىچە، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلمەكتە، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈلمەكتە. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى نۇرغۇن جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىككە ئىگە، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللىشىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
«ھازىر پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن بەزى قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىسلاھات، تەرەققىيات، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جەريانىدا پەيدا بولغان، بۇ، قىسمەنلىك بولۇپ، ئومۇملۇق ئەمەس، ۋاقىتلىق بولۇپ، ئۇزاق مەزگىللىك ئەمەس، يەڭگىلى بولىدىغان بولۇپ، ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلە ئەمەس». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ھۆكۈمى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، ۋەزىيەتكە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئىشەنچ ۋە كۈچ قوشتى. پۇرسەت بىلەن خىرىس ھەمىشە تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، كەلگۈسى ئىستىقبالنى بەلگىلەيدىغىنى قىيىنچىلىققا مۇئامىلە قىلىشتىكى نەزەر، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشتىكى ئىرادە، قىيىنچىلىققا تاقابىل تۇرۇشتىكى چارە. بوران - چاپقۇنلاردا چېنىقىش داۋامىدا زورىيىشتا ئەڭ زۆرۈر بولغىنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىش. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ھۆكۈمىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئاكتىپ ئامىللارنى تەرەققىيات ئەمەلىي نەتىجىسىگە ئايلاندۇرغاندىلا، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىدا چوقۇم ئورتاق يېڭى ۋەزىيەت ياراتقىلى بولىدۇ.
ئىلگىرىكىلەر قىلىپ باقمىغان ئىجادىي ئىشلار يەنە ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق ئىشى، تېخىمۇ مۇھىمى، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان دەۋر سەھنىسى. ھازىر سىياسىي مۇھىت، ئىقتىسادىي مۇھىت، جەمئىيەت مۇھىتى پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن پايدىلىق، كەڭ پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلار ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى!
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى)