شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ 2025-يىللىق ئىمتىھان ئارقىلىق مەمۇر قوبۇل قىلىش، خىزمەت ئورنىنى تەكشۈرۈپ كېمەيتىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى
«شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ 2025-يىللىق ئىمتىھان ئارقىلىق مەمۇر قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئىمتىھان ئېلىش نىسبىتىگە يەتمىگەن خىزمەت ئورۇنلىرىغا قوبۇل قىلىش پىلانى تەكشۈرۈپ كېمەيتىلىدۇ ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، ھازىر تەكشۈرۈپ كېمەيتىلگەن، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان خىزمەت ئورنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇش قىلىندى:
قوبۇل قىلىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان خىزمەت ئورنىغا تىزىملاتقانلار 2025-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 18:00گىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئىمتىھان ئۇچۇر تورى (http://btpta.xjbt.gov.cn) تىزىملىتىش سىستېمىسىغا كىرىپ خىزمەت ئورنىنى ئۆزگەرتىپ تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئەگەر بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۆزگەرتىپ تىزىملىتىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرمىسا، بىڭتۇەن ئادەم كۈچى بايلىقى ئىمتىھان مەھكىمىسى ئاپتوماتىك ھالدا ھەقنى قايتۇرىدۇ.
ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى.
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى مەمۇرلار ئىدارىسى
2025-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى


«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى