ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل باھار بايرىمى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلققە قولايلىق يارىتىدىغان، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلققە پايدا يەتكۈزىدىغان سەككىز تۈرلۈك تەدبىرنى سىجىل يولغا قويۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن خۇشال-خۇرام، ئىناق، شادلىققا تولغان باھار بايرىمى كەيپىياتى يارىتىپ، شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەرگە باھار بايرىمىلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەيدۇ.
تەدبىردە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شەھەر دەرىجىلىك ۋە ھەرقايسى رايون (ناھىيە)لاردىن باھار بايرىمى مەزگىلىدە 24 سائەتلىك ساياھەتچىلىككە دائىر ئەرز قىلىش مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىدىن جەمئىي توققۇزى تەسىس قىلىنىپ، تۈرلۈك ساياھەتچىلىككە دائىر ئەرزلەر تېز قوبۇل قىلىنىپ ۋە بىر تەرەپ قىلىنىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئىستېمالنى ھېس قىلىش تۇيغۇسى ئاشۇرۇلىدۇ.
12315 ئەرز قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونى ئاساسىدا، بايرام، دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا دائىر ئەرز قىلىش تېلېفونىدىن ئىككىسى يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، تۈرلۈك ئىستېمال ئەرزلىرى ۋە قانۇنغا خىلاپ يىپ ئۇچى تېز قوبۇل قىلىنىدۇ ۋە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. تىيانشان رايونىدىكى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار، سايباغ رايونىدىكى دوستلۇق سودا سارىيى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) يۈنشەن . چېڭشى ئاۋلەي، سەيبوتې ئاپتوموبىل شەھەرچىسى، شىمىگۇ رايونىدىكى ۋۇيۆ مەيدانى، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى ۋەندا مەيدانىدا ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش پونكىتى تەسىس قىلىنىپ، ئىستېمالغا دائىر تۈرلۈك ئەرز قىلىش، پاش قىلىش ئىشلىرى نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى ساياھەتچىلىككە دائىر توققۇز ئەرز قىلىش مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى