تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەنسەي بەل دۇمبىقى باھار بايرىمىغا تۈس قوشتى

شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا

ئەنسەي بەل دۇمبىقى باھار بايرىمىغا تۈس قوشتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سو رۇڭجى

بۇ يىلقى باھار بايرىمى دۇنيا «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى نۇسخىسى»دىكى تۇنجى باھار بايرىمى بولۇپ، يىسى يىلان يىلىدىكى باھار بايرىمى كەيپىياتى ئادەتتىن تاشقىرى قويۇق بولدى. 1 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى باھار بايرىمىنىڭ 2 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى. ئەتراپقا نەزەر سالغاندا، بۇ جاينىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ ـ پۇچقاقلىرىغىچە پانۇس ۋە رەڭلىك لېنتىلار ئېسىلغانىدى، ئېگىز ئېسىلغان چوڭ قىزىل پانۇسلار ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە ئىمارەتلەر بىلەن بىر ـ بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى، ھەممە جاي شاد ـ خۇراملىققا ۋە بايرام كەيپىياتىغا تولغانىدى.

سائەت 12دە، شادىيانە، جۇشقۇن مۇزىكا ياڭراپ، «چوڭ بازاردا باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈش» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى. چىرايلىق مىللىي كىيىم ـ كېچەكلەرنى كىيگەن ئۇسسۇلچىلار خۇددى پورەكلەپ ئېچىلغان گۈلدەك پۈتۈن چوڭ بازارنى بىردىنلا نۇرلاندۇرۇۋەتتى. ئۇيغۇر ئۇسسۇلى لەرزان، نەپىس بولۇپ، ئۇسسۇلچىلار ئۇسسۇلغا چۈشكەندە كۆڭلەكلىرى لەپىلدەيتتى، قاش ـ كۆزلىرى ئويناپ تۇراتتى، چىرايىدىن جۇشقۇنلۇق چىقىپ تۇراتتى؛ قازاق ئۇسسۇلى مەردانە، ئەركىن، قەدەملىرى يەڭگىل، كۈچلۈك بولۇپ، يايلاق ئوغۇل ـ قىزلىرىنىڭ جۇشقۇن ئىرادىسى نامايان بولۇپ تۇراتتى؛ موڭغۇل ئۇسسۇلىدا قاتتىقلىق بىلەن يۇمشاقلىق ماسلاشقان، ھەرىكىتى مەردانە بولۇپ، ئۇنىڭدىن تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈش ۋە ئىنتىلىش ئىپادىلىنىپ تۇراتتى... ھەر مىللەت ئۇسسۇلچىلار كامالەتكە يەتكەن ماھارىتى ۋە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقى بىلەن نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان كۆرۈش سېزىمى ۋە ئاڭلاش سېزىمىغا ئىگە كاتتا مەرىكە سۇنۇپ، قىزغىن چاۋاك ۋە ماختاشقا ئېرىشتى.

شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر شىنجاڭ مىللەتلەر ئۇسسۇلىنىڭ جەلپكارلىقىغا چۆمگەن پەيتتە، باھار گۈلدۈرمامىسىدەك ھەيۋەتلىك دۇمباق ئاۋازى ياڭرىدى، ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىغاندا، بىر توپ بەل دۇمباقچىلار بېشىغا ئاق لۆڭگە چىگىپ، بېلىگە قىزىل بەل دۇمباق ئېسىپ، دۇمباق ساداسى ئىچىدە ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، سۇمباتلىق ۋە كۈچلۈك ئۇسسۇل قەدىمى بىلەن تۈمەن تۇلپار بەيگىگە چۈشكەن جۇشقۇن قىياپەتنى نامايان قىلىپ، نەق مەيداندىكى كەيپىياتنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. تاماشىبىنلار بەس ـ بەستە يان تېلېفونلىرىنى چىقىرىپ بۇ قالتىس دەقىقىلەرنى خاتىرىلىدى، پۈتكۈل چوڭ بازار شادلىق دېڭىزىغا چۆمدى.

كىشىلەر توپى ئارىسىدا، ۋۇشىدىن كەلگەن ساياھەتچى نىڭ شياۋشياۋ يان تېلېفونىنى چىقىرىپ پۈتكۈل ئويۇن جەريانىنى سىنغا ئالدى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ مەيدان ئويۇندىن ھەيران قالدىم، بۇنى سىنغا ئېلىپ يىراقتىكى ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوست ـ بۇرادەرلىرىمگە بۇ كۆرۈش ـ ئاڭلاش كاتتا مەرىكىسىنى ھېس قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

«بەك قالتىس بولدى! بۇ ئويۇننى كۆرۈپ تولىمۇ ھاياجانلاندىم، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي ئەگىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشتۈم. شىنجاڭدا ئەنسەي بەل دۇمبىقىنى كۆرەلەيدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.» لەنجوۋدىن ئۈرۈمچىدىكى تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە باھار بايرىمى ئۆتكۈزگىلى كەلگەن دۇەن ئەپەندى بىر تەرەپتىن كۆرگەچ، بىر تەرەپتىن ئىككى بالىسىغا چۈشەندۈرۈۋاتاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەنسەي بەل دۇمبىقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، 2006 ـ يىلى تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

تاماشىبىنلار قانچە قىزغىن بولسا، ئۇسسۇلچىلار شۇنچە قايناق ھېسسىياتقا تولىدۇ. چوڭ بازاردىكى پىيادىلەر كوچىسىنى بويلاپ، ئارتىسلار ماڭغاچ ئۇسسۇل ئوينىدى. تاماشىبىنلارمۇ ئارتىسلارنىڭ ئۇسسۇل قەدىمىگە ئەگىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشتى. «سەنگېگې» ئەنسەي بەل دۇمبىقى ئويۇن قويۇش ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى ۋاڭ شىخۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بىز كۆپ قېتىم ئالتاي، قەشقەر قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئويۇن قويغانىدۇق، بۇ بىزنىڭ شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا تۇنجى قېتىم ئويۇن قويۇشىمىز.

«سەنگېگې» ئەنسەي بەل دۇمبىقى ئويۇن قويۇش ئۆمىكىدە 30 ئارتىس بار بولۇپ، يېشى 13 ياشتىن 70 ياشقىچە. «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى باھار بايرىمىدا، بىز جەلپكارلىققا ئىگە ئەنسەي بەل دۇمبىقىنى شىنجاڭغا ئېلىپ كەلدۇق، بۇ جايدىكى كۆپ خىل مەدەنىيەت بىلەن ئۇچرىشىش بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا تېپىلغۇسىز پۇرسەت.» ۋاڭ شىخۇ مۇنداق دېدى: غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى جەلپكارلىقىغا تولغان بۇ باھار بايرىمىدا، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتىكى چوڭ سەھنىگە ئايلىنىپ، كىشىلەرگە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنىنى ھېس قىلدۇردى.

(خەۋەرلەرگە قوشۇپ بېرىلگەن مۇخبىرلارنىڭ باش سۈرىتى AI ئارقىلىق كارتون رەسىمگە ئايلاندۇرۇلدى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.