تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

پويىزدىكى «باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» يولۇچىلارنىڭ ئۆيىگە قايتىش يولىنى ئىللىتتى

1-ئاينىڭ 27-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار يولۇچىلارغا بەنشىر سوۋغا قىلدى ۋە باھار بايرىمىلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (شۈ شۈەي فوتوسى)

   باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، بىر مەيدان ئالاھىدە «باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» چىچىخاردىن بېيجىڭغا قاتنايدىغان T48 قېتىملىق پويىزدا ئۆتكۈزۈلدى. پويىز خىزمەتچى خادىملىرى ناخشا-ئۇسسۇل ئورۇنلاش، «福»خېتى يېزىش، بەنشىر سوۋغا قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق يولۇچىلارغا بۇ كۆچمە چوڭ ئائىلىدە ئىللىقلىققا تولغان باھار بايرىمى كەيپىياتىنى ھېس قىلدۇردى.

1-ئاينىڭ 27-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار كىچىك يولۇچىغا «福»خېتى يېزىشنى ئۆگەتمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (شۈ شۈەي فوتوسى)

1-ئاينىڭ 27-كۈنى، T48 قېتىملىق پويىزدىكى يولۇچىلار بىلەن پويىز خىزمەتچى خادىملىرى ئوپچە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (شۈ شۈەي فوتوسى)

1-ئاينىڭ 27-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار يولۇچىلارغا «يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن» ناملىق ئۇسسۇلنى ئورۇنلاپ بەرمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (شۈ شۈەي فوتوسى)

«شىنخۇا تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.