
2 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، سىدەن يۈجېن (ئوڭدىن 2 ـ كىشى)/ بۇلۇر (ئوڭدىن 1 ـ كىشى)، يۈ جىڭشۈەن/ بى يۈشىن (سولدىن 1 ـ كىشى) مۇسابىقىدىن كېيىن بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشمەكتە. شۇ كۈنى، 9 ـ نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش ئارىلاش كۈچ ئۇلاش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى يابۇلىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو گۇرۇپپىسىدىكى سىدەن يۈجېن/ بۇلۇر، يۈ جىڭشۈەن/ بى يۈشىن، سولاڭ چۈجېن/ ليۇ جيەنبىن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا چېمپىيونلۇققا، 2 ـ لىككە، 3 ـ لىككە ئېرىشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياڭ چىڭ فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، خاربىن، 2 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇاڭ شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، 9 ـ نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى شىنجاڭدىن كەلگەن 8 تەنھەرىكەتچىنىڭ مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، 2 ماھىر جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن يەنە 2 ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى.
شۇ كۈنى، 19 ياشلىق بۇلۇر قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش تۈرىنىڭ ئارىلاش كۈچ ئۇلاش مۇسابىقىسىدە سەپدىشى بىلەن ماسلىشىپ ئۆزىنىڭ 2 ـ ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈردى. 24 ياشلىق دىلنىگار ئىلھامجان دالىدا قار تېيىلىش بويىچە ئاياللارنىڭ 5 × 4 كىلومېتىرلىق كۈچ ئۇلاش مۇسابىقىسىدە دۆلەت كوماندىسىدىكى سەپداشلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، ئۆزىنىڭ ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى 3 ـ مېدالى، ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشتى.
شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن ئاياغلاشقان دالىدا قار تېيىلىش بويىچە ئاياللارنىڭ 5 × 4 كىلومېتىرلىق كۈچ ئۇلاش مۇسابىقىسىدە، ئالتايلىق قىز دىلنىگار دۆلەت كوماندىسىدىكى سەپداشلىرى چى چۇنشۆ، لى لېي، چېن لىڭشۇاڭ بىلەن 53 مىنۇت 59 سېكۇنت 3 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى دالىدا قار تېيىلىش بويىچە ئاياللارنىڭ يەككە قىسقا ئارىلىق (ئەنئەنىۋى ماھارەت) ۋە ئاياللارنىڭ 5 كىلومېتىرلىق (ئەركىن ماھارەت) مۇسابىقىسىدە ئېرىشكەن 1 مىس مېدال ۋە 1 كۈمۈش مېدالنى قوشقاندا، دىلنىگار بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە جەمئىي 1 ئالتۇن مېدال، 1 كۈمۈش مېدال، 1 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئەڭ كۆپ مېدالغا ئېرىشكەن شىنجاڭلىق قار ـ مۇز ماھىرى بولۇپ قالدى.
قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش تۈرىنىڭ ئارىلاش كۈچ ئۇلاش مۇسابىقىسىدە، بۇلۇر بىلەن دۆلەت كوماندىسىدىكى سەپدىشى سىدەن يۈجېن گۇرۇپپىسى چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. بۇلۇرمۇ ئۇنىۋېرسال خەلقئارا مۇسابىقىدە 2 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن تۇنجى شىنجاڭلىق تەنھەرىكەتچى بولۇپ قالدى.
قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش قارلىق تاغ رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى سەپەرگە چىقىش ئۇسۇلىدىن بارلىققا كەلگەن بولۇپ، قارلىق تاغقا چىقىش ئۇنىۋېرسال ماھارىتىنى ئاساس، ئېگىز تاغدا قار تېيىلىشنى قوشۇمچە قىلغان تاغلىق رايون قىشلىق دالا تەنھەرىكىتىدىن ئىبارەت. بۇ، مىلان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ رەسمىي مۇسابىقە تۈرى بولغاچقا، تۇنجى قېتىم ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلدى.
بۇلۇر بىلەن سىدەن يۈجېن گۇرۇپپىسى نۆۋەتتە جۇڭگو كوماندىسىنىڭ بۇ تۈردىكى باشلامچىلىرى. بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 4 ئەر ماھىر ۋە 4 ئايال ماھىرنى قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش تۈرى بويىچە مۇسابىقىلىشىشكە ئەۋەتتى ھەم ئۇلار ئەرلەر، ئاياللار ۋە ئارىلاش كۈچ ئۇلاشتىن ئىبارەت 3 تۈرنىڭ بارلىق ئالتۇن مېدالىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قولغا كەلتۈردى.
شۇ كۈنى، ئەرلەرنىڭ يەككە تاختىدا قار تېيىلىش U شەكىللىك مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە، ئالدىنقى ئايدا دۇنيا چېمپىيونى بولغان ۋاڭ زىياڭ مۇسابىقىدە يارىلاندى.
2 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنىگىچە، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش تەنھەرىكەتچىسى بۇلۇر، دالىدا قار تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى دىلنىگار ئىلھامجان، بايان جالىن، سامغار سېرىك، تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى تيەن رۇينىڭ، قاناغات مۇقامەت، ئاقنار ئاداق (تيەنجىندە تىزىمغا ئالدۇرغان)، يەككە تاختىدا قار تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى ۋاڭ زىياڭ (بېيجىڭدا تىزىمغا ئالدۇرغان) قاتارلىق شىنجاڭلىق 8 قار ـ مۇز ماھىرىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى بارلىق مۇسابىقىلىرى ئاخىرلاشتى، ئۇلار جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن جەمئىي 6 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 4 مىس مېدالنى قولغا كەلتۈردى.
ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى مۇسابىقە تېخى ئاخىرلاشمايدۇ. دۆلەت كوماندىسىنىڭ ھەرقايسى كوماندىلىرى بىر مەزگىل دەم ئالغاندىن كېيىن، يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ تۈرلۈك خەلقئارا مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىدۇ.