تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

ئاتا-ئانىلارنىڭ نەزەرىدىكى بۇ ساغلام يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئەمەلىيەتتە ئۇنچە يۇقىرى ئەمەس! 1-خىلدىكىنى نۇرغۇن كىشى ئىچىۋاتىدۇ ...

      مېۋە شەربىتى ئىچىش ھەرگىز مېۋە يېگەنگە باراۋەر ئەمەس، مېۋە يېگەندە تېخىمۇ ساغلام بولغىلى بولىدۇ.

  ئاتا-ئانىڭىزغا مېۋە شەربىتىنى ئاز ئىچىپ، مېۋە-چېۋىنى كۆپرەك يېيىشنى تەۋسىيە قىلىڭ. مېۋىنى سىقىپ شەربىتى چىقارغاندا، مېۋە تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبى ئازراق زىيانغا ئۇچرايدۇ، مەسىلەن، مېۋە تەركىبىدىكى ۋىتامىن C تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

  سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مېۋىنىڭ كىسلاتالىقى قانچە يۇقىرى بولسا، ۋىتامىن Cنىڭ زىيانغا ئۇچراش نىسبىتى شۇنچە تۆۋەن بولىدىكەن. ئەگەر مېۋىنى سىقىپ شەربەت چىقىرىپ، قېپقالغان قالدۇقىنى تاشلىۋەتكەندە، يېمەكلىك تالاسى تېخىمۇ زىيانغا ئۇچرايدىكەن. ئەڭ مۇھىمى، مېۋىنى سىقىپ شەربەت چىقىرىپ ئىچىش قان شېكىرىگە نىسبەتەن پايدىسىز ئىكەن.  

  ئەسلىدە يېڭى مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدىكى شېكەرنىڭ ھەممىسى ھۈجەيرىدە ساقلىنىدىغان بولۇپ، «ئىچكى مەنبەلىك شېكەر» دەپ ئاتىلىدۇ، شەربەت سىقىپ چىقىرىلغاندىن كېيىن ھۈجەيرە دىۋارى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، شېكەر ھۈجەيرە سىرتىغا چىقىپ كېتىپ، ئەركىن شېكەرگە ئايلىنىپ، قان شېكىرىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەم ئاسانلا قان شېكىرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، مېۋە شەربىتى ئىچىش مېۋە يېگەنگە باراۋەر ئەمەس.

   قارا شېكەر سۈيى بىلەن تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلاش تەس، بۇنىڭدا يەنە سەمىرىپ كېتىش خەۋپ-خەتىرى مەۋجۇت

  «جۇڭگونىڭ يېمەكلىك تەركىبى جەدۋىلى»گە ئاساسلانغاندا، ھەر 100 گىرام قارا شېكەر تەركىبىدە 2.2 مىللىگىرام، ھەر 100 گىرام ناۋاتنىڭ تەركىبىدە 1.4 مىللىگىرام ، ھەر 100 گىرام ئاق شېكەرنىڭ تەركىبىدە 0.6 مىللىگىرام تۆمۈر بار ئىكەن. بۇنداق سېلىشتۇرۇپ قارىغاندا، قارا شېكەر تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى ھەقىقەتەن باشقا شېكەرگە قارىغاندا كۆپرەك ئىكەن.

   لېكىن قارا شېكەر تەركىبىدىكى تۆمۈر ماددىسى قان قىزىل ماددىسى يوق تۆمۈر ماددىسىغا تەۋە بولۇپ، بەدەنگە سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى تۆۋەن. ئادەتتە، بىر ئىستاكان قارا شېكەر سۈيىگە بىر تال قارا شېكەر سېلىنىدۇ، بۇ تەخمىنەن بەش گىرام بولۇپ، بۇنىڭدا قوبۇل قىلىنىدىغان تۆمۈرنىڭ مىقدارى ئاران 0.1 مىللىگىرام كېلىدۇ، بۇ ئادەتتىكى قۇرامىغا يەتكەن ئاياللار كۈنىگە ئېھتىياجلىق بولغان 18 مىللىگىرام تۆمۈر ئېھتىياجىدىن خېلىلا تۆۋەن. شۇڭا قارا شېكەر سۈيى ئىچىپ تۆمۈر ماددىسى تولۇقلىغاندا، قان تولۇقلاش ئۈنۈمى ئۇنچە ياخشى بولمايدۇ.

    بۇنىڭدىن باشقا، قارا شېكەر بىلەن ئاق شېكەر ئوخشاشلا ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدىغان شېكەرگە تەۋە بولۇپ، ئىستېمال قىلىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش كېرەك، زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندا چىشنى قۇرت يەيدۇ، شۇنداقلا سەمىرىپ كېتىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

«مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلىرى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.