تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۆرپ-ئادەت كۆرگەزمىسى باشلاندى

1-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئوماق بالىلار غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۆرپ-ئادەت كۆرگەزمىسىدە باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ئۇسسۇلى ئوينىماقتا.

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر تاڭ يۇڭ فوتوسى ۋە  خەۋىرى) 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، «شىنجاڭ ياخشى جاي − 12-نۆۋەتلىك تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۆرپ-ئادەت كۆرگەزمىسى» شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىدا باشلاندى. پائالىيەتتە «خەنزۇچە خەتتىكى باھار بايرىمىلىق ئۆرپ-ئادەت» چۆرىدىلىپ، بەخت-سائادەتكە سېمۋول قىلىنغان ئون خەت باش تېما قىلىنىپ، كۆپ خىل شەكىلدە باھار بايرىمىلىق ئەنئەنىۋى ئۆرپ ـ ئادەت ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ سېھرىي كۈچى نامايان قىلىندى.

   ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئارقىلىق باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش»نى باش تېما قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدا تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۆرپ-ئادەت كۆرگەزمىسى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان، بۇ پائالىيەت 37 كۈن داۋاملىشىدىكەن، توردا ۋە تور سىرتىدا تۈرلۈك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتىدىن 228 تۈر قانات يايدۇرۇلىدىكەن.

1-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئامما غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۆرپ-ئادەت كۆرگەزمىسىدە كوچا ئويۇنى ئوينىماقتا.

1-ئاينىڭ 24-كۈنى، كىچىك دوستلار غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۆرپ-ئادەت كۆرگەزمىسىدە جىڭجۈ تىياتىرى ئورۇنلىماقتا.

1-ئاينىڭ 24-كۈنى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرى ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش رايونىدا نۇسخا چۈشۈرۈش ھۈنىرىنى نامايان قىلماقتا.

1-ئاينىڭ 24-كۈنى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسى ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش رايونىدا كىچىك دوستلارغا قەغەز قىيما قىيىشنى ئۆگەتمەكتە.

1-ئاينىڭ 24-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۆرپ-ئادەت كۆرگەزمىسىدە سۈرەتكە تارتماقتا.

1-ئاينىڭ 24-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۆرپ-ئادەت كۆرگەزمىسىدە.

1-ئاينىڭ 24-كۈنى، كىچىك دوستلار ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش رايونىدا خېمىر ھەيكەل ياساشنى ئۆگەنمەكتە.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.