تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە باھار بايرىمى مەزگىلىدە ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ھويلىسىدىكى 6000 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى سىرتقا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

    1-ئاينىڭ 23-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل باھار بايرىمى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە پايدا يەتكۈزۈشكە دائىر سەككىز تۈرلۈك تەدبىرنى سىجىل يولغا قويۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن خۇشال-خۇرام، ئىناق، كۆڭۈللۈك باھار بايرىمى كەيپىياتى يارىتىپ، شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەرگە باھار بايرىمىلىق گۈزەل تىلەكلەرنى سۇنىدىكەن.

    تەدبىردە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىدىن «ئورتاق بەھرىلىنىش» كۆرسىتىلدى. مەركىزىي شەھەر رايونىدىكى شارائىتى بار ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ھويلىلىرى باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە سىرتقا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدىكەن، ئېچىۋېتىلگەن ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى 6000دىن ئاز بولمايدىكەن.

   شەھەر رايونىدىكى ئادەم ئېقىمى، ئاپتوموبىل ئېقىمى زىچ ۋە ئاپتوموبىل توختىتىشتا تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت گەۋدىلىك بولغان 19 سودا چەمبىرىكى ۋە ئىككى قار-مۇز پائالىيەت رايونى ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدا، ۋاقىتلىق ئاپتوموبىل توختىتىشقا بولىدىغان 34 يول بۆلىكى تەسىس قىلىنىدىكەن، ئاپتوموبىللارنىڭ يولنىڭ يان تەرىپىدە ۋاقىتلىق توختىتىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدىكەن.

    20 مىڭ تاكسى ۋە تور تاكسى تەقسىملىنىپ، خەلقئارا ئايروپورت، گاۋتيې ۋوگزالى، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى قاتارلىق قاتناش تۈگۈنلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن. دوستلۇق، تۆمۈريول ئىدارىسى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار قاتارلىق 13 چوڭ تىپتىكى سودا چەمبىرىكى ھەم ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ ئاممىۋى قاتناش تىجارەت قېتىم سانى كۆپەيتىلىپ، كەڭ شەھەر ئاھالىسى، ئامما ۋە ئۈرۈمچىگە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ يېشىل، تېز يۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىلىدىكەن.

   «يېنىك دەرىجىدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا جازالىماسلىق» ۋە «تۇنجى قېتىم قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا ئاگاھلاندۇرۇش» (گۇڭئەن مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى سىستېمىسىنىڭ ئاپتوماتىك تەكشۈرۈپ ھۆكۈم قىلىشى ئۆلچەم قىلىنىدۇ) يولغا قويۇلۇپ، قاتناشقا دائىر يېنىك دەرىجىدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا نەسىھەت قىلىش، ئاگاھلاندۇرۇش، تەربىيە بېرىش قاتارلىق يۇمشاق باشقۇرۇش ۋاسىتىلىرى قوللىنىلىدىكەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.