تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چېگرا رايوندا يىلتىز تارتقان ئاق تېرەك بولىمەن

■ئىستون سۆزى

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، غەربىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا زور تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. دۆلەتنىڭ ئۈمىدى ياشلاردا، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ياشلاردا. كەڭ ياشلار دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، غەربىي قىسىمغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىپ، ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلاردا ئۈن - تىنسىز يىلتىز تارتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۆلەت، خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش داۋامىدا ياشلىق باھارىنى جۇلالاندۇردى. بۈگۈندىن باشلاپ، شىنجاڭ گېزىتى «ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، غەربىي قىسىمدا تۆھپە قوشۇش» ئىستونى تەسىس قىلىپ، كەڭ ياشلارنىڭ غەربىي قىسىمنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، جاسارەت بىلەن يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش قىزغىن ئەمەلىيىتىنى خەۋەر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ جانلىق مەنزىرىسىنى نامايان قىلىدۇ.

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا

2 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى چەرچەن ناھىيەسىدە، سوغۇق تېخى ئاخىرلاشمىغان بولسىمۇ، كادىرلار ۋە ئامما ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتى: سۇغىرىش ئېرىقلىرىنى تازىلاپ راۋانلاشتۇردى، پارنىكقا كۆكتات مايسىلىرىنى كۆچۈرۈپ تىكتى... يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلدى. شەرقىي شىماللىق يىگىت جاڭ چىڭبو دەل مۇشۇ ئالدىراش قوشۇننىڭ بىر ئەزاسى ئىدى.

جاڭ چىڭبو شىنجاڭدا قېپقالغان غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيسى، ھازىر چەرچەن ناھىيەسى ئاچچان بازىرىنىڭ 1 - دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى، شىنجاڭغا كەلگىنىگە ئۇزاق بولمىغان بولسىمۇ، بۇ بىرقانچە يىللىق كەچۈرمىشى ئۇنىڭ بۇ يەردىكى يۇرتداشلار بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىشىغا تۈرتكە بولدى.

غەربىي قىسىمغا بېرىش، ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، ۋەتەن ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىش. 2021 - يىلى بېيفاڭ مىللەتلەر داشۆسىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، جاڭ چىڭبو قەتئىيلىك بىلەن شىنجاڭغا بارىدىغان پويىزغا چىقىپ، بىر مەيدان ياشلىق ئۇچرىشىشى سەپىرىگە ئاتلاندى. ئۇ 4000 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ، يۇرتى لياۋنىڭدىن تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي شىمال گىرۋىكىدىكى تۇمشۇق شەھىرىگە كېلىپ، بۇ شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىدە مۇلازىمەت قىلدى.

ئاياللار، بالىلار خىزمىتى ئىش ئورنىغا ئەمدىلا قەدەم قويۇپ، جاڭ چىڭبو قانداق ئىشلەشنى، نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالدى، ئىدارە رەھبەرلىرى ۋە خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭغا خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى قولمۇقول ئۆگەتتى، يەنە «خىزمەت ئاچقۇچى»نى، يەنى سەۋرچان بولۇش، ئەستايىدىل بولۇش، قىزغىن بولۇش، سەمىمىي بولۇش، مەقسەتداش بولۇشنى ئۆگەتتى.

بىر قېتىم، جاڭ چىڭبو خىزمەتداشلىرى بىلەن تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ زىيارەت قىلغاندا، بىر قىز ئۇنىڭ قولىنى تارتىپ تۇرۇپ: «تاغا، مېنىڭمۇ باشقا بالىلارغا ئوخشاش مەيداندا يۈگۈرۈپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە پائالىيەت قىلغۇم بار» دېدى. ئۇنىڭ ساددا سۆزلىرى نەق مەيداندىكى ھەربىر ئادەمنى تەسىرلەندۈردى.

شۇ كۈنى، جاڭ چىڭبو ۋە خىزمەتداشلىرى بىڭتۇەن ئاياللار بىرلەشمىسى، خەيرىيەت باش جەمئىيىتىگە ئەھۋالنى دوكلات قىلدى. كېيىن ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە خەيرىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر قىسىم بالىلار ئوڭۇشلۇق ئوپېراتسىيە قىلىندى، ھېلىقى قىز سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن جاڭ چىڭبوغا رەھمەت خېتى يازدى. «شۇ دەقىقىدە، مەن بەك خۇشال بولدۇم. ھازىرمۇ بالىلارنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇم دائىم كۆز ئالدىمدا پەيدا بولىدۇ» دېدى جاڭ چىڭبو ھاياجانلانغان ھالدا.

بىر يىلدىن كۆپرەك پىدائىيلار مۇلازىمىتى قىلغان مەزگىلدە، جاڭ چىڭبو «پەسىل قۇشلىرى» كىتاب ئوقۇش بۇلۇڭى، «ئىككى خىل راك كېسىلى» بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قاتارلىق 13 ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق تۈرىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، 1 مىليون 800 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق غەمخورلۇق پۇلى توپلىدى. 2022 - يىلى، جاڭ چىڭبو 5 - نۆۋەتلىك «يارقىن كۈن − ياشلىقتا بولۇشقا تېگىشلىك قىياپەت» داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئىگىلىك تىكلىگەن شەخس بولۇپ تاللاندى.

شىنجاڭدا، جاڭ چىڭبو ئۆزىنىڭ قىممىتىنى تاپتى، مۇلازىمەت مەزگىلى ئاخىرلىشاي دېگەندە، ئۇ شىنجاڭدا قېلىپ داۋاملىق كۈرەش قىلىشنى قارار قىلدى. ئۇ ئۆزىنى مۇنداق رىغبەتلەندۈردى: «تۆۋەنگە قاراپ يىلتىز تارتقاندا، ئاندىن يۇقىرىغا قاراپ ئۆسۈپ يېتىلگىلى بولىدۇ، مەن چېگرا رايوندىكى بىر تۈپ ئاق تېرەك بولۇشنى خالايمەن».

2022 - يىلى 12 - ئايدا، جاڭ چىڭبو ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، ئاچچان بازىرى ئاچچان كەنتىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى مەخسۇس كادىرى بولۇپ، يېپيېڭى كەسپىي ھاياتىنى باشلىدى. جاڭ چىڭبو كەنتتىكى دېھقان - چارۋىچىلار كەچلىك كۇرسىدا دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى كېڭەيتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشتا بىر ياردەمچى ئوقۇتقۇچىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى ۋە پۇتۇڭخۇا سەۋىيەسىنى سىناش دەرىجە گۇۋاھنامىسى بار بولغاچقا، بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلدى. ھەر قېتىملىق دەرستىن بۇرۇن، ئۇ ھەمىشە بىرىنچى بولۇپ سىنىپقا كىرىپ، ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ئۇلاپ، سىناق قىلىپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس ئۆتۈشىگە ياردەملەشتى؛ دەرستىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرىگە مۇھىم نۇقتىلارنى سەۋرچانلىق بىلەن تەكرار قىلىپ بېرىپ، پۇتۇڭخۇا سىنىقىغا قاتنىشىشتىكى ئەپچىل ماھارەتلىرىنى ھەمبەھرىلىدى.

يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، جەمئىي 1000 ئادەم قېتىمغا يېقىن دېھقان - چارۋىچى دېھقان - چارۋىچىلار كەچلىك كۇرسىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىدى، يۇرتداشلارنىڭ ئاكتىپ ئۆگىنىش پوزىتسىيەسى جاڭ چىڭبونى ناھايىتى تەسىرلەندۈردى: دەرسخانىدىكى ئېكراندا ھەربىر دەرسلىك ماتېرىيالى قويۇلغاندا، كۆپچىلىك بەس - بەستە يان تېلېفونى بىلەن ئېكراندىكى مەزمۇنلارنى سۈرەتكە تارتىدۇ، جۈپ - جۈپ كۆزلەر بىلىم ئېلىش ئىستىكىگە تولىدۇ. «بىر ئاچاش ھەر قېتىملىق دەرسكە نەچچە ياشلىق قىزىنى بىللە ئەكىلىدۇ. ئانا - بالا ئىككىيلەننىڭ بىللە ئۆگىنىش قىلغان كۆرۈنۈشى كىشىگە تولىمۇ گۈزەل تۇيۇلىدۇ!» دېدى جاڭ چىڭبو.

بازارغا يۆتكىلىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، جاڭ چىڭبو ۋاقتىنىڭ يېرىمىنى يەنىلا كەنتكە سەرپ قىلدى، ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئۈچ كۈن كەنتكە بېرىپ، كەنت كادىرلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم بەردى، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ، خەلق ئەھۋالى، خەلق رايى قاتارلىقلارنى ئىگىلىدى. بېرىش - كېلىش جەريانىدا، جاڭ چىڭبونى كۆپچىلىك پىششىق تونۇپ كەتتى، ئۇ يەنە نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى بىلەن تۇغقانلاشتى.

2023 - يىلى قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، جاڭ چىڭبو كەنتكە تۇغقىنى ئا تاغىنى يوقلاپ كەلدى. ئۇ چاغدا ئا تاغىنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن كەيپىياتى ياخشى ئەمەس ئىدى، جاڭ چىڭبو كېلىپ بوۋاي ناھايىتى خۇشال بولدى، چوڭ - كىچىك ئىككىيلەن ھويلىدا ئۇزاققىچە مۇڭداشتى. جاڭ چىڭبو يان تېلېفونى بىلەن بوۋاينى بىر پارچە سۈرەتكە تارتىپ قويدى، ئويلىمىغان يەردىن بۇ سۈرەت بوۋاينىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە خاتىرە سۈرىتى بولۇپ قالدى. بۇ يىل باھار بايرىمىدا، جاڭ چىڭبو ئا تاغىنىڭ پەرزەنتلىرىنى يوقلاپ باردى، كۆپچىلىك بوۋاينىڭ ھايات ۋاقتىدىكى بەزى ئىشلىرى، بوۋاينىڭ خاتىرە سۈرىتى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، ئىختىيارسىز كۆزلىرىگە ياش ئالدى.

بۇ يىل باھار بايرىمىدا، جاڭ چىڭبو ئۆيىگە قايتماي ئىدارىدە قېلىپ نۆۋەتچىلىك قىلدى. ئۇنىڭ تۇغقىنى جېلىل تۇردى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، باھار بايرىمىنىڭ 1 - كۈنى ئۇرۇق - تۇغقان، دوستلىرىنى يىغىپ قورۇما قورۇپ، بەنشىر تۈگۈپ، جاڭ چىڭبونى جەم بولۇش تامىقى يېيىشكە تەكلىپ قىلدى. شۇ كۈنى، لىق بىر ئۆي ئادەم جەم بولۇپ، قىزغىن مۇڭداشتى، يېڭى يىللىق ئارزۇ - ئارمانلىرى توغرىسىدا كەڭ - كۇشادە پاراڭلاشتى، قويۇق مېھىر - مۇھەببەت، ئائىلە ئىللىقلىقى ھەربىر كىشىنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كىردى.

جاڭ چىڭبو مۇنداق دېدى: شىنجاڭلىقلار ئىنتايىن سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل، مۇشۇنداق ياخشى كىشىلەر ئۈچۈن بۇ جايدا قېلىپ ياشلىق باھارىمنى كۈرەش قىلىش بىلەن ئۆتكۈزسەم، ھەرگىز ئۆكۈنمەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.