□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ شى
«قىشلاقنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن، مال باققىلى چىققاندا قېلىن كىيىنىڭ، قانداقلا ئىش بولسا ماڭا ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ».
«ماقۇل، غېمىمنى يېگىنىڭىزدىن كۆڭلۈم تولىمۇ ئىللىقلىققا تولدى!»
2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، چېڭ يۈنپېڭ سالتانات سېرىكبايغا تېلېفون قىلىپ، باش ئەتىيازدىكى كالا - قوي بورداش ئىشى توغرىسىدا قىزغىن پاراڭلاشتى.
چېڭ يۈنپېڭ شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى جېمىنەي چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 1 - ئەترىتىنىڭ جياۋداۋيۈەنى، سالتانات جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ جېمىنەي بازىرى توپان كەنتىدىكى چارۋىچى. 2018 - يىلى، ئىككىيلەن تۇغقانلاشقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا بېرىش - كېلىش قىلىش جەريانىدىكى بىر قاتار كىچىك ئىشلىرىنى كۆرگەن كەنتتىكى چارۋىچىلار ئارىسىدا مۇنداق بىر جۈملە سۆز تارقالدى: «چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ قانچىلىك چەت - يىراق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سالتانات ئېھتىياجلىق بولسىلا، چېڭ جياۋداۋيۈەن جەزمەن ئۇنىڭ يېنىغا يېتىپ كېلىدۇ».
توپان كەنتى بىر چارۋىچىلىق كەنتى. دەسلەپتە ئۆيىگە بارغاندا، چېڭ يۈنپېڭ سالتانات ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بېقىش ئۇسۇلىنىڭ يىرىك ئىكەنلىكىنى، قوتاندا پاشا، چىۋىن، قىغ، دۆۋىلەپ قويۇلغان نەرسىلەرنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆردى. «پەقەت ئىلمىي، تۈجۈپىلىك باققاندىلا، كالا - قويلار ئاندىن پۇلغا يارايدۇ.» «مەن ھەقىقەتەن بەك ھۇرۇنلۇق قىپتىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن قانداقلا بولمىسۇن ھەرىكەتكە كېلىمەن!» چېڭ يۈنپېڭنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قىلماقچى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، سالتانات غەيرەتكە كەلدى، ئىككىيلەن ئىش قىلغاچ پاراڭلاشتى.
بۇنداق ھەقىقىي، ئەمەلىي ياردەم بېرىش كۆرۈنۈشلىرى كۆپەيدى، توپان كەنتىدىكى چارۋىچىلار بۇنى كۆرگەندىن كېيىن، بەس - بەستە ئالدىغا بېرىپ چېڭ يۈنپېڭ ۋە سالتاناتتىن چارۋا باقمىچىلىقى توغرىسىدىكى يېڭى بىلىم، يېڭى تېخنىكىلاردىن مەسلىھەت سورىدى. ۋاقىت ئۇزارغانچە، سالتانات ئائىلىسىنىڭ چارۋا قوتىنى ئەتراپىغا ھەمىشە كالا - قوي بورداشنى كۆرگىلى كەلگەن چارۋىچىلار ئولىشىپ تۇرىدىغان بولدى. «كالا - قويلىرىڭىز ھەم كۆپ، ھەم سېمىز ئىكەن، قانداق ئەپچىل چارە قوللاندىڭىز؟» «تەلىيىمىزگە ياخشى تۇغقىنىمىز بولۇپ قاپتىكەن.» سوئاللارغا جاۋاب بېرىۋېتىپ، سالتانات ئېچىلىپ - يېيىلىپ كۈلدى.
«جياۋداۋيۈەن، ئۆچكىلىرىم يىتىپ كەتتى، قانداق قىلارمەن؟» بىر كۈنى، سالتانات تىت - تىت بولغان ھالدا چېڭ يۈنپېڭغا تېلېفون قىلدى. چېڭ يۈنپېڭ خەلق ساقچىلىرىنى باشلاپ بىرىنچى ۋاقىتتا يېتىپ كېلىپ، سالتاناتنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرغاچ ئۆچكىلەرنىڭ ھەرىكەت ئىزىغا ئاساسەن ئىزدەشنى قانات يايدۇردى. نەچچە سائەت ئىزدەش ئارقىلىق، ئاخىر يىتىپ كەتكەن ئۆچكىلىرىنى تاپتى. چېڭ يۈنپېڭنىڭ تەرگە چۆمۈلگەنلىكىنى، ئايىغى ۋە پۇچقىقىنىڭ توپا بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، سالتانات چەكسىز تەسىرلەندى.
2020 - يىلى ئەتىيازدا، چېڭ يۈنپېڭ سالتانات بىلەن تېلېفونلىشىپ سالتاناتنىڭ چارۋىلارنىڭ يەم - خەشەك زاپىسىنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن تىت - تىت بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدى. «ھازىر ساغلىقلارنىڭ تۆللەش مەزگىلى، ساغلىقلار تويغۇدەك يەم - خەشەك يېسىلا، قوزىلارنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ، قىيىنچىلىق بولسا بىز بىرلىكتە ئامالىنى قىلايلى.» چېڭ يۈنپېڭ سالتاناتقا تەسەللى بەرگەچ ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ، تەرەپ - تەرەپكە چېپىپ ماسلاشتۇرۇپ، سالتاناتقا بېدە ئېلىپ بەردى. ئارقىدىن، چېڭ يۈنپېڭ باغلام - باغلام يەم - خەشەكلەرنى توشۇشقا ياردەملەشتى، شۇنچە زورلىسىمۇ پۇل ئالغىلى ئۇنىمىدى، بۇنىڭدىن سالتاناتنىڭ كۆز چاناقلىرى نەملەشتى.
سالتاناتنىڭ چوڭ ئوغلى ئايبول سالتانات ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن خىزمەت ئىشى توغرىلىق غەمگە پاتتى. «بىزنىڭ بۇ يەرگە ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىۋاتىمىز، شارائىتىڭىز بەك ماس كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ، كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ باقامسىز؟» بىر كۈنى، چېڭ يۈنپېڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى ئايبولغا ئۇقتۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئايبولنىڭ ئاساسىي نەزەرىيە بىلىملىرى ۋە يۈزتۇرا ئىمتىھان ماھارىتىنى ئىگىلىشىگە سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكچىلىك قىلدى. كېيىن، ئايبول جېمىنەي چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتى. ئۇ خىزمەت جەريانىدا ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، كۆپ قېتىم مۇنەۋۋەر ياردەمچى ساقچى بولۇپ باھالاندى.
ئايبولنىڭ چوڭ ئىنىسى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدە داشۆدە، كىچىك ئىنىسى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. چوڭ ئىنىسى شىنجاڭدىن ئايرىلىش سەۋەبلىك، دەسلەپتە كۆنەلمەي، ئىدىيە جەھەتتىكى بېسىمى ئېغىرلاپ كەتتى، چېڭ يۈنپېڭ پات - پات ۋىيشىن ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىدى. كىچىك ئىنىسى دەرسلەرنى پۇختا ئىگىلىيەلمىگەندە، چېڭ يۈنپېڭ ئالايىتەن تۈرلۈك ئۆگىنىش ماتېرىياللىرى ۋە تەقلىدىي ئىمتىھان قەغىزى سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئاجىز تەرەپلىرىنى تېپىپ چىقىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى.
بۇ ئىككى يىلدا، چېڭ يۈنپېڭ سالتاناتنى ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ھويلا - ئاران تېرىقچىلىقىغا ئالاقىدار سىن ماتېرىياللىرىنى تېپىپ كېلىپ، سالتاناتقا ھويلا - ئاران تېرىقچىلىقى، پەرۋىش قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكا مۇھىم نۇقتىلىرىنى چۈشەندۈردى. توپان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرىمۇ ئارقا - ئارقىدىن كېلىپ ئۆگەندى. «مېنىڭ تۇغقىنىم ھەم تېخنىك، ھەم بوغالتىر، ھەم مال ساتقۇچى، سىلەر مەن بىلەن بىللە ئۆگەنسەڭلار، كىرىمىڭلارنى ئاشۇرۇشتا چاتاق يوق!» دېدى سالتانات پەخىرلەنگەن ھالدا.
ھېيت - بايراملاردا، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ ئېلىپ ئۆيىگە بېرىپ يوقلىدى؛ بالىلار ئوقۇش باشلىغاندا سومكا، ئوقۇش قوراللىرى قاتارلىق ئۆگىنىش بۇيۇملىرى ئېلىپ بەردى؛ كۈندىلىك خىزمەت جەريانىدا، ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى... تۇغقانلاشقاندىن بۇيان چېڭ يۈنپېڭنىڭ قىلغان نۇرغۇن ياخشى ئىشلىرى خۇددى ئىللىق ئېقىمغا ئوخشاش سالتانات ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىشىغا ئىلھام بەردى، باققان ئۆچكىلىرىلا دەسلەپكى 30 نەچچىدىن كۆپىيىپ ھازىر 100دىن ئاشتى.
«چارۋىچى تۇغقىنىم ماڭا ئىشىنىدۇ، مەن بۇ ئىشەنچكە يۈز كېلەلىشىم كېرەك!» چېڭ يۈنپېڭ مۇنداق دېدى: تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلارنى چىقىش قىلىپ، تۇغقىنىمنىڭ ياخشى سىردىشى بولدۇم، شۇنداقلا سالتانات ئائىلىسىدىكىلەرمۇ مېنى ئۆز تۇغقىنىدەك كۆردى، بۇنىڭدىن قەلبىم تولىمۇ ئىللىقلىققا چۆمدى، «بۇ تۇغقاندارچىلىقنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىمەن».