− شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتىكى تەنتەربىيە ئەمەلىيىتى ئۈستىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش (2)
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى
قىشلىق تەتىل تېخى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا، ئۈرۈمچى 121 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ پۇتبول كوماندىسىدىكى بالىلار چوڭ سۈپۈرگىلەرنى ئېلىپ توپ مەيدانىدىكى قارلارنى تازىلاشقا باشلىدى، ئاپئاق قار دۆلەت بايرىقىغا ھۆسن قوشقان، پۇتبول خۇشال كۈلكە سادالىرىغا جور بولغان بولۇپ، بۇ شادلىقتىن سوغۇق ھاۋامۇ بىر نەچچە گىرادۇس ئۆرلەپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى.
بۇ باشلانغۇچ مەكتەپ دۆلەت، ئاپتونوم رايون، شەھەر ئۈچ دەرىجىلىك پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپى بولۇپ، مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى خەنزۇ مىللىتى، ئۇيغۇر مىللىتى، قازاق مىللىتى، قىرغىز مىللىتى قاتارلىق كۆپ مىللەتتىن بولغان بالىلاردىن تەركىب تاپقان. مەكتەپ مۇدىرى لى لېي پۇتبول تېپىشنى بىلمىسىمۇ، لېكىن ئۇ «بۇ ئىشنى مەكتەپ چوقۇم قىلىشى كېرەك» دەپ قارىغان. ئۇ مۇنداق دېدى: مەدەنىيلىك روھى، كۈچ - قۇۋۋەتكە تولغان بەدەن ساپاسىدىن باشقا، شىنجاڭ يەنە ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولۇپ، پۇتبول بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدۇ.
لى لېي تۇغۇلغان ئۈرۈمچى ئېرداۋچياۋ ۋە سەنشىخاڭزا ئەتراپى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، مىنگونىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىن باشلاپلا شىنجاڭدىكى مۇھىم مالنى مالغا ئالماشتۇرۇش مەركىزى بولغان، شۇنداقلا تەدرىجىي ھالدا قويۇق ئۆرپ - ئادەتكە ئىگە كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونغا ئايلانغان. كىچىكىدىن تارتىپلا بۇ جايدا چوڭ بولغان لى لېي پۇتبولنىڭ قانداق قىلىپ ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئارىلىشىش، يۇغۇرۇلۇش داۋامىدا بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك تېخىمۇ يېقىن ئۆتۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغانلىقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلغان. «ھەرمىللەت دوستلارنىڭ ھەممىسى پۇتبول تېپىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بىر توۋلاپلا بىر توپ كىشىنى توپلىغىلى بولىدۇ، پۇتبول تىلغا ئېلىنسىلا پاراڭ باشلىنىپ كېتىدۇ».
«ئايىغى چىقسىلا پۇتبول تېپەلەيدۇ، تىلى چىقسىلا ناخشا ئېيتالايدۇ».
بۇ، 100 يىللىق پۇتبول تارىخىغا ئىگە ئاتۇش شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى نۇرغۇن جايدىكى پۇقرالار تۇرمۇشىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى. تاھازىرغىچە، ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئېكساق كەنتىدىكى 100 يىللىق پۇتبول مۇزېيىدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان كونا سۈرەتلەر 100 يىلدىن بۇيان بۇ تۇپراقتا پۇتبول مۇسابىقىسى سەۋەبىدىن كوچىلار تەنتەنىگە چۆمگەن كاتتا ئەھۋالنى ھېلىھەم بايان قىلىپ تۇرماقتا.
2024 - يىلى 11 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئاتۇش لوڭقىسى» پۈتۈن شىنجاڭ پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى يەنە بىر قېتىم پۈتۈن شەھەر ۋە ئەتراپتىكى پۇقرالارنىڭ شادلىق بايرىمى بولۇپ قالدى. مۇسابىقە مەيدانىنى چۆرىدەپ مەدەت بېرىۋاتقان سانسىزلىغان ئامما ئىچىدە بالىلار مەيداندىكى دادىلىرىغا توۋلاپ مەدەت بېرىۋاتاتتى، چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بوۋايمۇ قولىدىكى بەشيۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى پۇلاڭلىتىۋاتاتتى، 76 ياشقا كىرگەن ئەنۋەر ئوكسىگېننى سۈمۈرۈپ تۇرۇپمۇ كېتىشكە كۆزى قىيمايتتى.
شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شاڭ خۇڭبو مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا پۇتبول پەقەت پۇتبول بولۇپلا قالماي، بەلكى ئەنئەنە ۋە شان - شەرەپ، ھەرمىللەت ئاممىنى زىچ باغلاپ تۇرىدىغان مېھىر - مۇھەببەت رىشتىسى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ قېتىمقى تەكلىپ مۇسابىقىسىدە ئاتۇش شەھىرى بىلەن قەشقەر شەھىرىدىن ئىبارەت قويۇق پۇتبول ئەنئەنىسىگە ئىگە بۇ ئىككى قوشنا شەھەر ئارىسىدىكى جەڭ «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دېربى» دەپ تەرىپلەنگەن بولۇپ، 5000 دىن ئارتۇق پۇتبول مەستانىسى ۋە ھەرمىللەت ئاممىنى مەيدانغا كېلىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى. ئورۇن يېتىشمىگەچكە، نۇرغۇن كىشى توپتوغرا ئىككى سائەت ئۆرە تۇرۇپ كۆردى.
«جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دېربى»نى كۆرۈش ئۈچۈن، قەشقەر شەھىرى ئاھالىسى مۇزەپپەر ئەركىن 40 مىنۇت ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئاتۇشقا كەلدى. «بەك قىزىپ كەتتى!» ئۇ مۇنداق دېدى: «توردا كۆرگەن گۇيجوۋ <كەنتلەر ئالاھىدە پۇتبول مۇسابىقىسى>دىن ئازراقمۇ قېلىشمايدىكەن، مەيداندىن تارقالغاندا، مەن يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئاندىن كىشىلەر توپى ئارىسىدىن قىستىلىپ چىقتىم».
تەكلىپ بىلەن مۇسابىقە مەيدانىغا كەلگەن جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ داڭلىق رېپىرى مەمەتجان مۇنداق دېدى: «ئاتۇشتىكى پۇتبول مەستانىلىرى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ قىزغىن پۇتبول مەستانىلىرى ھېسابلىنىدۇ».
شىمالىي شىنجاڭدا ئىلى ئوبلاستى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ «كەنتلەر ئالاھىدە پۇتبول مۇسابىقىسى» ناھايىتى داڭلىق بولۇپ، 2023 - يىلى گۇيجوۋ رۇڭجياڭ ناھىيەسىنىڭ «كەنتلەر ئالاھىدە پۇتبول مۇسابىقىسى» بىلەن بىللە مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە ئاممىۋى «ئۈچ چوڭ توپ» تۈرىدىكى نادىر مۇسابىقە مىسالى بولۇپ باھالاندى. خەنزۇ مىللىتى، ئۇيغۇر مىللىتى، قازاق مىللىتى قاتارلىق 32 مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بۇ جايدا، 2024 - يىلى يازدىكى «كەنتلەر ئالاھىدە پۇتبول مۇسابىقىسى»نىڭ قىزغىنلىق دەرىجىسى يەنە بىر قېتىم ئۆستى: پۈتۈن ناھىيە تەۋەسىدىكى 20 يېزا - بازار، مەھەللە بىردەك كوماندا ئەۋەتىپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇردى؛ نەق مەيداندا مۇسابىقە كۆرگەن ئادەم سانى 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى؛ مۇسابىقىنىڭ پۈتۈن جەريانى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىلدى، توردا كۆرگەن ئادەم سانى 323 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.
ئەراپات مۇسا تۇرۇشلۇق تۇرپانيۈزى يېزىسى كوماندىسى شۇ يىلدىكى غۇلجا ناھىيەسى «كەنتلەر ئالاھىدە پۇتبول مۇسابىقىسى»دە 2 - لىككە ئېرىشكەن بولۇپ، پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى دەل يۇرتداشلار ئىدى. «يەر تېرىيدىغانلار، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار، كارخانىلاردا ئىشلەيدىغانلارمۇ بار، ۋاقتىمىز بولسىلا، ۋىيشىن توپىدا كېلىشىۋېلىپ پۇتبول تېپىمىز» دېدى ئۇ.
پۇتبول شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خۇددى كاۋاپقا ئوخشايدىغان بولۇپ، زىرە سەپسە تەمى تېخىمۇ مەززىلىك بولىدۇ.
«سىز شىنجاڭلىقلارنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزغىنلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز.» شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى شۈ مىڭ مۇنداق دېدى: قۇملۇق، قارلىق دالا، چوڭ - كىچىك كوچىلار، ئېتىز باشلىرى... بوش يەر بولسىلا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ توپ مەيدانىغا ئايلىنىدۇ.
ھۆكۈمەت سېلىنمىسى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، پۇقرالارنىڭ كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەرگە چىقىش شارائىتى ياخشىلىنىپلا قالماي، بەلكى ھەربىر كەنتتە دېگۈدەك تەنتەربىيە مەيدانى ياسالدى. 2023 - يىلىنىڭ ئاخىرغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا تەنتەربىيە مەيدانىدىن 81 مىڭ 928ى بار بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مەيدان كۆلىمى 2.81 كىۋادرات مېتىرغا يەتتى.
