تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

قاراڭ، قىشتا شىنجاڭدىكى پارنىكلاردا جەنۇبنىڭ قايسى مېۋىلىرى بار ئىكەن؟

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى جەنۇبنىڭ مېۋە مايسىلىرىنى كىرگۈزۈپ، سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ماشىنىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۇمانلىتىپ پۈركۈش، تېمپېراتۇرىنى كونتىرول قىلىش قۇرۇلمىسى قاتارلىق يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ، جەنۇبنىڭ بۇ «ئەركە مېھمانلىرى»غا راھەت «كىچىك ئۇۋا» ياساپ بېرىپ، جەنۇبنىڭ مېۋە مايسىلىرىنى غەربىي شىمالدا مۇۋەپپەقىيەتلىك يىلتىز تارتقۇزدى.

   بىز بىرلىكتە پارنىكتىكى جەنۇبنىڭ مېۋىلىرىنى زىيارەت قىلپ باقايلى.

1.jpeg

   2-ئاينىڭ 3-كۈنى، قاراقاش ناھىيەسى پۇرچاقچى بازىرى ئاياغ ياغاچچى كەنتىدىكى پارنىكقا كىرگىنىمىزدە، ساپسېرىق لىمونلار شاخلىرىغا پاتماي قالغانىدى، تۈرلۈك ئىسسىق بەلباغ مېۋە دەرەخلىرى بۈك-باراقسان ئۆسكەن بولۇپ، مېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ھەممە يەرنى قاپلىغانىدى. بۇ كەنتتىكى 32 پارنىكتا لىمون، شياڭجياۋ، يۇۋزى قاتارلىق جەنۇبنىڭ كۆپ خىل  مېۋىلىرى ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى تېخنىكلارنىڭ ياردىمىدە، بۇ مېۋىلىك دەرەخلەر كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىنىپ، چېچەكلەپ مېۋە بەرگەنىدى، جەنۇبنىڭ مېۋىلىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا يېڭى يول ئاچتى. 

2.jpg

   2-ئاينىڭ 1-كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 4-شىسى 62-تۇەنىنىڭ ئەسلىھەلىك پارنىكىدا چوۋجۈ ئۈزمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، 62-تۇەن يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك پارنىكىدىن 46نى قۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مېۋە ئۈزۈش، ئىستىراھەت ساياھىتىنى خاسلىق قىلغان ئېكولوگىيەلىك ساياھەت يېزا ئىگىلىكىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. 

 3.jpeg

   1-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى بەيياڭخې يېزىسىدىكى خاس تېرىقچىلىق ئۈلگە رايونىدىكى پارنىكتا، ئادەمگىياھ مېۋىلىرى پېلەككە لىق تولغان بولۇپ، مېۋىلەر سۇس خۇش پۇراق چېچىپ، كىشىنىڭ يېگۈسىنى كەلتۈرەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەيياڭخې يېزىسى كەنت ئاھالىلىرىنى خاس تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز يېتەكلەپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ئىلمىي باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىپ، يېزا ئىگىلىك كەسپىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قوزغىدى. 

4.png 

   1-ئاينىڭ 20-كۈنى، چىرا ناھىيەسىنىڭ چىرا بازىرى جىننەن يېڭى كەنتىدىكى پارنىكتا ئۇزۇن، توم شېكەر قومۇشلىرى تۈپتۈز، تىك تۇرغان بولۇپ، ھاۋانى شېكەر قومۇشىنىڭ ئۆزگىچە تاتلىق ھىدى قاپلىغان ئىدى، كەنت ئاھالىلىرى پىشقان شېكەر قومۇشىنى يىغىۋېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چىرا بازىرى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېرىشنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتتى، شېكەر قومۇشىنى سىناق قىلىپ تېرىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.  

5.jpeg

   1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، يەكەن ناھىيەسى تاغارچى بازىرىدىكى يەكەن ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا كەسىپلەر رايونىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكلار يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، قىپقىزىل خولۇڭگولارنىڭ پىشىشى كىشىنى خۇشال قىلاتتى. بۇ يەردە كۆپ ئۇچرايدىغان تۆت پەسىللىك كۆكتاتلاردىن باشقا يەنە خولۇڭگو، ئادەمگىياھ مېۋىسى قاتارلىق ئۆزگىچە مېۋىلەر ئۆستۈرۈلدى. بۇ كەسىپ باغچىسىدا مايسا يېتىشتۈرۈش، ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش، يېڭى سورتلارنى كىرگۈزۈپ سىناق قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىش، پەن - تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ جايغا كىلىپ سەيلە قىلىشقا جەلپ قىلدى. 

6.png

   يېقىندا، تېكەس ناھىيەسى خوجىرتى يېزىسى ئالغا يېڭى كەنتى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك بازىسىدىكى پارنىكتىكى ساۋمېيلار مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى، يېشىل يوپۇرماقلار ئارىسىدىكى پىشقان ساۋمېيلار كىشىنى ئادەتتىن تاشقىرى جەلپ قىلىدىغان بولۇپ، ساۋمېي تېرىغۇچى ئېتىز قىرلىرىدا ئالدىراش يۈرۈپ، پىشقان ساۋمېيلارنى ئېڭىشىپ ئۈزۈۋاتاتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېكەس ناھىيەسى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، ھەم ئاممىنىڭ «مېۋە تەخسىسى»نى بېيىتتى ھەم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «ھەميانى»نى تومپايتتى. 

(ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيا چىڭ رەتلىگەن   قاراقاش ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى   بىڭتۇەن گېزىتى   مىدۇڭ رايونلۇق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى   چىرا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى   يەكەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇلار مەركىزى  تېكەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى) 

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.