1-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە، «ئانار دەرىخى» ناملىق ناخشا ئورۇنلاندى.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شيۇڭشىن فوتوسى، خەۋىرى) «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن تۇنجى باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، كاتتا بايرام كەيپىياتىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن پايدىلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى، شىنجاڭمۇ بالدۇرلا «باھار بايرىمىلىق كەيپىيات ئەندىزىسى»نى ئاچتى. 1-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە، «ھەممە ئائىلىلەر شادلىققا تولۇش بۇلۇتتا جەم بولۇش» 2025-يىللىق شىنجاڭ ئائىلە تور باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكى ئۈرۈمچى چوڭ تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىمقى كېچىلىك ئىتۇت، شىچۈ تىياتىرى، كۆرۈنۈشلۈك تىياتىر، ئېيتىشىش، ناخشا قاتارلىق كۆپ خىل سەنئەت شەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، نەق مەيداندىكى ۋە توردىكى تاماشىبىنلارنى باھار بايرىمى شادلىقىغا چۆمدۈردى.
«مېنىڭ ئۆيۈم خوتەندە، ئادەتتە دائىم دوۋيىن، كۇەيشوۋ، ۋېيبو، شياۋخۇڭشۇ قاتارلىق تور سۇپىلىرىدا ئاپام بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئائىت بىر قىسىم سىن كۆرۈنۈشلىرىنى تارقىتىمەن. ئانام بۇنداق چوڭ تىپتىكى پائالىيەتكە تۇنجى قېتىم قاتنىشىپ بەكلا خۇشال بولۇپ كەتتى» دېدى تور دارېنى ئايتۇنە ئابلىكىم.
2025-يىللىق شىنجاڭ ئائىلە تور باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاياللار بىرلەشمىسى، ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى)، شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزدى، شىنجاڭ ئالاقە تورى ساھەسى بىرلەشمىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى كونكرېت ئۈستىگە ئېلىپ ئۆتكۈزدى.
1-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە، «مېنىڭ ئالتىيىم»نىڭ باش تېما مۇزىكىسىنى ئىجاد قىلغۇچىلار نەق مەيداندا «ئاي نۇرى» دېگەن ناخشىنى ئورۇنلىماقتا.
1-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە، «گۈللۈك پوتا» ناملىق ئۇسسۇل ئوينالماقتا.
1-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە، «بەخت تېز يوللانمىسى» ناملىق ئىتۇت ئورۇنلانماقتا.
1-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە، «كۈسەندىكى داپ ساداسى» ناملىق سېرىك ئويۇنى ئورۇنلانماقتا.
1-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە، «توي» ناملىق چوڭ تىپتىكى كۆرۈنۈشلۈك تىياتىر ئورۇنلانماقتا.
1-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە، ئۆسمۈرلەر جىڭجۈ تىياتىرى «قالتىس ئويۇن»نى ئورۇنلىماقتا.
1-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە، «مەن بىلەن شىنجاڭغا كېلىڭ» ناملىق ناخشا-ئۇسسۇل ئورۇنلانماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى