تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ قەلبلەرنى ئىللىتىش، بۇ يەردىكى كۇتۇپخانىغا كېلىپ باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈڭ

1-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق كۇتۇپخانىدا، غۇلجا شەھەرلىك خۇامېڭ سەنئەت تەربىيەلەش مەركىزى چەكلىك شىركىتىنىڭ كۇرسانتلىرى شېئىر دېكلاماتسىيە قىلماقتا.

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇڭ ۋېيگو فوتوسى، خەۋىرى) خەنفۇ تىكىشنى ھېس قىلىش، قەغەز قىيىش ماھارىتىنى ئۆگىنىش، قولدا يېزىلغان چۇنلىيەننى ھەقسىز ئېلىش، ئېسىل ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرۈش... 1-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق كۇتۇپخانا «مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ قەلبنى ئىللىتىش» − جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر قەدىمىي كىتابلار مەدەنىيەت ئىجادىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا بۇ يەردە كىتابنىڭ خۇش ھىدى تارالغان باھار بايرىمى كەيپىياتىنى ھېس قىلدۇردى.

    ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق كۇتۇپخانىنىڭ كۇتۇپخانا باشلىقى ما جىڭ مۇنداق دېدى: بۇ پائالىيەت دېھقانلار كالېندارى بويىچە باھار بايرىمىنىڭ 15-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ، بۇ مەزگىلدە تۈرلۈك تەتقىقات-ئۆگىنىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ، مەدەنىيەت ئىجادىيەت بازارلىرى كەينى-كەينىدىن ئېچىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، باھار بايرىمى مەزگىلىدە بۇ كۇتۇپخانا تاقالماي، ھەر مىللەت ئاممىغا ئازادە كىتاب ئوقۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىدۇ. 

پائالىيەت نەق مەيدانىدا، غۇلجا شەھىرىدىكى خەتتاتلىق ھەۋەسكارلىرى ھەر مىللەت ئاممىغا چۇنلىيەن، «福» خېتى يېزىپ بەردى.

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ناخشا-ئۇسسۇل تىياتىر ئورنى سەنئەت تەربىيەلەش مەركىزىدىكى جۇڭ جۈنرۇ يالغۇز كىشلىك گۇجېڭ نومۇرى ئورۇنلىماقتا.

بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۆزىنىڭ قەغەز قىيما ئەسىرىنى كۆرسەتمەكتە.

ئىككى كىچىك دوست مۇئەللىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە خەنفۇ تىكىش تەتقىقات-ئۆگىنىش پائالىيىتىگە قاتناشماقتا.

پائالىيەت نەق مەيدانى نۇرغۇن غۇلجا شەھەر ئاھالىلىرىنى سۈرەتكە تارتىپ داكا قىلىشقا جەلپ قىلدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.