https://tnews.xjmty.com/app/slyapp/yx/202501/t20250126_26442381.html?cid=26442381&sid=149&ctype=article&uid=X597BUpYIy
مەنبە: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئىجادىيىتى
قىزىل شايى لەپىلدەپ، ئاپئاق قار بىلەن بىر-بىرىنى جۇلالاندۇردى، ئوماق بالىلار ئەجدىھا ئۇسسۇلى ئويناپ باھار بايرىمىنى كۈتۈۋالدى.
باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى شاد ـ خۇراملىققا چۆمدى. بىر «كىچىك ئەجدىھا» ئوماق بالىلارنىڭ ئوينىتىشىدا ئۇسسۇلغا چۈشتى؛ كوچا ئويۇنى ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئېسىل كىيىملىرىنى كىيىپ، شوخ ياڭگىر ئۇسسۇلى، ھەيۋەتلىك ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى ئويناپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن دېھقانلار كالىندارى بويىچە يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدى.
ئوماق بالىلار كوچا ئويۇنى ئوينىدى
1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئوماق بالىلار كوچا ئويۇنى ئەترىتى ئەجدىھا ئۇسسۇلى ئوينىماقتا. شۇ كۈنى، «داقا-دۇمباق چېلىندى ئەجدىھا ئۇسسۇلى ئوينالدى» ئۈرۈمچى كوچا ئويۇنى بىلەن باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىنىڭ سايباغ رايونى شۆبە مەيدانى بىرلەشمە مۇسابىقىسى خەلق باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونى، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)، ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىن كەلگەن كوچا ئويۇنى ئەترەتلىرىنىڭ 800دىن ئارتۇق ئەزاسى بىر مەيدان ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەن بىرلەشمە ئويۇن قويدى. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى، خەۋىرى
شىچۈ ئېيتىپ باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش
1-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچ، يۈجۈ تىياتىرى «مۇ گۇييىڭنىڭ قوماندانلىق قىلىشى» نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارغا شىچۈ تىياتىرىنىڭ سېھرىي كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. شۇ كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، كورلا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن 2025-يىللىق «مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزۈش بىرلىكتە جەم بولۇپ باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈش» باھار بايرىمىلىق تىياتىر كېچىلىكى كورلا شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ لىخۇا فوتوسى
مۇز ئۈستىدە قوغلىشىش
1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ماھىرلار ئەرلەر B گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ قوغلىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق 2-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسى شىنجاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزىدە باشلاندى. تۆت كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئۈرۈمچى شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 11 ۋەكىللەر كوماندىسىدىكى 127 تەنھەرىكەتچى بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىر مەيدان سۈرئەت ۋە ماھارەت جەھەتتە كۈچ سىناشتى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى
قار مەيدانىدىكى قايناق ھېسسىيات
1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، تەنھەرىكەتچىلەر يەككە تاختىدا قار تېيىلىش پاراللېل چوڭ ئايلىنىش مۇسابىقىسىدە. شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 2 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يەككە تاختىدا قار تېيىلىش مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى ناھىيەسىگە جايلاشقان يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى قار تېيىلىش مەيدانىدا قىزغىن كەيپىياتتا باشلاندى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىن كەلگەن 12 كوماندىدىكى 77 تەنھەرىكەتچى قاتناشتى، مۇسابىقە ۋاقتى 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 1- ئاينىڭ 22 - كۈنىگىچە بولىدۇ. مۇسابىقە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ يېشىغا ئاساسەن A گۇرۇپپا، B گۇرۇپپا، C گۇرۇپپىغا بۆلۈنىدۇ، ھەر بىر گۇرۇپپىدا ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ پاراللېل چوڭ ئايلىنىش، توسالغۇدىن قوغلاش ۋە ئارىلاشما كوللېكتىپ توسۇقتىن ئۆتۈپ قوغلىشىشتىن ئىبارەت ئۈچ كىچىك تۈر تەسىس قىلىنغان. جاڭ فۇشىن فوتوسى
مۇز توپ تالىشىش
1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، B گۇرۇپپا ئەرلەر مۇز توپ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ئۈرۈمچى شەھىرى كوماندىسى مەيدانغا چۈشۈش ئالدىدا. شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 2 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇز توپ مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە بەش كۈن داۋاملىشىدۇ، مۇسابىقە تۈرى A گۇرۇپپىنىڭ ئەرلەر مۇز توپ مۇسابىقىسى، ئاياللار مۇز توپ مۇسابىقىسى؛ B گۇرۇپپىنىڭ ئەرلەر مۇز توپ، ئاياللار مۇز توپ مۇسابىقىسى بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى، قاراماي شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئالتە ۋەكىللەر كوماندىسى قاتناشتى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى
باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىگە ئۇسسۇل ئويناش
1-ئاينىڭ 20-كۈنى، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كىچىك ماھىرلار ئۇسسۇل ھەرىكىتىنى مەشىق قىلماقتا. شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى تىيانشان ۋەنكې مەيدانىدا «مەن باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىگە قاتنىشىمەن» تېمىسىدىكى ئۇسسۇل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت يېڭى دەۋردىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاكتىپ ئىلگىرىلەيدىغان، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يۇقىرى ئۆرلەيدىغان روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىشتىن سىرتقى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، كەڭ ئاممىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى داۋاملىق قوزغاش ئۈچۈندۇر. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى
سۈرەت كەبى نارا بۇلىقى
1-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ ئالمىلىق بازىرىغا جايلاشقان نارا بۇلىقى مەنزىرە رايونىنى بۇلۇت ۋە تۇمانلار قاپلاپ، خىيالىي تۈسكە كىردى. جاڭ ۋېنتىڭ فوتوسى
ياشانغاندا يۆلەنچۈكى بولۇش
1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، شىخۇ شەھىرى خاتۇبۇ بازىرى لاماچاسى كەنتىدىكى ياشانغانلارغا ياردەم بېرىش مۇلازىمەت مەركىزىدە ياشانغانلار پارتىيەلىك پىدائىيلار بىلەن پاراڭلاشماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىخۇ شەھىرى ياشانغانلارنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىللاشقان، سۈپەتلىك كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، شەھەر - يېزىلاردا گىرەلەشمە كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزى، كۈندۈزلۈك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزى، ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزى، «ياشانغانلار، بالىلار» بەخت ھويلىسى ۋە ياشانغانلار ئاشخانىسى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى پائال قۇردى ھەم جەمئىيەت كۈچلىرى ۋە پىدائىيلار تەشكىلاتىغا تايىنىپ، كۈتۈنۈش بىلەن تەمىنلەش «مۇلازىمەت چەمبىرىكى»نى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، ياشانغانلارنى ئىشىكى ئالدىدىلا ئەلا سۈپەتلىك، قولايلىق كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈردى. .لى رېنشى فوتوسى