«تەنھەرىكەت قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئاشتى، ھاراق ئىچىدىغانلار، قارتا ئوينايدىغانلار تېخىمۇ ئازايدى، كەنت كەيپىياتى تېخىمۇ ئىناقلاشتى».
پۇتبول يەنە كېلىپ ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدىغان تەربىيە.
2024 - يىللىق شىنجاڭ ئاممىۋى «ئۈچ چوڭ توپ» بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، قەشقەر ۋىلايىتى كوماندىسى پۇتبول تۈرىدە ئاياللار گۇرۇپپىسى بويىچە چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ئاياللار پۇتبول كوماندىسى 2 - لىككە ئېرىشتى. بۇ، شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم شىنجاڭ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن قۇرامىغا يەتكەن ئاياللار 11 كىشىلىك پۇتبول مۇسابىقىسى. قەشقەر ئاياللار پۇتبول كوماندىسىدىكى سۈبىنۇر ئوسمان مۇنداق دېدى: بىزنىڭ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئاياللارنى توپ تېپىشكە جەلپ قىلالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭدا ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تەنتەربىيە شۇ جايدىكى ئاياللارنىڭ ئۆيدىن چىقىشى، ئورنىنى ئۆستۈرۈشى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىغا ياردەم بېرىشتىكى مۇھىم يول. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئاممىۋى تەنتەربىيە باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى چېن شياۋشيا مۇنداق تونۇشتۇردى: «ئۈچ چوڭ توپ» بىرلەشمە مۇسابىقىسى 2024 - يىلى 7 - ئايدا باشلانغان بولۇپ، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى 100گە يېقىن ناھىيە، رايون، شەھەردە ئارقا - ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلۇپ، نەچچە ئونمىڭ تەنتەربىيە ھەۋەسكارىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، «كەلگۈسىدە، بىز يەنە ئاياللارنىڭ قاتنىشىشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئاياللارنىڭ سانىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىمىز».
ۋاسكېتبولمۇ ئوخشاش.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك DT ۋاسكېتبول مەشىق لاگېرىنىڭ تىرېنېرلار كوللېكتىپى ۋە كىچىك كۇرسانتلار كۆپ مىللەتتىن بولۇپ، مەيلى مەشىق ياكى تۇرمۇشتا بولسۇن، ئۇلارنىڭ مەسئۇلى مىڭ دې ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. «توپ كوماندىسى بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىش تەقسىماتى ئوخشاش بولمايدۇ، پەقەت بىر مەقسەتتە ھەمكارلاشقاندىلا ئاندىن غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ.» ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ، تەنتەربىيەنىڭ قائىدىسى، بۇ جايدىن چىققان بالىلار بۇ نۇقتىنى مەڭگۈ ئېسىدە ساقلايدۇ».
121 - باشلانغۇچ مەكتەپتە، ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىدىكى بالىلار مەشىق مەيدانىغا چىققاندا قىلىدىغان بىرىنچى ئىش دەل رەتكە تىزىلىپ دۆلەت بايرىقىغا قاراپ دۆلەت شېئىرى ئوقۇش. مەشىق قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بالىلارمۇ چوقۇم بىر - بىرىنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ چەمبىرەك ھاسىل قىلىپ، «غەيرەت قىلايلى» دەپ تەڭ توۋلاشنى بىر كۈننى ئاخىرلاشتۇرۇش سۆزى قىلىدۇ.
لى لېي تىرېنېرلاردىن رەسمىي مۇسابىقىدىكى بۇ مۇراسىملارنى كۈندىلىك مەشىققە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. «مۇراسىم تۇيغۇسى تەنتەربىيەنىڭ مۇھىم قىسمى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسىتىپ ھەم كوللېكتىپنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بالىلارنىڭ مەكتەپنى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ئېڭىمۇ ئاستا - ئاستا جۇغلىنىدۇ.»
ئۇنىڭ ھېس قىلىشىچە، بىرلىكتە تەر ئاققۇزغان، بىرلىكتە غەيرەت قىلغان، بىرلىكتە توپ تەپكەن ھېسسىيات ئوخشاش بولمايدىكەن، پۇتبول ھەر مىللەت بالىلارنى «بىللە ئوينايدىغان» ئەڭ ياخشى سۇپا بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلاردا بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يۇقىرى ئۆرلەيدىغان روھىي قىياپەتنى يارىتالايدۇ. 121 - باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ھەربىر سىنىپتا پۇتبول كوماندىسى بار بولۇپ، ھەر يىلى سىنىپلار بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
«بىللە ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە بىللە تۇرغان ياخشى، بىللە تۇرۇپلا قالماي، يەنە بىللە ئوينىغان ياخشى!» دېدى لى لېي.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)