مەنبە: تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
1-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا بارىدىغان Z70 قېتىملىق پويىز تەييۈەن جەنۇبىي ۋوگزالىدا ۋاقىتلىق توختىغاندىن كېيىن، نۆۋەتچى پويىز باشلىقى شيې تيەنتيەن يولغا چىقىشقا قوماندانلىق قىلماقتا.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې، ئىختىيارىي مۇخبىر يەن رۇيلىن فوتوسى، خەۋىرى) «بۇ يىللىق باھار بايرىمىنى مەن پويىزدا ئۆتكۈزىمەن، جاڭيې ۋوگزالىدا ئاتا-ئانام بىلەن كۆرۈشۈۋالدىم» دېدى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا بارىدىغان Z70 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزنىڭ پويىز خادىمى چېن لىپىڭ.
2003-يىلى تۇغۇلغان چېن لىپىڭنىڭ ئۆيى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جاڭيې شەھىرىدە بولۇپ، 2024-يىلى داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بېيجىڭ پويىز ئەترىتى 2-گۇرۇپپىسىغا خىزمەتكە چۈشكەن، بۇ يىل ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشقا قاتنىشىشى. «چېن لىپىڭ تېتىك، ئوچۇق-يورۇق، خىزمەتتە ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن، تىرىشچان، يولۇچىلارغا قىزغىن، ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىدۇ» دېدى نۆۋەتچى پويىز باشلىقى شيې تيەنتيەن.
باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بېيجىڭ پويىز ئەترىتى 2-گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق خادىملار دەم ئېلىشتىن ۋاز كېچىپ، ئومۇمىي سەپ بويىچە ئىش ئورنىغا چىقتى. «پويىزدا مۇلازىمەت يېتەكلەش تاختىسى، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت ساندۇقى، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش مەخسۇس ئورۇندۇقى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەربىر يولۇچىغا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇلازىمەت قىلىمىز» دېدى پويىز باشلىقى شيې خۇي.
بۇ يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى تۇنجى قېتىم «تىيانشان قار لەيلىسى» يولۇچى توشۇش مۇلازىمەت داڭلىق ماركىسىنى يولغا قويۇپ، مۇلازىمەت مەزمۇنىنى بېيىتىش، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، ھەربىر يولۇچىنى تېخىمۇ ئىللىق، ئازادە، قولايلىق سەپەرگە چىقىش تەسىراتىغا ئىگە قىلدى.
1-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا بارىدىغان Z70 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزدا، پويىز خادىمى چېن لىپىڭ كىچىك دوستلارغا بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى بەرمەكتە.
1-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا بارىدىغان Z70 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزدا، پويىز خادىملىرى يولۇچىلارنىڭ يۈك-تاقلىرىنى رەتلىمەكتە.
1-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا بارىدىغان Z70 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزدا، پويىز خادىمى ئايگۈل مەمتىمىن نۇقتىلىق يولۇچىغا سۇ ئەكىلىپ بەردى.
1-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا بارىدىغان Z70 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزدا، سەھىيە خادىملىرى يولۇچىلارغا دورا ئىزدىمەكتە.
1-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا بارىدىغان Z70 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزدا، پويىز خادىملىرى تازىلىق قىلماقتا.
1-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا بارىدىغان Z70 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزدا، پويىز خادىمى چېن لىپىڭ (ئوڭدىن 1-كىشى) ئۇستازى زوۋ دەنۋېنغا ئەگىشىپ بېلەت تولۇقلاش كەسپىنى بېجىرىشنى ئۆگەنمەكتە.
1-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا بارىدىغان Z70 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز دىڭبيەن ۋوگزالىغا يېتىپ كەلدى، پويىز خادىمى يولۇچىلارنىڭ پويىزدىن چۈشۈشىگە ھەمدەم بولماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى