جىڭ-قورغاس تۆمۈريولى لەنجوۋ-شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ غەربىي بۆلىكىدىكى جىڭ ۋوگزالىدىن باشلىنىپ، تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىنى بويلاپ غەربكە سوزۇلۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا چېگرادىكى پورت___قورغاس شەھىرىگە يېتىپ بارىدۇ، لىنىيەدە جەمئىي 21 ۋوگزال تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 286.212 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى سىرت بىلەن تۇتىشىدىغان بىردىنبىر تۆمۈريول لىنىيەسى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشىدىكى 2-خەلقئارا تۆمۈريول لىنىيەسى بولۇپ، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ھەر كۈنى بۇ يەردىن گۈركىرەپ ئۆتۈپ تۇرىدۇ.
جىڭ-قورغاس تۆمۈريولى شىمالىي تىيانشان تاغ تىزمىسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، دۆلەت تۆمۈريول ئۈرۈمچى ئىدارىسى توك تەمىنلەش ئوچاستىكىسى غۇلجا توك تەمىنلەش سېخىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر يىل بويى بۇ يەردە ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەپ كەلدى. بۇ بەن-گۇرۇپپا تور تۇتاشتۇرۇش ئىشچىلىرى ۋە رېلىسلىق پويىز شوپۇرلىرىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، جىڭ-قورغاس تۆمۈريولىنىڭ «جىڭ-غۇلجا» بۆلىكىدىكى تورنى تۇتاشتۇرۇش ئۈسكۈنىلىرى ۋە تۆمۈريولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تاغقا جايلاشقان لىنىيە ئۈسكۈنىلىرىنى ئاسراشقا مەسئۇل.
سۇپتاي نۆۋەتچىلىك نۇقتىسىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 27 ياش بولۇپ، «2000-يىللاردا تۇغۇلغانلار»دىن تۆتى بار، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم شەنشى، خۇنەن، خېيلۇڭجياڭ ۋە شىنجاڭدىن كەلگەن. قىش كۈنلىرى پويىز جىڭ-غۇلجا-قورغاس تۆمۈريولىنى بويلاپ مېڭىپ ئېگىز ۋە تىك چوققىلارنى كېسىپ ئۆتىدۇ، بىر توپ كىشىلەر تاغ-داۋانلاردىن ھالقىپ بۇ يەرگە كېلىپ، بۇ تۆمۈريولنىڭ بىخەتەر ۋە راۋان بولۇشىنى ئۈن-تىنسىز قوغدىماقتا.

ئاپتورلار: جاڭ شياۋچېڭ، شى سۇڭيىڭ، ۋاڭ چيەنكۈن
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۈن-سىن بۆلۈمى ئىشلىگەن