تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەردىن تاللانما | ئېگىزلىكتىكى بۈركۈت كۆندۈرگۈچىلەر

   ھەيۋەتلىك تىيانشان ئېتىكىدە، جەسۇر قىرغىز چارۋىچىلار ئوڭ بىلىكىدە بۈركۈتنى كۆتۈرۈپ، سول قولىدا چۇلۋۇر تۇتۇپ، قارلىق دالىدا ئارغىمىقىنى چاپتۇرغان، بۇ مەنزىرە خۇددى ھەيۋەتلىك ماي بوياق رەسىمگە ئوخشاش كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. 

   قىرغىز ئاممىسى ئىلگىرى كۆچمەن چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرەتتى، بۈركۈت ئۇلارنىڭ ياخشى ياردەمچىسى، ياخشى ھەمراھى ئىدى. ئۇزاق مەزگىللىك بۈركۈت كۆندۈرۈش تارىخىدا، قىرغىز ئاممىسىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن ياخشى ئەنئەنىسى بار، ئۇ بولسىمۇ تەبىئەتكە قويۇپ بېرىش. ئۇلار بۈركۈتنى بەش - ئالتە يىل كۆندۈرگەندىن كېيىن، تەبىئەتكە قويۇپ بېرىدۇ. 

   بۈگۈنكى كۈندە، قىرغىز ئاممىسى ئىلگىرىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىپ، مۇقىم ئولتۇراقلاشتى، تۇرمۇشىمۇ كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاندى. لېكىن بۈركۈت كۆندۈرۈش دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ناھايىتى ياخشى ساقلىنىپ قالدى. 

   بۇ يىل 80 ياشقا كىرگەن ئىبراھىم قۇرمانلال شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقچى ناھىيەسىدىكى داڭلىق بۈركۈت كۆندۈرگۈچى بولۇپ، بۈركۈت بېقىۋاتقىنىغا 52 يىل بولغان. ئۇ ئىككى ئوغلى ۋە ئۈچ نەۋرىسىنىمۇ بۈركۈت كۆندۈرۈش ماھىرى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقتى. 

ئىبراھىم قۇرمانلال بۇ يىل 80 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 52 يىل بۈركۈت باققان. 

ئىبراھىم قۇرمانلالنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئارزىباي ئىبراھىم بۈركۈتكە گۆش يېگۈزمەكتە. 

ئىبراھىم قۇرمانلالنىڭ كىچىك ئوغلى ۋە ئىككى نەۋرىسى بۈركۈت كۆندۈرمەكتە. 

بۈركۈت كۆندۈرگۈچى سېيىتبېك سىدىق ئەلى ۋە ئۇنىڭ بۈركۈتى. 

ئىبراھىم قۇرمانلالنىڭ نەۋرىسى ئورازبېك ئورۇزباي ۋە ئۆزى ئىككى يىلدىن ئارتۇق كۆندۈرگەن بۈركۈت. 

بۈركۈت كۆندۈرگۈچىلەر قىش پەسلىدە بىرلىكتە بۈركۈت كۆندۈرمەكتە. 

بۈركۈت كۆندۈرگۈچىلەر قىش پەسلىدە بىرلىكتە بۈركۈت كۆندۈرمەكتە. 

بۈركۈت كۆندۈرگۈچىلەر قىش پەسلىدە بىرلىكتە بۈركۈت كۆندۈرمەكتە. 

«كۆرۈش سېزىمىدىكى شىنجاڭ»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى 

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.