□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن
2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئىشتىن چۈشكىنىگە بىر يېرىم سائەت بولغاندا، ئاندىن ئابلىكىمگە ۋاڭ ياۋېيدىن تېلېفون كەلدى. ۋاڭ ياۋېي ئىشىكتىن كىرگەندە، ئابلىكىم بىلەن ئاپىسى دەرھال ئالدىغا باردى، ئۈچەيلەن قىزغىن قۇچاقلاشتى. ئاندىن، بىرلىكتە ئاشخانىغا كىرىپ تاڭيۈەن پىشۇردى.
ئابلىكىمنىڭ تولۇق ئىسمى ئابلىكىم ئۇرايىم، ئۇ بۇ يىل 24 ياشتا بولۇپ، ئۆيى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسىدە ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە كۈيتۈن شەھىرىدە رەسىم سىزىش ئۆيى ئاچتى. ۋاڭ ياۋېي 34 ياشتا بولۇپ، كۈيتۈن شەھىرىنىڭ بېيجىڭ يولى كوچا باشقارمىسى ۋۇسۈن مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى.
«ئاچا، ئۆيىمىزگە كېلىپ بىز بىلەن بايرام ئۆتكۈزگىنىڭىزدىن تولىمۇ خۇش بولدۇم. بۈگۈن ئاپام مەخسۇس سىز ئۈچۈن چاۋمىفېن ئەتتى.» ئابلىكىم گەپ قىلغاچ ۋاڭ ياۋېيغا بىر قاچا چاۋمىفېن ئۇسۇپ بەردى. بىر چەتتە ئولتۇرغان ئاپىسى ۋاڭ ياۋېيغا دەرھال ئىسسىقىدا يەۋېلىشنى تاپىلىدى.
ئۆي ئىچىدە كۈلكە ئاۋازى ياڭرىدى...
ئابلىكىم مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئاپام ئىككىمىز ۋاڭ ياۋېينىڭ خىزمىتىنىڭ ئالدىراش ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، يۈەنشياۋ بايرىمى كۈنى مەھەللىدە كوچا ئويۇنى ئوينىلىدۇ، شۇڭا بىزگە ھەمراھ بولۇپ بايرام ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بالدۇرلا كەلدى.
ئابلىكىم ۋاڭ ياۋېيغا تۆت پارچە رەسىم سوۋغا قىلدى، ئۇنىڭ ئىچىدە ماي بوياق رەسىممۇ، سىدام سىزمىمۇ بار ئىدى، لېكىن ئۇ بۇلارنىڭ تېخى يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى، «رەسىم قەلىمى بىلەن ئاچامنىڭ چىرايىنى سىزىپ چىققىلى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى ۋە سەمىمىيلىكىنى ئىپادىلىمەك قىيىن. ھەر قېتىم ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيىتىگە قاتناشقىنىمدا، قەلبىمدە نۇرغۇن ھاياجانلىق ھېسسىيات ئۇرغۇيدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تەسىرىدىن بولغان».
2024 - يىلى 6 - ئايدا، ئابلىكىم شىنجاڭ قوللىنىشچان كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ گۈزەل سەنئەت مائارىپى كەسپىنى پۈتكۈزدى. دەسلەپتە، ئۇ ساۋاقدىشى بىلەن كىچىك بىر ئىجارە ئۆيدە ئولتۇردى. كۈندۈزى ئۇ كوچىغا چىقىپ يايما يېيىپ رەسىم ساتتى؛ كېچىدە دوستىغا ياردەملىشىپ ئاممىۋى سۇپىدا ئىشلىدى. بىر ئايدىن كېيىن، ساۋاقدىشى قەشقەردىكى ئاتا - ئانىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەتتى.
ئابلىكىمنىڭ يېنىدا 900 يۈەنلا قالغان بولۇپ، ھەتتا كېلەر ئايلىق ئۆي ئىجارىسىنى تاپشۇرۇشىمۇ تەسكە توختاپ، بېشى بەكلا قاتتى. ئۇ تۆت يىل ئىلگىرى كېسەل سەۋەبىدىن تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتكەن دادىسىنى ھەمدە مۇشۇ يىللاردا كېسەل ھالەتتە تۇرۇپ ئۆزىنى ئوقۇتقان ئاپىسىنى ئەسلەپ، بىرمەھەل گاڭگىراپ قېلىپ تايانچسىز قالغاندەك بولدى.
ئابلىكىم مەھەللىگە بېرىپ رەسىم سىزىشنى ياكى رېستورانغا بېرىپ ئىشلەپ، ياتاق، تاماقنى كۆتۈرىدىغان جاينى تېپىپ ئاۋۋال ئورۇنلىشىۋېلىشنى پىلانلىدى. ئۇ مەھەللىمۇمەھەللە كىردى، ئاشخانىمۇئاشخانا سۈرۈشتۈردى، ئېرىشكىنى ئادەم قوبۇل قىلمايمىز، دېگەن جاۋاب بولدى. «شۇ چاغلاردا، تىت - تىت بولغىنىمدىن كېچىچە ئۇخلىيالمىدىم. ئەگەر ئۆيگە قايتسام، پەقەت ئاپامغا ئەگىشىپ يەر تېرىيتتىم ياكى تەرەپ - تەرەپكە چېپىپ ئىشلەمچىلىك قىلاتتىم.» ئابلىكىم مۇنداق دېدى: مېنىڭ رەسىم سىزىش سەنئىتىدىن ۋاز كەچكۈم يوق ئىدى.
