بۇ يىللىق تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاقسۇ شەھىرىدە باشلىنىپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەكىت ناھىيەسىدە ئاخىرلىشىدۇ، ماھىرلار مۇساپىدە ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى ھەمدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شى، 3-شى، 14-شى قاتارلىق جايلاردىن ئۆتىدۇ.

مۇسابىقە ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە بولۇپ، 13 كۈن داۋاملىشىدۇ، مۇسابىقە ئومۇمىي مۇساپىسى تەخمىنەن 4500 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئىلگىرىكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىللىق تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسىدە يېڭى ئېنېرگىيە گۇرۇپپىسى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى.
مۇسابىقە ئومۇمىي لىنىيەسىدە ئاقسۇ كىنو كىچىك بازىرى، لوپ ناھىيەسى، قاغىلىق ناھىيەسى، مەكىت ناھىيەسى °N39 مەنزىرە رايونىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ لاگېر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، جەمئىي 10 ئالاھىدە مۇسابىقە بۆلىكى بار، تەخمىنەن 2350 كىلومېتىر كېلىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە يولى قۇملۇق، چۆللۈك، يارداڭ قاتارلىق كۆپ خىل يەر تۈزۈلۈشى ۋە يەر شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە قۇملۇقتىكى مۇسابىقە بۆلىكى %65نى، چۆللۈكتىكى يول بۆلىكى %15نى، قۇم-شېغىللىق يول بۆلىكى %20نى ئىگىلىگەيدۇ، ئاپتوموبىل ۋە موتوسىكلىت ماھىرلىرىنىڭ ماھارىتى، شۇنداقلا ئاپتوموبىل ۋە موتوسىكلىتنىڭ ئىقتىدارىغا نىسبەتەن زور سىناق ھېسابلىنىدۇ.

تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسىنىڭ يولغا چىقىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزىدىغان جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەر ئالاقىدار پائالىيەتتىن 60 نەچچە مەيدان ئۆتكۈزىدۇ، تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسىنىڭ يولغا چىقىش مۇراسىمى دەل «19·5» جۇڭگو ساياھەت كۈنىگە توغرا كېلىدىغان بولغاچقا، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ناھىيە، شەھەرلەر يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت-ساياھەت ئېتىبار پائالىيەتلىرىنى يولغا قويىدۇ.


«شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى