تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مېداللىرىدا چاقنىغان شىنجاڭنىڭ قالتىس ئىپادىسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ جىڭجىڭ، خۇاڭ شىڭ

32 ئالتۇن مېدال، 27 كۈمۈش مېدال، 26 مىس مېدال، 9 ـ نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسىي مەشئىلى خاربىندا ئاستا ـ ئاستا ئۆچۈرۈلۈۋاتقان پەيتتە، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نەتىجە قەغىزىنى تاپشۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ تەنھەرىكەتچىلىرى 5 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 4 مىس مېدال تەقدىم قىلىپ، جۇڭگونىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى مۇسابىقە نەتىجىسىنى يارىتىشىغا كۈچ قوشۇپلا قالماي، يەنە شىنجاڭنىڭ ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مېدال ئالالماسلىق تارىخىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى.

قۇم كەنتىدىن كەلگەن، دوۋيىندىكى نامى «قار تېيىلىپ تاغقا چىققۇچى شياۋ پاسەي» بولغان بۇلۇر بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش تۈرىدە باتۇرلۇق بىلەن 2 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى؛ تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش تەنھەرىكەتچىلىرى تيەن رۇينىڭ بىلەن قاناغات مۇقامەت شىنجاڭ تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش تەنھەرىكەتچىلىرى كۈتكىلى 35 يىل بولغان ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مېدالغا ئېرىشىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى، ئىككىيلەن جەمئىي 1 ئالتۇن مېدال، 1 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدالغا ئېرىشتى. شىنجاڭ تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى قالتىس ئىپادىسى شىنجاڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى جانلىق نامايان قىلدى.

ئەسلىھەلەر مۇكەممەللەشتى، ئومۇمىي خەلق ئورتاق بەھرىلەندى

بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش تۈرى ئۆتكۈزۈلگەن جاي − خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك مۇز ئۈستى مەشىق مەركىزىنىڭ تېز سۈرئەتتە تېيىلىش سارىيىدا، خاربىن گېزىتخانىسىنىڭ مۇخبىرى جاڭ كۇنلېي شىنجاڭلىق تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئالتۇن مېدال، كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن چاغدىكى قالتىس دەقىقىلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. ئۇ 2016 ـ يىلى 13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدىكى شىنجاڭ سەپىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن، شىنجاڭ مۇز ئۈستى تۈرىدە ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى. شىنجاڭدا دۆلەت ئىچىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز تېز سۈرئەتتە تېيىلىش سارىيى بار بولدى، مۇكەممەل مەيدان ـ ساراي ئەسلىھەلىرى شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتى ئىختىساسلىقلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە پۇختا ئاساس سالدى».

13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغاندىن بۇيان، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا، شىنجاڭ نۇرغۇن يۇقىرى ئۆلچەملىك قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى مەيدان ـ ساراي ئەسلىھەلىرىنى قۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى قىشلىق تەنھەرىكەت مەشىق مەركىزى ئىلگىرى 13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە مەيدانى ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ تېز سۈرئەتتە تېيىلىش سارىيى دۆلەت ئىچىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز تېز سۈرئەتتە تېيىلىش سارىيى بولۇپ، ئۇ ئىككىلەمچى ئېگىزلىككە جايلاشقان، ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچى بىرقەدەر ئاجىز بولغاچقا، دۆلەت قىسقا يولدا تېز سۈرئەتتە تېيىلىش كوماندىسى تەرىپىدىن ئىككىلەمچى ئېگىزلىكتىكى مەشىق بازىسى قىلىپ تاللاندى. بۇ مەيدان ـ ساراي ئامېرىكا سولت لېيك شەھىرى ۋە كانادا كالگارى تېز سۈرئەتتە تېيىلىش سارىيى بىلەن بىرلىكتە «دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ ئېگىزلىك مۇز مەيدانى» دەپ ئاتىلىدۇ.

2023 ـ يىلى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى شىنجاڭ ئالتاي جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى ۋە كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىغا ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا «دۆلەت قار تېيىلىش ئالتاي جياڭجۈن تېغى مەشىق بازىسى» ۋە «دۆلەت قار تېيىلىش كۆكتوقاي مەشىق بازىسى» دەپ نام بەرگەن. 2020 ـ يىلىدىن باشلاپ، دۆلەت يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش كوماندىسىدىن 18ى ۋە ئۆلكە كوماندىسىدىن 15ى، 800دىن ئارتۇق تىرېنېر ۋە تەنھەرىكەتچى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىغا كىرىپ مەشىق قىلدى.

2023 − 2024 ـ يىللىق قار پەسلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا تۈرلۈك قار ـ مۇز مەيدانىدىن جەمئىي 121ى قۇرۇلدى، بۇ، 58 قار تېيىلىش مەيدانى، 39 مۇز تېيىلىش مەيدانى ۋە 24 قار ئويۇنى شادلىق باغچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاساس پۇختىلاندى، تالانتلىقلار توپلاندى

بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن ئىلگىرى، شىنجاڭ تەنھەرىكەتچىلىرى جۇڭگو كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئۈچ نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بولۇپ، ئەڭ ياخشى نەتىجىسى 4 ـ بولغان. 2 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭلىق جۇڭگو دالىدا قار تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى دىلنىگار ئىلھامجان ۋە سامغار سېرىكنىڭ قوش مىس مېدالغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلگەن ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى قىشلىق تەنھەرىكەت مەشىق مەركىزى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى كاڭ يۇڭشىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «2000 ـ يىللاردا تۇغۇلغان بۇ ئىككى تەنھەرىكەتچى بۇلتۇر مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چېنىقىش ئارقىلىق تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدى. ئۇلار دۆلەتكە شەرەپ كەلتۈرۈش بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى ئۈچۈنمۇ تارىخ ياراتتى. بۇ بىزنىڭ ياش ـ ئۆسمۈرلەر قار ـ مۇز ئىختىساسلىقلىرى ئاساسىنى پۇختىلاش، تېخىمۇ زور شان ـ شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئىرادىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى».

