
2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، جۇڭگو كوماندىسى ماھىرلىرىدىن ليۇ خەنبىن، ۋۇ يۈ، قاناغات مۇقامەت (ئالدىدىن كەينىگە) مۇسابىقىدە. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن جېنخەي فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاربىن، 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋاڭ خېڭجى، ما سىجيا) خاربىن ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى 10 ئالتۇن مېدال بارلىققا كەلدى، جۇڭگو كوماندىسى شۇ كۈنى يەنە 6 ئالتۇن مېدال، 5 كۈمۈش مېدال، 5 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، مېدال ئومۇمىي سانى كۆپىيىپ 70كە يەتتى، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ يەككە نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئالغان مېدال سانىدا تارىختىكى رېكورت يېڭىلاندى. تايلاند كوماندىسىمۇ تارىخ يارىتىپ، تايلاند ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدىكى تۇنجى مېدالغا ئېرىشتى.
جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلدى. 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنىلا 21 ئالتۇن مېدال بىلەن جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ يەككە نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتقانىدى، 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى باتۇرلۇق بىلەن تىرىشىپ 16 مېدالغا ئېرىشكەندىن كېيىن، يەنە 70 مېدال بىلەن جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتناشقان يەككە نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى مېدال سانىدا تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيەنى يېڭىلىدى، ئەسلىدىكى رېكورت 2007 - يىلى چاڭچۇن ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى 61 مېدال ئىدى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 70 مېدال بىلەن يەنە قازاقىستان 2011 - يىلى ئاستانا - ئالمۇتا ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ياراتقان يەككە ۋەكىللەر ئۆمىكى يەككە نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئېرىشكەن مېدال سانى رېكورتى بىلەن تەڭلەشتى.
رېكورت يېڭىلانغان تارىخىي پەيت ئەركىن قار تېيىلىش مۇسابىقە مەيدانىدا بارلىققا كەلدى. ئاياللار يانتۇلۇقتىكى توسالغۇدىن ماھارەت كۆرسىتىپ ئۆتۈش مۇسابىقىسى ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 60 مېدالغا ئېرىشكەنىدى، جۇڭگو كوماندىسى ماھىرلىرىدىن ليۇ مېڭتىڭ، ياڭ رۇيى، خەن لىنشەننىڭ ئالدىنقى ئۈچ دەرىجىنىڭ ھەممىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ يەككە نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى مېدال سانىدا تارىختىكى رېكورت يېڭىلاندى.
بۇ مۇسابىقە مەيدانىدا يەنە بىر تۈردە تارىخ يارىتىلدى. ئەرلەر يانتۇلۇقتىكى توسالغۇدىن ماھارەت كۆرسىتىپ ئۆتۈش مۇسابىقىسىدە تايلاند ماھىرى پائۇل ھېنرى ۋېردان مىس مېدال ئالدى، بۇ، تايلاند ۋەكىللەر ئۆمىكى تارىخىدىكى تۇنجى ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مېدالى. ئىسسىق بەلباغ رايونىدىكى تايلاندتىن كەلگەن ماھىرنىڭ مۇكاپات ئېلىش سەھنىسىگە چىقىشى قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ ئاسىيادىكى بارغانسېرى كۆپ دۆلەت ۋە رايونلاردا جۇش ئۇرۇپ قانات يېيىۋاتقان يۈزلىنىشىنى نامايان قىلدى.
قازاقىستان كوماندىسى شۇ كۈنى 2 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى، قىشلىق ئىككى تۈر بويىچە ئەرلەر 10 كىلومېتىرلىق قىسقا ئارىلىق تۈرىدە ئالتۇن، كۈمۈش مېدالنىڭ ھەممىسىنى قولغا كەلتۈرگەندىن باشقا، كىشىنى سەل ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى، ئەركىن قار تېيىلىش تۈرى بويىچە ئەرلەر قوش كىشىلىك ماس قەدەمدە بوشلۇقتا ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە، رومان ئىۋانوف - شېرزود كاشربايېف گۇرۇپپىسى ئەڭ ئاخىرقى بىر سەكرەشتە سەۋىيەسىنى مۇكەممەل جارى قىلدۇردى، نومۇرى ئىككى جۈپ جۇڭگو ماھىرىنىڭكىدىن ئېشىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. ئاياللار قوش كىشىلىك ماس قەدەمدە بوشلۇقتا ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە، جۇڭگونىڭ فېڭ جۈنشى - ۋاڭ شۆ گۇرۇپپىسى، چېن مېيتىڭ - شۈ مېڭتاۋ گۇرۇپپىسى چېمپىيونلۇق ۋە 2 - لىكنىڭ ھەممىسىنى ئانچە كۈچىمەيلا قولغا كەلتۈردى.
جۇڭگو تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش كوماندىسى مۇسابىقىنى كۆڭۈلدىكىدەك ئاخىرلاشتۇردى، شۇ كۈنى 4 ئالتۇن مېدالنىڭ ھەممىسىنى جۇڭگو كوماندىسى ئالدى. نىڭ جۇڭيەن بىلەن خەن مېي ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئەرلەر، ئاياللار 1000 مېتىرغا تېيىلىش تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى، جۇڭگو كوماندىسى يەنە ئەرلەر، ئاياللار كوللېكتىپ قوغلىشىش تۈرىدە چېمپىيون بولدى. بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە جۇڭگو تېز سۈرئەتتە تېيىلىش كوماندىسى جەمئىي 11 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.
2 - ئاينىڭ 11 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوماندىسى 27 ئالتۇن مېدال، 23 كۈمۈش مېدال، 20 مىس مېدال بىلەن مېدال تىزىملىكىدە 1 - ئورۇندا، كورېيە كوماندىسى 12 ئالتۇن مېدال، 12 كۈمۈش مېدال، 11 مىس مېدال بىلەن 2 - ئورۇندا، ياپونىيە كوماندىسى 5 ئالتۇن مېدال، 6 كۈمۈش مېدال، 10 مىس مېدال بىلەن 3 - ئورۇندا تۇردى.