شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېيىلدى:
95 يىلدىن بۇيان، ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋيېتنام خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتنىڭ ئازادلىقىنى غەلىبىلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. بولۇپمۇ ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى 13 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەرتىپكە سېلىش ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتتى، ۋيېتنام سىياسىي جەھەتتىن مۇقىم، جەمئىيىتى تىنچ بولدى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى جۇش ئۇرۇپ، خەلقئارادىكى ئورنى كۈنسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ھازىر، ۋيېتنام پارتىيەسى ۋە خەلقى باش شۇجى سۇ لىن باشچىلىقىدىكى ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى 13 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك نىشان ۋە ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇش، دۆلەت قۇرۇشتىكى ئىككى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ، ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالماقتا. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، سىلەر نىشانىڭلارغا چوقۇم يېتەلەيسىلەر!
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنقىلابىي دوستلۇقى ۋە دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. رەئىس ماۋ زېدۇڭ ۋە رەئىس خۇ جىمىڭ قاتارلىق پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلەرنىڭ ئۆز قولى بىلەن بەرپا قىلىشى ۋە كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈشى نەتىجىسىدە، ئىككى دۆلەت خەلقى ئىنقىلابىي كۈرەش داۋامىدا ئۆزئارا قوللاپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش داۋامىدا قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىرلىكتە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ماڭدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن - ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن جۇڭگو بىلەن ۋيېتنامنىڭ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردى، ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بىرلىكتە ئىككى پارتىيەنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «16 خەتلىك» فاڭجېن ۋە «ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى ھەمراھ» روھىغا ئەمەل قىلىپ، «ئالتە تېخىمۇ» ئومۇمىي نىشانى بويىچە يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسى ۋە تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىزم تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، جۇڭگو - ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىش، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.