2024 ـ يىلىنىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلگەن 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 8 ئالتۇن مېدال، 15 كۈمۈش مېدال، 12 مىس مېدالنى قولغا كەلتۈرۈشتەك ئەلا نەتىجىگە ئېرىشىپ، مېدال ئومۇمىي سانى تىزىملىكىدە مەملىكەت بويىچە 9 ـ ئورۇندا، غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇردى. 2022 ـ يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇدا ئىككى نۆۋەت ئاپتونوم رايونلۇق قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تاللاش ئارقىلىق، زور بىر تۈركۈم زاپاس ئىختىساسلىقلار ھەرقايسى كەسپىي قوشۇنلارغا تولۇقلاندى، ئۇلارنىڭ قالتىس ئىپادىسى مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى تەرەققىياتىنىڭ كۆرۈنەرلىك نەتىجىسىنى نامايان قىلدى.

قار ـ مۇز ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش شەرق شامىلىنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭ زور بىر تۈركۈم زاپاس ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئالاقىدار كەسىپلەرنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق ئىختىساسلىقلار ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئالتاي ۋىلايىتىنى مىسالغا ئالساق، شۇ جايدىكى ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك تۆت كەسپىي مەكتەپ تەنھەرىكەت مەشىقى، قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى ۋە ئۇنى باشقۇرۇش، قار ـ مۇز ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش ۋە باشقۇرۇش، تەنھەرىكەت مۇداپىئەسى قاتارلىق قار ـ مۇزنى يۆنىلىش قىلغان يەتتە كەسىپنى تەسىس قىلدى، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 735كە، مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى 228گە يەتتى. ئالتاي ۋىلايەتلىك 2 ـ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ يەنە قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى بويىچە خاس سىنىپ قۇرۇپ، دالىدا قار تېيىلىش، ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش، تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش تىرېنېرىدىن تۆتنى سەپلىدى، تۇنجى تۈركۈمدە 15 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى.

بوشاشماي كۈرەش قىلىپ سىجىل تەرەققىي قىلدى

خاربىندىكى رەڭدار قار ـ مۇز دۇنياسىدىن شىنجاڭنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل، بىپايان ئالتاي تېغىغىچە؛ جىلىننىڭ خىيالىي تۇمان سۆڭگىسى مەنزىرىسىدىن ئىچكى موڭغۇلنىڭ بىپايان قىشلىق يايلىقىغىچە... ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت بۇ سەھنىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگونىڭ قار ـ مۇز گۈزەللىكى، قار ـ مۇز رومانتىكلىقى دۇنياغا تونۇلدى. جۇڭگو قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى خەرىتىسىدىكى مۇھىم تەركىبىي قىسىم بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ تەنھەرىكەتچىلىرى ياشلىق باھارى، قەيسەر ئىرادىسى ۋە ئېگىلمەس ـ سۇنماس روھى ئارقىلىق بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە دۇنياغا شىنجاڭدىكى ياش بىر ئەۋلادلارنىڭ جۇشقۇن، كۆتۈرەڭگۈ قىياپىتىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى تەرەققىياتىنىڭ مول نەتىجىلىرىنى نامايان قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شاڭ خۇڭبو مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ «قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق قار ـ مۇز ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر» ھەمدە «ئاپتونوم رايوننىڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قار ـ مۇز ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى داۋاملىق چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قار ـ مۇزدىن ئىبارەت «سوغۇق بايلىق»نىڭ سىجىل تۈردە «ئىسسىقلىق ئۈنۈمى» قويۇپ بېرىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

شىنجاڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا مۇز ئۈستى مەشىق بازىسى ۋە ئالتاي خەلقئارا قار ئۈستى مەشىق بازىسىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنى تىرىشىپ مەملىكەت بويىچە تەسىر كۈچكە ئىگە قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى داڭلىق رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ئىككى مۇز، ئۈچ قار» (ئىككى مۇز: تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش، قىسقا يولدا تېز تېيىلىش؛ ئۈچ قار: دالىدا قار تېيىلىش، ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش، قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش) كەسپىي قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، مەشىق سالمىقىنى زورايتىپ، مۇنەۋۋەر زاپاس ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، مىلان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىشقا پۇختا ئاساس سالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مول مەزمۇنلۇق ئاممىۋى خاراكتېرلىك قار ـ مۇز پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، «300 مىليون كىشىنىڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇش»تىكى نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاممىۋى تەنتەربىيە، ماھارەت تەنتەربىيەسى، ياش ـ ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيەسى ۋە تەنتەربىيە كەسپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەنتەربىيە كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشى ۋە ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.