تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

جۇڭگو مەدەنىيەت سەپىرى | يولغا چىقايلى، شىنجاڭ! ساياھەت-ئىستىراھەت جەريانىدا «باھار بايرىمى كەيپىياتى»نى ئىزدەش

    مەنبە: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شياۋمى خەۋەر قىلىدۇ) 1-ئاينىڭ 22-كۈنى، دېھقانلار كالېندارى بويىچە 12-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىمالنىڭ كىچىك يىلى. «يولغا چىقايلى، شىنجاڭ   ساياھەت قىلىپ باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش  ئىستىراھەت قىلىپ باھار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش» 2025-يىللىق باھار بايرىمىلىق ساياھەت-ئىستىراھەت تەشۋىقات ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى باشلاندى.

1-ئاينىڭ 22-كۈنى، «يولغا چىقايلى، شىنجاڭ  ساياھەت قىلىپ باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش  ئىستىراھەت قىلىپ باھار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش» 2025-يىللىق باھار بايرىمىلىق ساياھەت-ئىستىراھەت تەشۋىقات ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى باشلاندى.

 ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تەشۋىقات ئالماشتۇرۇش مەركىزى تەمىنلىگەن سۈرەت 

    باھار بايرىمى پۇرىقى قەيەردە؟ پائالىيەت نەق مەيدانىدا باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قار-مۇز ساياھەت مۇسابىقىلىرى، ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى خەلق ئۆرپ-ئادىتى پائالىيەتلىرى قاتارلىق ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە كونكرېت مەزمۇنلار ئېلان قىلىندى، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت تارماقلىرى باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيەتلىرى، ساياھەت لىنىيەلىرى، ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ تونۇشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، كۆپچىلىككە جايلاردىكى قويۇق «باھار بايرىمى كەيپىياتى»نى ھېس قىلدۇردى.

   ​ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر يۈ جيې مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل شىنجاڭ ساياھەتنى ۋاسىتە، ئىستىراھەتنى جۆر قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما ۋە كەڭ ساياھەتچىلەرنى كاتتا باھار بايرىمىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

1-ئاينىڭ 22-كۈنى، «يولغا چىقايلى، شىنجاڭ  ساياھەت قىلىپ باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش  ئىستىراھەت قىلىپ باھار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش» 2025-يىللىق باھار بايرىمىلىق ساياھەت-ئىستىراھەت تەشۋىقات ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى نەق مەيدانى.

 ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تەشۋىقات ئالماشتۇرۇش مەركىزى تەمىنلىگەن سۈرەت

    يېڭى يىلدىن 2-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى «تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالىدا باھار بايرىمىنى تەبرىكلەپ، باھار بايرىمىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈش» 2025-يىللىق باھار بايرىمى باش تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيىتىنى پىلانلاپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» 12-نۆۋەتلىك تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالىدا باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى باھار بايرىمىلىق ئۆرپ-ئادەت كۆرگەزمىسى، 2025-يىللىق باھار بايرىمىلىق مۇزىكا كېچىلىكى قاتارلىق 53 تۈرلۈك «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش» پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قەدىمىي شەھەردە باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈش، جۇڭگو پانۇسى يېقىش، باھار بايرىمىلىق بازارغا بېرىش قاتارلىق 727 مەيدان مول مەزمۇنلۇق باھار بايرىمىلىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدۇ.

    بۇ يىل قىشتا، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ئارقا-ئارقىدىن «قار-مۇزدا ئۇچرىشىش» شىمالىي شىنجاڭنى «چوڭقۇرلاپ ساياھەت قىلىش»، «يىپەك يولى جەنۇبىي شىنجاڭ» ئۆرپ-ئادەت قىشلىق ساياھىتى قاتارلىق شىنجاڭنىڭ قىشلىق 16 ئېسىل ساياھەت لىنىيەسىنى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ قىشلىق تەبىئىي مەنزىرىسى، خەلق ئۆرپ-ئادىتى، تارىخىي مەدەنىيىتىنى تۇتاشتۇرۇپ لىنىيە ھاسىل قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندۇرۇپ، ئۇلارغا يىپەك يولى ئۆرپ-ئادىتىنى ھېس قىلدۇردى. «شىنجاڭنىڭ 2024-يىللىق قار-مۇز ساياھىتى چوڭ سوۋغىتى»، 12 مىليون 500 مىڭ يۈەنلىك مەدەنىيەت-ساياھەت ئىستېمال بېلىتى ھەم خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بويىچە 153 تۈرلۈك تەدبىر يولغا قويۇلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى نۇقتىلىق قار تېيىلىش مەيدانلىرى، مەنزىرە رايونلىرى، مېھمانسارايلار باھادا ئېتىبار بېرىش، مەلۇم سوممىغا يەتسە پۇلنى كېمەيتىش، ياردەم پۇلى بېرىش، ئالاھىدە باھا قاتارلىق ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرگە بىخەتەر، ئازادە، قولاي ساياھەت مۇھىتى يارىتىپ بەردى.

     شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى باھار بايرىمى باش تېمىسىدىكى 12 ئېسىل لىنىيەنى ئالاھىدە پىلانلىدى، ئىلى ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى ئالتە ئېسىل لىنىيەنى يولغا قويۇپ، كۆپچىلىكنى باھار بايرىمىنى شىنجاڭغا كېلىپ ئۆتكۈزۈپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان باھار بايرىمىلىق ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ھېس قىلىشقا سەمىمىي تەكلىپ قىلدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.