2024 - يىلى 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئابلىكىم ۋۇسۈن مەھەللىسىگە كىردى، ئۇنى كۈتۈۋالغان مەھەللە كادىرلىرى ئۇنى ۋاڭ ياۋېينىڭ ئىشخانىسىغا باشلاپ كىردى، ئابلىكىم ھازىرقى قىيىنچىلىقىنى ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئويلىرىنى سۆزلەپ بەردى. «ئويلىمىغان يەردىن ۋاڭ شۇجى مېنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈۋالدى. ئەتىسى ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن ياندىكى نەرسە - كېرەك قويۇلغان ئۆينى بىكارلاپ بەردى، چۈشتىن كېيىن مېنى باشلاپ مەھەللە ئەتراپىدىن ئۆي ئىزدىدى.» ئابلىكىم ئەسلەپ مۇنداق دېدى: بىر ھەپتىدىن كېيىن، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆينى ئىلتىماس قىلىپ ئالدىم.
ھەممە ئىشلار ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئابلىكىمنىڭ مەھەللىدە 55 كىۋادرات مېتىرلىق رەسىم سىزىش ئۆيى بار بولدى، ھەمدە شۇ جايدىكى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە قارىتىلغان ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن مەنپەئەتلىنىپ، ئالتە ئايلىق ئۆي ئىجارىسىنى كېمەيتىشتىن بەھرىلەندى.
ئابلىكىم رەسىم ئەسەرلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئىجاد قىلىشقا باشلىدى، ۋاڭ ياۋېي ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكى ئارقىلىق ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ رەسىملىرىنى سېتىشىپ بەردى. تۇنجى ئېيىدا ئابلىكىم 3000 يۈەن تاپتى؛ ئىككىنچى ئېيىدا 3400 يۈەن تاپتى؛ يېرىم يىلدىن كېيىن، ئۇ ھەر ئايدا 5000 يۈەن تاپالايدىغان بولدى.
ۋاڭ ياۋېينىڭ رىغبەتلەندۈرۈشىدە، ئابلىكىمنىڭ كەسىپ دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىپ، تام رەسىمى، سىدام سىزما، ماي بوياق رەسىملەرنىڭ ھەممىسىنى سىزدى، ئۇنى ئىزدەپ رەسىم سىزدۇرىدىغانلارمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە مەھەللە ئاھالىلىرى، ناتونۇش تورداشلار، يەنە مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارمۇ بار ئىدى.
شۇ يىلى 12 - ئايدا، ئابلىكىم ئاپىسىنى يېنىغا ئەكېلىۋالدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ تاپقان پۇلى ئىككىيلەننىڭ تۇرمۇش چىقىمىغا يېتىدىغان بولدى. مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ ئاپىسى بىلەن بىللە، مەھەللىدىكى ئۆزىگە ياردەم قىلغان ھەربىر خىزمەتچى خادىمغا دوپپا تىكىپ بەردى ۋە شارپا توقۇپ بەردى. ئاندىن، ئۇ يەنە يېقىن ئەتراپتىكى يوللاردىكى قۇدۇق قاپقىقى ۋە تاش گۈندىلەرنىڭ ھەممىسىگە رەڭلىك رەسىم سىزدى، رەسىملەردە گۈل - گىياھ، قۇش، بېلىق، قۇرت - قوڭغۇز، تاغ - دەريا، كۆل، دېڭىز، خەلق ئۆرپ - ئادىتى مەدەنىيىتى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھەممىسى بار ئىدى.
«خىزمەت ۋاقتىدا، بىز بىر - بىرىمىزنى كەسىپ نامىمىز بويىچە ئاتىدۇق، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، بىز خۇددى ئاچا - ئىنىدەك بولۇپ كەتتۇق. ئاچام ماڭا مەززىلىك تائاملارنى تېتىتىپلا قالماي، يەنە پات - پات ماڭا كالا - قوي گۆشى ۋە كۆكتات - مېۋىلەرنى ئېلىپ بېرىدۇ.» ئابلىكىم مۇنداق دېدى: مەن ۋاڭ ياۋېيغا رەھمەت ئېيتماقچى بولدۇم، ۋاڭ ياۋېي مېنىڭ بوش ۋاقىتلاردا ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ، ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم قىلىشىمنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ دەل ئابلىكىمنىڭ كۈتكەن ئارزۇسى ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن، ئابلىكىم ھەر ھەپتىدە ۋاقىت چىقىرىپ، ئولتۇراق رايوندىكى ئىگە - چاقىسىز ياشانغانلارغا ھەقسىز رەسىم سىزىپ بەردى، چوڭ كوچىغا چىقىپ بايرامدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرىغا رەسىم سىزىپ بەردى، ئاق قان كېسىلى ۋە ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارغا كېسەلخانىغا كىرىپ رەسىم سىزىپ بەردى...
ھازىر ئابلىكىمنىڭ ئىككى شاگىرتى بار، نۇرغۇن مەھەللە خىزمەتچىسى ۋە مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارمۇ دائىم ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ رەسىم سىزىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا ياكى ھەمكارلىشىشقا تەكلىپ قىلىدىغان بولدى، كىرىمى ياخشى چاغلاردا، ئۇ ھەر ئايدا 8000 - 9000 يۈەن تاپالايدىغان بولدى.
«بۇ شەھەر ماڭا ئىللىقلىق بېغىشلىدى، ئاچامنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى مېنى يېتەكلىدى، مەن رەسىم سىزىش ماھارىتىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، گۈزەللىك ۋە ھاياجانلىق ھېسسىياتىمنى ئەسەرلىرىمگە سىڭدۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ئۈمىد بېغىشلايمەن» دېدى ئابلىكىم.