تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

​شىنجاڭ تەنھەرىكەتچىلىرى ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى

5 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 4 مىس مېدال​

شىنجاڭ تەنھەرىكەتچىلىرى ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى

شىنجاڭ گېزىتى، خاربىن، 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇاڭ شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، 9 - نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خاربىندا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى. جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 32 ئالتۇن مېدال، 27 كۈمۈش مېدال، 26 مىس مېدالغا ئېرىشىشتەك نەتىجە بىلەن تارىختىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتتى.

بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش تەنھەرىكەتچىسى بۇلۇر، دالىدا قار تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى دىلنىگار ئىلھامجان، بايان جالىن، سامغار سېرىك، تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى تيەن رۇينىڭ، قاناغات مۇقامەت قاتارلىق شىنجاڭدىن كەلگەن جەمئىي ئالتە تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 5 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 4 مىس مېدالغا ئېرىشىشتەك ئەلا نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.

«كۆپ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت شىنجاڭنىڭ قار - مۇز كەسپى ۋە قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىختىساسلىقلىرىنىڭ بوشاشماي تىرىشىشىدا، ئارتۇقچىلىقلار تەدرىجىي جارى قىلدۇرۇلۇپ، تارىخىي بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلدى. بىز مەغرۇرلۇق ۋە ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىپ، يېتەرسىزلىكلىرىمىزنى تەپسىلىي كۆزىتىپ، ئەۋزەللىكلىرىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، داۋاملىق شانلىق نەتىجە يارىتىشقا تىرىشىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شاڭ خۇڭبو.

بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن، شىنجاڭدىن ليۇ يەنفېي، جۇ جيافەن ۋە راقىمباي تالاپقاندىن ئىبارەت 3 تېز تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى ئۈچ نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بولۇپ، ئەڭ ياخشى نەتىجىسى 4 - بولغان.

بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە، شىنجاڭ تەنھەرىكەتچىلىرى ھەر نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدە جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن قولغا كەلتۈرگەن ئالتۇن مېدال ۋە مېدال سانىدا رېكورت ياراتتى. قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش، دالىدا قار تېيىلىش، تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش تۈرلىرىدە شىنجاڭ دۆلەت ئىچىدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەمەلىي كۈچنى ھازىرلىدى.

بۇنىڭ ئىچىدە 19 ياشلىق بۇلۇر بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش تۈرىدە 2 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، ئۇنىۋېرسال خەلقئارالىق چوڭ مۇسابىقىدە 2 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن تۇنجى شىنجاڭلىق تەنھەرىكەتچى بولۇپ قالدى. قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش تۈرىدە شىنجاڭ ماھىرلىرى كۈچلۈك بولغان كوللېكتىپ ئۈستۈنلۈكىنى نامايان قىلدى.

دالىدا قار تېيىلىش تۈرىدە، بايان بىلەن دىلنىگار ئاياللارنىڭ دالىدا قار تېيىلىش ساھەسىدە كوللېكتىپ ئۈستۈنلۈكىنى نامايان قىلدى. 20 ياشلىق ماھىر سامغار ئەرلەرنىڭ دالىدا قار تېيىلىش بويىچە كېيىن يېتىشىپ چىققان ماھىر ئىدى. بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭلىق 3 ماھىر دالىدا قار تېيىلىشتا جەمئىي 2 ئالتۇن مېدال، 1 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال ئالدى. دىلنىگار 3 مېدالغا ئېرىشىپ، ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك خەلقئارالىق چوڭ مۇسابىقىلەردە جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن ئالتۇن، كۈمۈش، مىس مېداللارنى تولۇق قولغا كەلتۈرگەن تۇنجى شىنجاڭلىق تەنھەرىكەتچى بولۇپ قالدى.

تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى تيەن رۇينىڭ بىلەن قاناغات ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاياللارنىڭ قىسقا ئارىلىق ۋە ئەرلەرنىڭ ئۇزۇن ئارىلىق ساھەسىدە كۈچلۈك ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭ تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش تەنھەرىكەتچىلىرى كۈتكىلى 35 يىل بولغان ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مېدالغا ئېرىشىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى. ئىككىيلەن جەمئىي 1 ئالتۇن مېدال، 1 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدالغا ئېرىشىشتەك ئەلا نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى «ئاپتونوم رايوننىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قار - مۇز ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»دىكى تەلەپلەرنى نۇقتىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياش - ئۆسمۈرلەر قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ ئومۇملىشىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، كەسپىي قار - مۇز تەنھەرىكىتى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭ قار - مۇز ئەزىمەتلىرىنىڭ كەلگۈسىدە خەلقئارالىق چوڭ مۇسابىقىلەردە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە كۈچ قوشماقتا.

«ماھارەت تەنتەربىيەسى بىر تۈرلۈك ئۇزاققىچە بوشاشماي كۈرەش قىلىدىغان خىزمەت، ئاساسىي قاتلامدا ياشلارنى مەشىقلەندۈرۈش ۋە ماھارەت تەنتەربىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇش شىنجاڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش، شۇنداقلا شىنجاڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالىدۇ» دېدى شاڭ خۇڭبو.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.