تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

كورلا: ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرىنى تەق قىلدى

2-ئاينىڭ 17-كۈنى، كورلا خۇيجۈ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىش مەركىزىدە، خېرىدارلار چوڭ ئات كۈچىگە ئىگە تىراكتورنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ لىخۇا فوتوسى ۋە خەۋىرى) 2-ئاينىڭ 17-كۈنى، كورلا دافېڭشوۋ ۋەنلى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى-يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بازىرى ۋە كورلا خۇيجۈ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىش مەركىزىدە، تىراكتور، ئايلانما ئاغدۇرۇش ماشىنىسى، سىيالكا، ئورەك كولاش ماشىنىسى قاتارلىق تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرى تەرتىپلىك تىزىلغان بولۇپ، پات-پات خېرىدارلار كېلىپ سۆزلەشتى، مەسلىھەت سورىدى، سېتىۋالدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى ۋە يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرى بىلەن تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر مال مەنبەسىنى پائال تەشكىللەپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ تۈرىنىڭ تولۇق، سۈپىتىنىڭ ئەلا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

2-ئاينىڭ 17-كۈنى، كورلا خۇيجۈ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىش مەركىزىدە، سودىگەرلەر سېتىشقا تىزىپ قويغان يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرىنى سۈرتۈپ ئاسرىماقتا.

2-ئاينىڭ 17-كۈنى، كورلا دافېڭشوۋ ۋەنلى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى-يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بازىرىدا، سودىگەرلەر خېرىدارلارغا يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرىنى تونۇشتۇرماقتا.

2-ئاينىڭ 17-كۈنى، كورلا دافېڭشوۋ ۋەنلى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى-يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بازىرىدا، دېھقانلار سودىگەرلەر بىلەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ باھاسى توغرىسىدا  سۆزلەشمەكتە.

2-ئاينىڭ 17-كۈنى، كورلا دافېڭشوۋ ۋەنلى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى-يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بازىرىدا، خېرىدارلار يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەنمەكتە.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.