تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

​شىنجاڭلىق قىز - يىگىتلەر تولىمۇ قالتىس

جۇڭگو تېز سۈرئەتتە تېيىلىش كوللېكتىپى يەنە 2 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى​

شىنجاڭلىق قىز - يىگىتلەر تولىمۇ قالتىس

شىنجاڭ گېزىتى، خاربىن، 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇاڭ شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك مۇز ئۈستى مەشىق مەركىزىنىڭ تېز سۈرئەتتە تېيىلىش سارىيىدىن خۇش خەۋەر كەلدى: 9 - نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە تېيىلىش ئەرلەر كوللېكتىپ قوغلىشىش مۇسابىقىسىدە، قاناغات مۇقامەت دۆلەت كوماندىسىدىكى سەپداشلىرى ليۇ خەنبىن، ۋۇ يۈ بىلەن بىرلىكتە مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 3 مىنۇت 45 سېكۇنت 94 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن جۇڭگو كوماندىسى ئۈچۈن ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى. ئارقىدىنلا، ئاياللار كوللېكتىپ قوغلىشىش مۇسابىقىسىدە، ئاقنار ئاداق سەپداشلىرى خەن مېي، ياڭ بىنيۈ بىلەن ياخشى ماسلىشىپ، 3 مىنۇت 2 سېكۇنت 75 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن جۇڭگو كوماندىسى ئۈچۈن يەنە 1 ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى.

قاناغات مۇقامەت 1999 - يىلى 8 - ئايدا ئالتاي شەھىرىدە تۇغۇلغان. 2024 - يىلى 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئۇ مەملىكەتلىك تېز سۈرئەتتە تېيىلىش چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر 5000 مېتىرغا تېيىلىش تۈرىدە چېمپىيون بولغانىدى. بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش تۈرى بويىچە ئەرلەر 5000 مېتىرغا تېيىلىش مۇسابىقىسىدە، ئۇ 6 مىنۇت 31 سېكۇنت 54 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن مىس مېدالغا ئېرىشتى. كوللېكتىپ تۈردىكى بۇ ئالتۇن مېدال قاناغات بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئېرىشكەن 2 - مېدال.

ئاقنار ئاداق 1999 - يىلى 6 - ئايدا سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قۇتۇبى ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، ھازىر تيەنجىن كوماندىسىنىڭ تىزىمغا ئېلىنغان تەنھەرىكەتچىسى. ئۇ ئىلگىرى كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن ھەم جۇڭگوغا ۋاكالىتەن 2022 - يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.

2 - ئاينىڭ 11 - كۈنىگىچە، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 27 ئالتۇن مېدال، 23 كۈمۈش مېدال، 20 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، ئۆتكەن ھەر نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭلىق قار - مۇز ئەزىمەتلىرى 4 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 4 مىس مېدالنى قولغا كەلتۈرۈشتەك ئەلا نەتىجە بىلەن تۆھپە قوشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.