تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

خۇشاللىق! يىپەك گۈل بەختلىك تۇرمۇشقا تېخىمۇ ھۆسن قوشتى

   1-ئاينىڭ 25-كۈنى، كورلا شەھىرى لەڭگەر يېزىسى جەپەر كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى قۇۋانخان قايىر ئېرى بىلەن يىپەك گۈل ياسىماقتا.

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ لىخۇا خەۋىرى، فوتوسى) 1-ئاينىڭ 25-كۈنى، كورلا شەھىرى لەڭگەر يېزىسى جەپەر كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى قۇۋانخان قايىر ئۆيىدە يىپەك گۈل ياسىدى. باھار بايرىمى كېلەي دەپ قالدى، يىپەك گۈل سېتىۋالىدىغان خېرىدارلارمۇ كۆپەيدى، ئۇنىڭ ئۆيى رەڭگارەڭ يىپەك گۈللەر بىلەن توشۇپ، خۇشال-خۇرام بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەندى.

   قۇۋانخان مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 2024-يىلى مەن كورلا شەھىرىدىكى بىر گۈل دۇكىنىغا بېرىپ مەخسۇس گۈل تىزىشنى ئۆگەندىم، ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن بازارغا بېرىپ ماتېرىيال سېتىۋېلىپ، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ ئۆيدە يىپەك گۈل ياسىدىم.

1-ئاينىڭ 25-كۈنى، كورلا شەھىرى لەڭگەر يېزىسى جەپەر كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى قۇۋانخان قايىر  يىپەك گۈل ياسىماقتا. 

   قۇۋانخان تىزىپ ياسىغان يىپەك گۈل كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، بۈگۈنكى كۈندە، 500 نەچچە دەستە(سېۋەت) سېتىلىپ، 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلدى. قۇۋانخان يىپەك گۈل ياساش بىلەن بىللە، يەنە يېزا-كەنتلەرنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتەك ياخشى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، يازدا ئۆيىدىكى ئۈجمىلەرنى ئۈزۈپ ساياھەتچىلەرگە سېتىپ، بىر يىلدا خېلى كۆپ كىرىم قىلدى.

   1-ئاينىڭ 25-كۈنى، كورلا شەھىرى لەڭگەر يېزىسى جەپەر كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى قۇۋانخان قايىر ئۆزى ياسىغان چوڭ ئەتىرگۈل سېۋىتىنى كۆرسەتمەكتە.

  «يىپەك گۈل ياساش ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئىش، كىرىمنى ئاشۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يىپەك گۈل ياساش جەريانىدا گۈزەللىكتىن بەھرىمەن بولۇپ، كەيپىياتنى خۇشال قىلغىلى بولىدۇ!»، دېدى قۇۋانخان خۇشال ھالدا.

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.