شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋمى خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، دېھقانلار كالېندارى بويىچە 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى بولۇپ، شىمال تەرەپنىڭ كىچىك يىلى. شۇ كۈنى، «يولغا چىقايلى شىنجاڭ، ساياھەت ئارقىلىق باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش، ئىستىراھەت ئارقىلىق باھار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش» بويىچە 2025 - يىللىق باھار بايرىمىلىق ساياھەت - ئىستىراھەت تەشۋىقاتىنى كېڭەيتىش پائالىيىتى باشلاندى.
باھار بايرىمى كەيپىياتى قەيەردە؟ پائالىيەت نەق مەيدانىدا باھار بايرىمى مەزگىلىدە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قار - مۇز ساياھەت مۇسابىقە ئىشلىرى، ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، خەلق ئۆرپ - ئادەت پائالىيىتى قاتارلىقلارنىڭ ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەم كونكرېت مەزمۇنى ئېلان قىلىندى، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتىدىكى مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرى باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتى، ساياھەت لىنىيەسى، ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ تونۇشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، كۆپچىلىكنى باشلاپ ھەرقايسى جايلارنىڭ قويۇق باھار بايرىمى كەيپىياتىنى ئىزدەيدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر يۈ جيې مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل، شىنجاڭ ساياھەتنى ۋاسىتە، ئىستىراھەتنى ھەمراھ قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما ۋە كەڭ ساياھەتچىلەرگە باھار بايرىمىنى شاد - خۇرام، ئىناق ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدۇ.
يېڭى يىلدىن 2 - ئاينىڭ 12 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى «تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا باھار بايرىمىنى تەبرىكلەپ، باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈش» 2025 - يىللىق باھار بايرىمى باش تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتىنى پىلانلاپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» 12 - نۆۋەتلىك تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۆرپ - ئادەت كۆرگەزمىسى، 2025 - يىللىق باھار بايرىمىلىق مۇزىكا كېچىلىكى قاتارلىق 53 تۈرلۈك «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش» پائالىيىتىنى ئۆتكۈزىدۇ. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئارقا - ئارقىدىن قەدىمىي شەھەردە باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈش، جۇڭگو پانۇسى يورۇتۇش، باھار بايرىمىلىق بازار ئايلىنىش قاتارلىق 727 مەيدان مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار باھار بايرىمىلىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بۇ يىل قىشتا، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ئارقا - ئارقىدىن «قار - مۇزلۇقتا ئىزدەپ ئۇچرىشىش» شىمالىي شىنجاڭدا چوڭقۇرلاپ ساياھەت قىلىش، «يىپەك يولىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ» ئۆرپ - ئادەت قىشلىق سەپىرى قاتارلىق شىنجاڭنىڭ قىشلىق 16 سەرخىل ساياھەت لىنىيەسىنى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ قىشلىق تەبىئىي مەنزىرىسى، خەلق ئۆرپ - ئادىتى، تارىخىي مەدەنىيىتىنى تۇتاشتۇرۇپ لىنىيە ھاسىل قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپ، يىپەك يولىدىكى ئۆرپ - ئادەتلەرنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «شىنجاڭ 2024 قار - مۇز ساياھىتى چوڭ سوۋغىتى»، 12 مىليون 500 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمال بېلىتى ھەمدە 153 تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرىنى يولغا قويىدۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى نۇقتىلىق قار تېيىلىش مەيدانلىرى، مەنزىرە رايونلىرى، مېھمانساراي قاتارلىقلار باھانى چۈشۈرۈش، نەرسە كېرەك سېتىۋېلىپ مەلۇم سوممىغا يەتسە باھادا ئېتىبار بېرىش، ياردەم پۇلى بېرىش، ئالاھىدە باھا قاتارلىق ئېتىبارلارنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرگە بىخەتەر، ئازادە، قولاي ساياھەت مۇھىتى يارىتىپ بېرىدۇ.
شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى باھار بايرىمى باش تېمىسىدىكى 12 سەرخىل لىنىيەنى ئالاھىدە پىلانلىدى، ئىلى ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى ھەرقايسىسى ئالتە سەرخىل لىنىيەنى يولغا قويۇپ، كۆپچىلىكنى شىنجاڭغا كېلىپ باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىشقا سەمىمىي تەكلىپ قىلدى.